باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • دېڭىز قاراقچىسىنىڭ سوتتىكى يىغىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى - [خەۋەرلەر]

    ھالقىلىق سۆز :ئامېرىكا

        ئامېرىكىلىق كاپىتاننى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە بىردىنبىر ھايات قالغان سومالىلىق دېڭىز قاراقچىسى مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى نيۇ- يوركتا سوتقا تارتىلدى. سوت داۋامىدا ئائىلىسىدىكىلەر22 تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.

    سودىيە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن- يەتمىگەنلىكىنى ئېنىقلايدىغان بولغانلىقتىن، بىر مەھەل يېپىق سوت ئېلىپ باردى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى "ئۇنىڭ يېشى سوت ھۆكۈمىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن." دەپ قارىدى.

    سوتتا يىغلاپ كېتىش

    ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىر مۇسا مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە نيۇ- يوركقا يالاپ كېلىندى. مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ نيۇ- يوركتىكى جەنۇبىي رايون سوت مەھكىمىسىدە، دېڭىز قاراقچىسى جىنايىتى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك جىنايەت بىلەن سوتلاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئابدۇۋەلى بىر ئەسىردىن بۇيان ئامېرىكىدا سوتلانغان تۇنجى دېڭىز قاراقچىسى ھىساپلىنىدىكەن. ئەگەر، ئۇنىڭ جىنايىتى بار دەپ بېكىتىلسە، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇۋەلىنىڭ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلغۇدەك پۇلى بولمىغانلىقتىن، سوت كوللىگىيىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئادۋۇكات بېكىتىپ بەرگەن. سودىيە ئاندىرېۋ پېك ئۇنىڭدىن ئادۋۇكاتنىڭ سوت كوللىگىيىسى تەرىپىدىن بېكىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ "بىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ پۇلۇم يوق." دېگەن.

    ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات ئابدۇۋەلىنىڭ سومالىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئېيتقاندا، ئابدۇۋەلى ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

    شۇنىڭدىن كېيىن، سودىيە ئاندىرېۋ پېك "جىنايەت گۇماندارىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن- يەتمىگەنلىكىنى ئېنىقلاشتىن ئىلگىرى، يېپىق سوت ئېلىپ بېرىلىدۇ." دەپ ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇخبىرلىرىنى سوتتىن چىقىپ كېتىشكە بويرۇدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە جاۋاپكارنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلىكى ھەمدە ئوچۇق سوت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، كېيىنكى قېتىملىق سوتنىڭ 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    ئابدۇۋەلى نيۇ- يوركقا يېتىپ كەلگەندە، يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى يۈك پاراخوتىنى بۇلاش جەريانىدا پاراخوت خادىملىرى ئۇنىڭ سول قولىغا پىچاق تىقىۋەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ سول قولى داكا بىلەن تېڭىلغان ئىدى.

    ئابدۇۋەلى 10 نەچچە ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، بىر فېدىراتسىيە بىناسىغا ئېلىپ كېلىندى. نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارغا قارىتا، ئابدۇۋەلى كۈلۈمسىرەپ قويدى.

    ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭ 3 ھەمراھى مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى سومالىنىڭ شەرقىدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىدە، ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان دانىيە يۈك پاراخوتىغا ھوجۇم قىلىپ، كاپىتان رىچارد فلپىسنى تۇتقۇن قىلىپ، قۇتقۇزۇش پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، قىرغاققا چىقماقچى بولغان. مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا ھەركەت ئېلىپ بېرىپ، 3 نەپەر دېڭىز قاراقچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، كاپىتان رىچارد فىلپىسنى قۇتۇلدۇرىۋالغان. ئابدۇۋەلى بۇ قېتىمقى ھەركەتتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتىغا چىقىپ، داۋالاشقا ئېرىشمەكچى بولغان ھەمدە قولغا ئېلىنغان.

    ئامېرىكا تۇفتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پروفىسسورى ئالفېرېد روببىن "1885- يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدا دېڭىز قاراقچىسى سوتلىنىپ باقمىغانىدى." دېدى.

    ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارمىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مايكول خېيمباخ بۇ دېلونى ئامېرىكىدا سوتلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇنداق قىلغاندا، چەتئەللەردىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا ھوجۇم قىلماقچى بولغانلارغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرگىلى بولىدۇكى، ئۇلار چەتئەللەردىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا ھوجۇم قىلسىمۇ ئامېرىكىدا سوتلىنىدۇ."

    ئاتا- ئانىسى يالۋۇرۇش.

    مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى، ئابدۇۋەلىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامادىن ئەپۇ سورىدى. ئۇلار "ئابدۇۋەلى ئەزەلدىن تولىمۇ يۇۋاش ئىدى. ئۇ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتتى." دېدى.

