بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم
بۇنىڭدىن 37 يىل مۇقەددەم، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، مەن ئۈچۈن ئەڭ مېھرىبان، مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىنمۇ قىممەتلىك ئانام ھازىرقىدەك ئەۋزەل شارائىت يوق ھالەتتە، بەلكىم ئىنتايىن ئاددى ئائىلىدە مېنى ئاچچىق تولغاپ يەپ تۇققان ئىدى.
مانا شۇنىڭدىن بۇيان بۇ 37 يىلدا مەن ئانامدىن، ئاناممۇ مەندىن ئايرىلىپ باقمىدۇق….
ئويلاپ باقسام، ئانام مەن ئۈچۈن ھەر قانداق شارائىتنى ھازىرلاپ بېرىشكە، ھەر ۋاقىت مەن ئۈچۈن قۇربانلىق ۋە بەدەل بېرىشكە تەييار بۇلۇپ كەلدى…
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قانداق باققانلىقىنى بىلمىسەممۇ، باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى خىزمەتكە چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئانام ئۈچۈن مەن قەدىرلىك بۇلۇپ كەلدىم.
بىچارە ئانام مەن ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن ۋە باشقا قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن جاپالىق بولغان تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى قىلدى، بەللىرى مۈكچىيىپ، كۆزلىرى تورلاشقاندا بولسا، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىغا چىداپ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەرنىمۇ قىلدى.
دادام ياكى ئانام مەن ئۈچۈن بىلىمدىن تەلىم بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا ئىمان-ئېتىقاد، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئۆزى تىرىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ھاياتلىق جەۋھىرىنى تەقدىم قىلدى.
مەن تا يېقىنقى يىللارغىچە ھېيت بايراملاردا بىرەر تال ياغلىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئانامنى ۋاقىتلىق خوش قىلىپ كەلدىم. باشقا پۈتكۈل ئۆمرۈم شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن سەرىپ بولۇپتۇ….
ئەمدى ئەقلىمنى تېپىپ ئانامغا كېچە كۈندۈز ھەمرا بولۇپ، ئۇنىڭغا شادلىق ۋە ئۈمىد ئادا قىلىش يېشىغا يەتكەندە بولسا، مەنمۇ چوڭىيىپ قاپتىمەن، ئاناممۇ قېرىپ قاپتۇ…
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،…
ئانام ، دوختۇرخانىدا نەچچە ئايلاردىن بېرى كېسەل بىلەن ئېلىشىپ كېلىۋاتىدۇ…
ھېلىمۇ ئېسىمدە
- كېسەل بەك خەتەرلىك، ئوپىراتسىيەدىن قەتئى ئۈمىد يوق- دېدى تاشقى بۈلۈم مۇدىرى ،
كۆڭلۈمدە قاتتىق ساراسىمە بولسىمۇ، لېكىن بىر خىل ئۈمىتۋارلىق تۇيغۇسى يەنى ئانامنىڭ ساقىيىپ قېلىشىدىن ئىبارەت بىر ئادەم ھېس قىلىپ يەتكۈسىز بىر تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئانامنى قورقماسلىققا، غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەپ، ئاللاغا تاپشۇرۇپ، ئوپىراتسىيە بۈلۈمىگە ئۇزىتىپ قويغان ئىدىم.
2 سائەتلىك ئوپىراتسىيە 2 يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. خۇددى دوختۇر چىقىپ، مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ھېلىقى گەپلەرنى دەپ سالىدىغاندەك يۈرىكىم ئەنسىز سوقماقتا. تىلىم ۋە دىلىمدا بولسا، بىلىدىغان بارلىق ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇلۇغ مەرھەمەتلىك ئاللادىن ئانامنىڭ ساق سالامەتلىكىنى تىلەيتىم.
ئانام ماڭا «مېنى ئوپىراتسىيە قىلغاندا، سىز يېنىمدا تۇرۇڭ» دېگەن ئىدى. ئاناممۇ ماڭا تارتىشىپ، غەيرەت قىلىپ، ئوپىراتسىيەدىن ئاخىرى ئوڭۇشلۇق چىقىپ، دوختۇرلار پەرەز قىلغاندىكىدىن ياخشى ھالەتتە چىقىپ، مېنىڭ ئەنسىز كۆڭلۈمگە ئالەمچە تەسەللى ئاتا قىلدى….
شۇنىڭدىن بېرى مەن ئانامغا كۆپرەك ھەمرا بولىدىغان، ئۆز قۇلۇم بىلەن تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ، ئانامغا كۆپرەك مەدەت بېرىدىغان ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىدىغان بولدۇم.
«ئەتكەن تامىقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ بالام» دېگەندە بولسا، ئانامنىڭ يەنىلا مېنى ئەركىلىتىۋاتقانلىقى ياكى ماڭا مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم…
ئانام مەن ئۈچۈن 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى سەرىپ قىلدى.
ئانام مەن ئۈچۈن 30 يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلدى.
ئانام مەن ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن 30 يىلدىن ئارتۇق تاماق ئەتتى…..
بىراق بىز ئوغۇللار نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم…
ئەمما كۆڭلۈم بەكلا مەيۇس…خىيالىم بەكمۇ چېچىلاڭغۇ…
دوستلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنىمۇ كۈرۈشكە رايىم بارماي قويدى.
چۈنكى، ھەپتە ئىلگىرى ئانامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەرزەنتى، مېنىڭ سۈيۈملۈك ۋە كۈيۈملۈك قېرىندىشىم بۇ ئالەمدىن ۋاقىتسىز خوشلاشتى.
مېنىڭ ئاچام ناھايتى ئاق كۆڭۈل ئىدى. مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ئانام بىلەن تەڭ ھەسسە قوشقان، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىقىشىمغا ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن، ئۆزى ئەڭ جاپالىق كۈنلەردە ياشاۋاتقاندىمۇ، مېنىڭ غېمىمنى يىگەن ، مېنىڭ بالامنى باققان، ئەركىلەتكەن، ھەتتا بۇ ئالەمدىن كېتىدىغان شۇ دەقىقىلەردىمۇ مېنىڭ ئېسىدىن چىقارماي «بىر كۈرۈشۋالسام» دەپ گەپ ماڭدۇرغان مېھرىبان ئاچام ئىدى.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم…
بۇ كۈنلەردە ئېغىر مۇسىبەت ئازابىدا، گەپمۇ، ئاش تاماقمۇ ، ئىشمۇ ، ھەتتا تۇغۇلغان كۈنۈمدە بىرەر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشمۇ خۇشياقمىدى.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم…
مەن مۇشۇ يازمام ئارقىلىق، مەن ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلىگەن ئانامنىڭ دۇنيادەك كەڭرى مېھرى ئەجرىگە، قېرىندىشىم ئاچامنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن…….
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجرىگە، بولۇپمۇ ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن تۆككەن قان-تەرى، ئەجرىگە قانچىلىك قىلساق ئەرزىيدۇ…
ئانىڭىزدىن ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلىمەن، ئانىڭىزنىڭ، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن!
مۇسبىەت ھەر كىشىنىڭ بېىشدا بار، شەپقەتلىك ئاللاھ مەرھۇمەنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن! «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!»
غەيرەتلىك بولۇڭ، ئۈمىدلىك بولۇڭ. سىز قىلىدىغان ئىشلار يەنە جىق تېخى