باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • گۈزەللىك زادى نەدىن كېلىدۇ؟ - [تەرمىلەر]

    ھالقىلىق سۆز :[ئۇيغۇر]

        بىر كىشى باشقىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر مومايدىن قانداق گىرىم بۇيىمى ئىشلىتىپ،ئۆز گۈزەللىكىنى ساقلاپ،ئۆزىنى شۇنداق لاتاپەتلىك كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ.

    "مەن رېئاللىقنى لەۋ سۇرۇخ قىلدىم،ئاۋازىمنى ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن سىلىقلىدىم،ھېسداشلىقنى قۇلىقىمغا ھالقا قىلدىم،سەدىقە بىلەن ئىككى قولۇمنى مايلىدىم،دۇرۇسلۇقنى يېپىنچا قىلدىم، قەلبىمنى ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن بېزىدىم"دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

    يۇقىرىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،گۈزەللىكنى گىرىم بۇيۇمى ئارقىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ.ئۇنى پەقەت تىرىشچانلىق،پاك قەلب،كەڭ قورساقلىق،سەمىمىيلىك،ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت ۋە قانۇن -تۈزۈم قارىشى ئارقىلىق ئۇزاق ئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.گۈزەللىك ئىنسان تۇغۇلىشى بىلەنلا بار بولىدىغان تەبىئىي خۇسۇسىيەت ئەمەس ياكى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس.ئۇنى پەقەت كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى ئارقىلىق يارىتىدۇ،بىر كىشىنىڭ گۈزەللىكى باشقىلارغا مەنسۇپ بولمايدۇ،گۈزەللىك پەقەت گۈزەللىكنى ئاپىرىدە قىلغۇچىلارغا مەنسۇ بولىدۇ.شۇڭا سىز گۈزەللىككە ئىنتىلسىڭىز،ئىككىلەنمەيلا ھالال ئەمگەك تەرىڭىز ئارقىلىق گۈزەللىك يارىتىڭ!





  •