    ئابدۇۋەلىنىڭ ئاپىسى ئەدەل ئابدۇراخمان سومالىدىكى ئۆيىدىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا تېلېفون بېرىپ، "زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بالامنى ئەپۇ قىلىشى، ئۇنى قويۇپ بېرىشى، ئۇ سوتقا تارتىلغاندا مېنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشۇمغا قوشۇلۇشىنى ئۆتۈنىمەن." دېدى.

    ئابدۇۋەلىنىڭ ئۆيى سومالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بىر كىچىك بازاردا بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ چوڭى ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى ھەر كۈنى كالا سۈتى سېتىپ، بىر ئايدا 6 ئامېرىكا دوللىرى پۇل غەملەپ، ئۇنى ئوقۇتاتتى.

    بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، ئابدۇۋەلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۈستى ئوچۇق كىنوخانىغا بېرىپ، ھىندىستان كىنولىرىنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. ئابدۇۋەلىنىڭ ئاپىسى ئەدەل ئابدۇراخمان "ئوغلۇمنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا مەكتەپ فورمىسى بار ئىدى." دېدى.

    ئابدۇۋەلىنىڭ ئاپىسى ئەدەل ئابدۇراخماننىڭ نەزەرىدە، ئابدۇۋەلى تولىمۇ تىرىشچان بالا ئىدى. ئۇ ئۆيدىن ئايرىلغان كۈنى بارلىق كىتابلىرىنى ئېلىپ كەتكەنىدى. ئەمما، ئۇ بالىسىنىڭ قانداق كىتابلارنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ خەت تونۇمايتتى.

    ئابدۇۋەلىنىڭ دادىسى مۇسا مۇنداق دېدى: "ئابدۇۋەلى تولىمۇ سەمىمىي بالا ئىدى. ئائىلىمىز نامرات بولغانلىقتىن، دېڭىز قاراقچىلىرى ئۇنى "بىزگە ئەگەشسەڭ باي بولىسەن." دەپ ئالدىغاندا، ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان."

    ئۇ مۇنداق دېدى: "دېڭىز قاراقچىلىرى يۈك پاراخوتىغا ھوجۇم قىلغاندا، ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلىقىغا بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغانىدى. بذ-- ئۇنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھەركىتىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھىساپلىنىدۇ."

    ياش مەسىلىسى

    ياردەمچى تەپتىش ئەمەلدارى برىندان ماك گېۋىر مۇنداق دېدى: "ئابدۇۋەلى تۇتۇلغان كۈنى ئۆزىنىڭ يېشىنى 16 ياش، 19 ياش، 26 ياش دەپ 3 قېتىم مەلۇم قىلدى. بىر كۈندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ 19 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. سوت ئېچىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇ ئاۋۋال فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ 15 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە دەرھاللا ئۆزىنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، 18 ياشقا كىردىم دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە 19 ياشقا كىردىم دېدى."

    ئەمما، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات فېل ۋېين ستايىن "جاۋاپكارنىڭ دادىسىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، جاۋاپكار ئابدۇۋەلى 1993- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 15 ياشتا ئىكەن." دېدى.

    سودىيە ئاندىرېۋ پېك "ئابدۇۋەلىنىڭ دادىسىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇ قۇرامىغا يەتكەن ئادەم سۈپىتىدە سوتقا تارتىلىشى كېرەك." دېدى.

    ئابدۇۋەلىنىڭ ئاپىسى ئەدەل ئابدۇراخمان "ئوغلۇمنىڭ يېشىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججىتىم يوق. چۈنكى مەن بالىلىرىمنى دوختۇرخانىدا ئەمەس بەلكى ئۆيۈمدە تۇغقان." دېدى.

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگىنتلىقى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيىسى يېتىلمىگەن بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قانۇن جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قوغداشقا ئىگە بولسا بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئابدۇۋەلىنىڭ يېشى جازا بېكىتىشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ." دېدى.

    ئامېرىكىدىكى سومالىلىقلارنىڭ قانۇنىي ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر تەشكىلات "ئابدۇۋەلىنىڭ ئاتا- ئانىسى بىزدىن ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى." دېدى.

    "سومالى ھەققانىيەتنى قوللاش مەركىزى"نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئۆمەر جامال: "ئابدۇۋەلى-- بىر مەھەل گاڭگىراپ قالغان بالا بولۇپ، ئۇ بىر كېچىدىلا قانۇن- تۈزۈم كەمچىل بولغان بىر دۆلەتتىن ئامېرىكىغا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى ئەڭ ئېغىر بولغان جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن ئىبارەت. " دېدى.

    نيۇ- يورك جەنۇبىي رايون سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا زىمىنىدا يۈز بەرگەن زور تېررورلۇق ھوجۇمى ۋەقەلىرىنى سوتلىغان بولۇپ، بۇ يەردە سوتقا تارتىلغانلار ئىچىدە، 1993- يىلى يۈز بەرگەن نيۇ- يورك دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان رەمزى يۈسۈفمۇ بار.

    分享到:

  •