-
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بىرقانچە تەكلىپ - [تەرمىلەر]
سۇيۇق- سەلەڭ، مايسىز يېمەك- ئىچمەك، يېڭى كۆكتات، سۈت، بېلىق، مېۋە- چېۋە ۋە پۇرچاق تىپىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، بەك تويغۇچە غىزالانماڭ. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، پىيادە مېڭىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ئادەم پىيادە يول يۈرگەندە جىسمانىي قۇۋۋەت ئاشىدۇ، مۇسكۇللار چېنىقىدۇ، قان ھەرىكىتى راۋان بولىدۇ، ئادەم ئىچكى ئورگانىزىمىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئاشىدۇ.
تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۆي ئىچى، ئىشخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. چۈنكى يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەندە تەن ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، كېسەل بولۇپ قالسىڭىز، يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق ۋە ئۆز بەدىنىڭىزدىكى ئىممونىتېت كۈچىڭىزگە تايىنىپ كېسەلنى يېڭىشكە تىرىشىڭ. مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇڭ. كۆكسى- قارنىڭىز كەڭ بولسۇن، تۇرمۇشىڭىزنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈڭ. مۇھىت ئاسراش ئېڭىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ. ئاتموسفېرا، سذ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. زىيانسىز، يېشىل يېمەكلىك، كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىڭ. كۆچەت تىكىش، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېشىللىق ئەھيا قىلىشقا ھەسسە قوشۇڭ. چۈنكى، يېشىللىق كۆپ بولسا ھاۋا ساپ بولىدۇ، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.
كۆپ ساندىكى قىزلار ئورۇقلاش ئۈچۈن مېۋىلەرنى تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇلدا ياخشى بولغان ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، تېرە يىرىكلىشىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. تاماقنىڭ تەركىبىدە مول بولغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار بولۇپ، تاماقنى ئازايتقانلىق ماينى كۆپەيتىش، ئاقسىل قاتارلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولمىغان تەركىبلەرنى كۆپەيتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ماي ۋە ئاقسىلنىڭ بەدەندىكى مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىنى پەيدا قىلىپ جىگەر، تېرە ھۈجەيرىسى قاتارلىقلارنىڭ نورمال فونكىسىيىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مېۋە تەركىبىدىكى قەنت ساپ قەنت بولۇپ، بىۋاستە سۈمۈرۈلىدۇ، مىقدارى ئېشىپ كەتسە قان قەنتتىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ ھەمدە ماي جىگەرگە يىغىلىپ قالىدۇ.