باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • ۋاقىت ۋە خاراكتېر - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :تۇرمۇش

        سەھەرنى ياقتۇرىدىغانلار: دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ جانلىق ۋە جۇشقۇن ھالدا ھەربىر كۈننىڭ باشلىنىشىنى كۈتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ تېنى ساغلام بولىدۇ، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي كېلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر خىزمەتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، بەلكى تەشەبۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەيدۇ.

    ·ئەتىگەننى ياقتۇرىدىغانلار: تۇرمۇشنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزىدۇ، خىزمەت ۋاقتى توشۇشى بىلەنلا قايسى ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى، بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۇلارنى ناھايىتى ئىشەنچىلىك ۋە ئۈمىدۋار، خىزمەت ئىقتىدارىمۇ خېلى كۈچلۈك دەپ قارايدۇ.

    ·چۈشنى ياقتۇرىدىغانلار: كۆپ قىسىملىرى قىزغىن بولۇپ، دوستلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىل ئادەملەر ئىنتايىن گەپتان بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدۇ، باشقىلاردىن ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ·چۈشتىن كېيىننى ياقتۇرىدىغانلار: باشقىلارغا ئىشنى ئاستا قىلىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن ئىش باشلىسىلا ئاسان توختاپ قالمايدۇ. بۇنداق ئادەملەردە يېتەرلىك زېھنىي كۈچ ۋە ئىقتىدار بولۇپ، باشقىلار 4-5 سائەتتە ئاران قىلىپ بولالايدىغان خىزمەتنى ئىككى سائەتتىلا قىلىپ بولىدۇ.

    ·زاۋالنى ياقتۇرىدىغانلار: دوستلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. ئائىلىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك بىرگە بولۇشنى ياقتۇرىدۇ.

    ·كەچنى ياقتۇرىدىغانلار: بۇلار تېلېۋىزور، كىنو كۆرۈشنى ياكى كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئادەملەر مودا قوغلىشىدۇ، خىلمۇ خىل ئىشلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىلىمىمۇ مول بولىدۇ.

    ·ئالاھىدە ۋاقىت قىزىقىشى بولمىغانلار: ماسلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، جانلىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە ئامراق.

    分享到:

  •   

    评论

  • [cAva:0]مەن سەھەرنى ياقتۇرىدىغانلار تۈرىگە كىرىمەن ... ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ، رەھمەت !