-
Windows نىڭ يېڭىلانغان ھۆججىتىنى تازلاش قورالى - [كومپىيوتېر بىلىملىرى]
Windows سېستىمسى يىڭلانغاندا، ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ ساقلايدۇ، ئەگەر يېڭلانغان ھۆججەتنى ئۆچۈرۈپ ئەسلىگە قايتۇرغاندا، بۇ زاپاسلانغان ھۆججەت يەنە كىرەك بولىدۇ. بۇمۇ بىخەتەرلىك نوقتىسىدىن ئويلىشىلغان ئىش بولسىمۇ، لىكىن ئەمىليەتتە يېڭلانغاندىن كىيىن ئەسلىگە قايتۇرۇش ئېھتىياجى كەمدىن- كەم بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ زاپاسلانغان ھۆججەتلەر ئەخلەت ھۆججەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر سىز ئەزەلدىن بۇ ھۆججەتلەرنى تازلاپ باقمىغان بولسىڭىز، بۇ ھۆججەتلەر بەلكىم سىزنىڭ C دېسكىڭىزنىڭ نەچچەGB دېسكا بوشلۇقىنى ئىگەللىۋالغان بولىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى قورالدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازلىغىلى بولىدۇ؛
يۇمشاق دېتال نامى:Windows XP Update Remover
دېتال خارەكتىرى: ھەقسىز
دېتال ياسىغۇچى: http://downloads.tech-pro.net/windows-xp-update-remover_tpwu01.html
چۈشۈرۈش ئادىرسى: مانا بۇ يەردىن