باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • مارس ئىنسانلارنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى بولۇپ قالامدۇ؟ - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :mars مارىس

         ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى ئۇتۇقلۇق بولغان ئادەمسىز مارس تەكشۈرۈش69A0CAIFGE9KCAM1X2B5CAUIESFXCA ئەسۋابى ئامېرىكىنىڭ "ماتروس 4- نومۇر" بولۇپ، ئۇ 1965- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى مارس بىلەن يىراقلىقى 10 مىڭ كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان جايدا بۇ قىزىل رەڭلىك پلانېتادىن ئۇچۇپ ئۆتتى ۋە مارىستا تارتىلغان سۈرەتلەرنى 21 پارچە سىمسىز تېلېگراف يوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يەر شارىغا يوللاپ بەردى. ئۇ سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشچە مارىستا نۇرغۇن ئايلانما شەكىلدىكى تاغلار بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ئاي شارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

    1971- يىلدىكى"ماتروس 9- نومۇر" مارىسنى چۆرىدەپ ئايلانغان تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ قالدى. ئەۋەتىلگەن سۈرەتتىن مارىسنىڭ سىرتقى ھالىتى ئىككى خىل پەرقلىق بۆلەككە ئايرىلغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ يېرىمىدا نۇرغۇنلىغان ئايالانما شەكىللىك تاغلار بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ئاي شارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى. يەنە بىر يېرىمىدا ئايلانما شەكىللىك تاغلار نىسبەتەن ئاز بولۇپ، يانار تاغ ھەرىكىرى بۈگۈنكى ھالەتكە كەلتۈرگەندەك كۆرۈنەتتى.

    تۇنجى ماڭالايدىغان مارس تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن "مارس يول چارلىغۇچىسى" ناملىك ئاپپارات بولۇپ، ئۇ1997- يىلى7- ئاينىڭ4- كۈنى مارىسنىڭ ئارېس يەنى مارىس يۇلتۇزىغا ئوڭۇشلۇق قوندى. بۇنىڭ ئىلگىرىكى "دېڭىز قاراقچىسى 1- نومۇر" لۇق قۇنۇش ئاپپاراتى بىلەن ئارىلىقى 840 كىلومېتىر كېلەتتىز "مارس يول چارلىغۇچىسى" ناملىق قۇنۇش ئاپپاراتى تۇنجى بولۇپ، ئۇنىڭغا "سوجنا" ناملىق مارس ئاپتوموبىلى سەپلەندى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 10 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 0.30 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 0.65 مېتىر، كەڭلىكى 0.48 مېتىر بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ئالتە چاقلىق مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا ئوخشايتتى."سوجنا" نىڭ پائالىيەت دائىرىسى گەرچە چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەر شارى سىرتىدىكى يەنە بىر پلانېتادا ماڭالايدىغان تۇنجى سۈنئىي ماشىنا ئىدى.

    2003-يىلى ياۋروپا بوشلۇقى ئىدارىسى "مارس تېز پويىزى"نى قويۇپ بەردى، كېيىنكى يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۇ يوللىغان مارس رەسىملىرى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ سۈرەتلەر مارس بوشلۇقىدىن 275 كىلومېتىرلىق يىراقلىقتا تارتقان بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسى12 مېتىر ئەتراپىدا كېلەتتى.

    ئامېرىكا 2003- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى"جاسارەت" ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى، 7- ئاينىڭ 7- كۈنى "پۇرسەت" ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەردى. "جاسارەت" ۋە "پۇرسەت" قوشكېزەكلەردىن بولۇپ، بىر- بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. ئۇلارغا تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئالتە چاقلىق مارس ئاپتوموبىلى سەپەلەنگەن بولۇپ، قونغاندىن كېيىن قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈيدۇ. ئۇلار ئىنتايىن ئەپلىك قۇرۇلمىغا ۋە مۇرەككەپ ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، خۇددى گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسىگە ئوخشاش مارستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا، "ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئەقىللىق ماشىنا ئادەم"دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى.

