باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بىرىشتىن تۇغۇلغان ئويلار - [ئۇيغۇر ھەققىدە پاراڭ]

    ھالقىلىق سۆز :ئۇيغۇر

        مەن تۇرىۋاتقان يېزىدا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا 12 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. ئۈچ يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولماسلىق سەۋەبىدىن قوشىۋىتىش، تاقاش ئارقىلىق ھازىر بولسا ئاران ئالتە باشلانغۇچ مەكتەپ قالدى. نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى پىلانلىق تۇغۇت بولسا، يەنە بىرى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار باشقا يېزا-مەيدانلاردىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ «زىيالىي» ھىساپلىندىغان ئوقۇتقۇچى، كادىر-ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. شۇڭىمۇ قايسى بىر دانا «دېھقىنى بار مىللەت يۇقالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن. ئۆزىڭىز ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ، پەرزەنتىڭىزنى باشقا تىل مۇھىتىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلغانلىق، ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بولماي نېمە؟ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازايسا مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەر تاقىلىدۇ. مەكتەپلەر تاقالسا ئوقۇتقۇچى بولغان سىز نېمە ئىش قىلىسىز! مەن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن نېمە ئۈچۈن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇدىغانلقىنى سورىسام ھەممىسى «بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتساق كىيىن چوڭ بولسا خىزمەت تېپىشى ئاسان بولىدۇ، ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئىرىشەلەيدۇ» دەپ جاۋاب بىرىشتى. خەنزۇ تىلنى بىلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى نەچچە ۋاگون ئىشلەمچىلەر شىنجاڭغا ئىش ئىزلەپ كىلەرمىدى؟ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئالىملار ماقالىسىدىن سىتاتا ئېلىپ پايدىلانغان پەخىرلىك فىزىكا ئالىمىمىز ساھىبجامال دۆلەت خانىم، ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى بولغان ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالىم مۇتەخەسسىلىرىمىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنداقتا ئاشۇ سەبىي پەرزەنتلەر يات تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردىغان مەكتەپتە ئوقۇپ زادى نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ نېمىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ ئۇلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە خەنزۇ مەدەنىيىتىنى، خەنزۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆگىنىدۇ. بىر كۈنى ئىنىسى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئاغىينەمنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ئاغىينەمنىڭ ئىنىسى يۈگۈرۈپ كىرىپلا «ئاكا، ئاكا بىز مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ بىرنەچچە ئۇيغۇرنى ئۇرۋەتتۇق» دېدى. بىز نېمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق. شۇنىڭدىن كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئاغىنەم ئىنىسىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى. كاككۇك تۇخۇمىنى ئۆزىدىن كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇغۇپ قويىدىكەن. باشقا قۇش ئۇقماي كاككۇكنىڭ تۇخۇمىنى ئۆزىنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىللە باسىدىكەن. كاككۇك چۈجىسى ھېلىقى قۇشنىڭ چۈجىسىدىن بۇرۇنراق تۇخۇمدىن چىقىدىكەن ۋە تېز چوڭ بولىدىكەن. باشقا چۈجىلەر تۇخۇمدىن چىققاندىن كىيىن ئانا قۇشنىڭ تېپىپ كەلگەن ئۇزۇقى يىتىشمەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن كاككۇك چۈجىسى باشقا چۈجىلەرنى ئۇۋىدىن ئىتتىرىۋېتىپ ئۆلتۈرۋېتىدىكەن. بىچارە ئانا قۇش ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كاككۇك بالىسىنىڭ قۇرسقىنى بېقىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەن. كاككۇك بالىسىنىڭ قانات-قۇيرۇقى يىتىلگەندىن كىيىن بىچارە «ئانىسى» نى داغدا قۇيۇپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. بىز ھازىر پەرزەنتلىرىمىزنى كاككۇكقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ بەرگەن بىلەن, ئۇلار ھەرگىز كاككۇك چۈجىسىنى دورىيالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بېسىمى بىچارە پەرزەنتلىرىمىز كاتەكچىسىمان چەكسىز خەتلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنىگە نەچچە دەپتەرنى توشقۇزۇشنى كېرەك. ئەگەر تاپشۇرۇقنى ئۇرۇنلاپ بولالمىسا ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىقى، ئوقۇتقۇچىسنىڭ دەشناملىرى تەييار. شۇڭا 5-6 ياشلىق بالىلارنىڭ تارام-تارام يېغلاپ تۇرۇپ خەت يېزىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆردۈم. (ئەلۋەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ بار. بىراق ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس. ئاشۇنداق خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ دادىسىغا «دادا، مەن بارىمەن مەكتەپكە» دېگىننى ئاڭلىدىم. مەن «نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ مەن مەكتەپكە بارىمەن دەڭ» دېسەم، ئۇ «ۋو چۈ شۆ شاۋ دىگەننى ئاشۇنداق دەيدىغۇ» دېدى. قاراڭ ئۇنىڭ يالغۇز تىلىلا ئەمەس، تەپەككۇرىمۇ خەنزۇچىلشىپ كېتىپتۇ. مەكتەپتە خەنزۇچە مۇھىت، ئۆيىگە كەلسە ئۇيغۇرچە مۇھىت. كىچىككىنە سەبىي بالا ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا گاڭگىراپ ئېغىر دەرىجىدە پىسخكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلار سادىر پەلۋان قوشاقلىرىنى ئېيتالمايدۇ. ئۇلار چىڭتۈمۈر باتۇرنىڭ كاپ-كاپ كۈچىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىپارخاننى تېلۋىزۇردىن كۆرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تارىخنى بىلمەيدۇ (ئاپپاق خوجىنىڭ ئىپارخاننى مانجۇ خانىغا سوۋغا قىلىش بەدىلىگە، جۇڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ ئەجدادلىرىمىزنى قىرغىن قىلغىنىنى بىلمەيدۇ) نۇزۇگۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئازات قىلىپ بولايلا دەپ قالغاندا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىقىنى ئويلاشنى خالىمايدۇ. ئۇلار 12 مۇقامنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تويۇنغان مىسرالىرىدىن, ئىنساننى روھىيەت ئالىمىغا باشلىغۇچى سېھىرلىك كۈيلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئەمەس،ھەتتا ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدۇ. ئالىپ ئەرتوڭاخان دېسە بەلكىم ئۇلار بۇ خەنزۇچە نېمە دېگەن گەپتۇ، دىيشى مۇمكىن. «ئوغۇزخان» ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ، «سەن شامال، مەن رومال» دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە توۋلاپ يۈرۈشى مۇمكىن.