    "جاسارەت" ۋە "پۇرسەت" تىن كېيىن ئىنسانلار يەنە قانداق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئادەمسىز ھاۋا كېمىسىنى مارسنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا ئەۋەتىپ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى. كىشىلەر يەنى مارىستىكى تۇپراق ۋە تاغ جىنىسلىرى ئەۋرىشكىلىرىنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىپ خىمىيىلىك تەركىبنى ئانالىز قىلماقچى ۋە شۇ ئارقىلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان يىپ ئۇچلىرىغا ئېرىشمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

    2005- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئامېرىكا يېڭى بىر ئۇچار كېمە"مارس ئوربېتا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى"نى قويۇپ بەردى. بۇ تەكشۈرۈش ئاپپاراتى 2006- يىلى 11_ ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ چوڭ بولغان ئۇچار كېمە بولۇپ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى "مارسنى ئايلىنىپ چارلىغۇچى"،"مارس تېز پويىزى"، "جاسارەت" ۋە "پۇرسەت" لارنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

    "مارس ئوربېتا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى"نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاپپاراتتىن پايدىلىنىپ مارىسنىڭ يەر شەكلى كۆرۈنۈشىنى ئىنچىكىلىپ كۆزىتىش، كەلگۈسىدىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان قونۇش ئورنىنى تاللاپ بېرىش؛ سپېكترومېتېر كىلىمات تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مارسنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش، مارس يۈزىدىكى مىنېرال تەركىبلەرنى ئانالىز قىلىش؛ كەلگۈسىدىكى ھەر خىل مارس تەكشۈرۈش ئۇچار كېمىلىرى ۋە يەر شارى ئالاقىسىنمىڭ غول لىنيىلىك پونكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالىملارغا ھەمكارلىشىپ "ئالەم بوشلۇقى ئالاقە تورى"نى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

    ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ "سۇمۇرۇغ" ناملىق مارس چارلىغۇچىسى 2007_ يىلى قويۇپ بېرىلدى. بۇ ئۇچار كېمە مارستا سۇ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مارسنىڭ يۇقىرى كەڭلىكتىكى رايونلىرىدا قونۇش ئاپپاراتى سەپلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئامېرىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىرقانچە دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ياسىغان مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئارقا- ئارقىدىن قويۇپ بېرىلىپ، مارسنىڭ مۇھىتى، ئاتموسفېراسى، تاغ جىنىسلىرى، سۇ ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشى قاتارلىقلار ئۈستىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىيىن بولغان ئادەم ئېلىپ مارسقا يۈرۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، 2030- يىلدىن بۇرۇن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مارستىن ئىبارەت بۇ يېڭى زېمىنغا دەسسەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

    مارسقا يۈرۈش قىلىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دائىرسىمۇ زورىيىپ بارىدۇ.ئىنسانلارمۇ بارا- بارا ھەر خىل "مارس بازىسى" قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. دەسلەپتە ئاز ساندىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى تەجرىبىخانا ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ھازىرلىنىدۇ. كېيىن پەيدىنپەي مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەر مارستا ياشاپ، ئۇ يەردە يېزىلار، رايونلار ھەتتا شەھەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    مارس راستىنلا ئىنسانلارنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى بولۇپ قالامدۇ؟ ئىنسانلار ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ بارماقتا. 500 نەچچە يىل ئىلگىرى كولومبۇ يېڭى قۇرۇقلۇقنىimages4 بايقىغان، ھازىر ئۇ يەرگە ئادەملەر لىق تولدى. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مۇزلۇقلىرى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىنسانلار يەنە ئاي شارىغىمۇ كۆز تىكتى. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇ يەرگىمۇ باردى، ئاي شارىنى ئېچىش ئىنسانىيەتنىڭ 21- ئەسىردىكى مۇھىم كۈنتەرتىپىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مارس ئاي شارىدىن كۆپ يىراق. ئادەم ئېلىپ مارسقا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى بىكىر يولى بولۇشى كېرەك. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى "ئوزۇق- تۈلۈك ئالدىدا بېرىش" تىن ئىبارەت يېڭى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كېمىگە چىقىپ تەخمىنەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن مارسقا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا "مارسقا قونۇش ئاپپاراتى" غا ئولتۇرۇپ، مارس چوڭ زېمىنىغا رەسمىي قەدەم دەسسەيدۇ.

    كەلگۈسىدىكى مارس بازىرىدا ئازادە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىشى زۆرۈر. ئەمما، ئىنسانلار مارىسنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىغا ئۆزگەرتەلەمدۇ- يوق؟ بىر قىسىم ئالىملار "مارسنىڭ يەر شارىلىشىش" قىياسىنى يۈرەكلىك ھالدا ئورتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە، مارسقا بولغان تونۇش بۈگۈنكىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ۋاقىتتىلا ئىنسانلار ئاندىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇنىڭ مۇھىتقا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدۇ. نۆۋەتتە، نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن مارس ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ئالەمگە ئۇچۇش، ئاي شارىغا چىقىش رېئاللىققا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار "مارسنىڭ يەر شارىلىشىشى" دىن ئىبارەت بۇ تەسسەۋۇرىدىن پەخىرلىنىشى ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىشى كېرەك.

    分享到:

  •   

    评论

  • [cAva:0]بەلكىم ئۇ دىنسىزلارنىڭ چۈشى بولسا كىرەك...