    ھازىر دۇنيا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. Windows Wista    نى قاچىلاش باسقۇچىدىلا ئۇيغۇر تىلى دېگەن ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. چىڭغىز ئايتىماتوۋ «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن ئىكەن. توغرا ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەتنىڭ جىنايىتى. ئانا تىل بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. ئانا تىلنى بىلمەسلىك ۋەتىنىنى ساتقانلىق بىلەن باراۋەر. ئاشۇ بالىڭىز چوڭ بولۇپ، ئاتا (ئانا) ماڭا نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن؟ دېسە نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟ بەلكىم سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆيدە ئۆگىتىۋالىمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن. ساۋادىنى ئانا تىلدا چىقىرىش بىلەن يات تىلدا چىقىرىشنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقى بار. بالىڭىزغا 32 ھەرىپنى ئۆگىتىپ قويغىنىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتكەنلىك ئەمەس. خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى. شۇنداقلا دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالتىدىن بىرى بۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىنىمۇ چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ئانا تىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولسا بولمايدۇ! قايسى بىر نوپۇزلۇق ماتىرىيالدىن «ھازىر شەرقى شىمالدا مانجۇ تىلىنى بىلدىغان توقسان نەچچە قېرى مانجۇ قېلىپ قالدى. ئەگەر ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە، مانجۇ تىلى يەر شارىدىن يوقايدۇ» دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. قاراڭ ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە چوڭ جۇڭگونى نەچچە يۈز يىل سورىغان بىر مىللەتنىڭ ھازىرقى كۈنى ئەنە ئەشۇ! خەلقئارا مۇھىت ئاسراش جەمىيتى، كىت قۇتقۇزۇش جەمىيتى . . . . بولغان بىلەن مىللەت قۇتقۇزۇش جەمىيتى, تىل قۇتقۇزۇش جەمىيتى يوق. مەلۇم بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى، قۇتقۇزايلى دەپ خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن پۇل، ئادەم كۈچى ئاجراتقان بىلەن، قىرغىن بولىۋاتقان ئىرقلار، يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بىزنىڭ قولىمىزدىن باشقا چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ، ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان بۇ بۈيۈك تىلنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولسىمۇ تىرىشايلى!!! خۇلاسە: سەن ئوقۇتقۇچى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسسەن.سەن ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپ ئەمەسسەن؛چۈنكى سەن بىزنى ئاتا-ئانىمىزنى،ۋە بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزەڭنىڭ بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرەلمەي تۇرۇپ يەنە كىمگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى. ۋىجدانىڭ قېنى!!!(بۇسۆز ئۆزى مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى تۇرۇپ ئاناتىلىغا خائىنلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىلدى. لېكىن قەلبىمىزدىكى ھەقىقىي يېتەكچىلەر مەڭگۈ قەلبىمىزدە ياتلانغۇسى! ). بۇسۆزنى ئاڭلاپ مەن ئوقۇتقۇچى بولمىغاندىكىن بولىۋېرىدۇ دەپ قالما چۈنكى سەن ئۇيغۇر! ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

    分享到:

  •