بىز سىلەردىن نېمىلەرنى كۈتىمىز؟

يېقىندا بىر ساۋاقدىشىم ئوغۇلنىڭ سۈننەت تويى، قىزىنىڭ گۈل چېيىنى ئۆتكۈزدى. ھازىرغۇ توي، چايلار ئاسماندىن قار ياققاندەك ياغىدىغان بۇلۇپ كەتتى. بۇرۇنقىدەك 20 يىۋەننى كۆتۈرۈپ بىر تەخسە توي-چاي پولوسى يەپ چىقىدىغان ۋاقىتلار كەلمەسكە كېتىپتۇ….

قارىساق، كۈتۈۋالغۇچىلار ئەر-ئايال ئىككى سەپ بۇلۇپ، چىن شىخۇاڭنىڭ لاي ھەيكەللىردەك سەپ تارتىپ ھەيۋەت تۇرۇشىدىكەن…

نەدىن تاپتىكىن بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بۇ قاملاشمىغان بىمەنە كۈتۈۋېلىش سەپلىرىنى….

نەدىمۇ بىز ئۇيغۇرلاردا خۇتۇن قىزلىرىنى ئىشىك تۈۋىگە قاتار تىزىلدۈرۈپ قۇيۇپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان ئادەت باركىن؟

گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بۇ ساۋاقدىشىم خىزمەتتە بەك ئاكتىپ بولسىمۇ، نېمە ئويلاپ قالدىكىن تاڭ، بۇ قېتىمقى بالىلىرىنىڭ توي-چايلىرىغا مېنىڭ بىر نەرسە يېزىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى.

خىزمەت، خىزمەت، خىزمەت دەپ ھازىر يېزىقچىلىقمۇ قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىلى نەچچە ۋاقىتلار بولسا كېرەك… بۇرۇنقىدەك قولۇمغا قەلەم ئېلىپلا ئىلھامنى مىنىۋېلىپ، تازا بىر نەرسىلەرنى يازالمايدىغان بۇلۇپ كەتتىم.

شۇنداقتىمۇ ئازراق ئىلھام ئىزدەپ، توردا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەۋېتىپ، «ئوغلۇم،  ئالدىڭغا قارا» دېگەن بىر يازما چىقىپ قالدى. شۇ يازمىدىن پارچىلار ۋە ئىلھاملار ئېلىپ، تۆۋەندىكى بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىزنى يېزىپ ساۋاقدىشىمغا بېرىۋېدىم. ئۇنىڭغا ئالامەت ياراپ كېتىپتۇ…

ئۇنىڭغىلا ئەمەس، ئۇ يىل، بۇ يىل قولىغا كىتاپ ئالمايدىغان خېلى ئادەملەرگىمۇ بۇ تېكىست خېلى ياراپ قاپتۇ….

بۈگۈن تۇيۇقسىز ئۇچراپ قالغان بولغاچقا، ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بىر ئوقۇپ بېقىشى ياكى شۇنداق توي-چايلاردا بازار تېپىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.

   
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئوغلۇم،
بۈگۈنكى سۇننەت تويىڭغا قۇتلۇق بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قىزىم،
بۈگۈنكى گۈل چېىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى خەلقىمىز ئىچىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى سۈننەت تويۇڭ ئارقىلىق ، سەن ئۆزۈڭگە ۋە كەلگۈسىڭگە ئەرلىك مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەۋاتىسەن.
قىزىم، شەرمى ھايالىق، ئىمان-ئېتىقادلىق ، غورۇر-ۋىژدانلىق ئۇيغۇر قىزى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن مەنمۇ چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئوغلۇم ۋە قىزىم، بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق توي چايلىرىمىزدا ئەڭ ئاۋال ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغلىرىمىزغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى، ئۇلارنىڭ تەۋەرۈك يوللىرى سىلەرگە ئۇدۇم بولسۇن.
ئوغلۇم ۋە قىزىم، بۈگۈنكى قۇتلۇق گۈل چايلىرىمىزدا ، چوڭ دادىڭىز باۋدۇن قاسىم ، مەرھۇم چوڭ دادىمىز سامساق ئابدۇرېھىم مۇئەللىملەرگە چەكسىز ھۆرمەتلەر بولسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ مېھرى مۇھەببىتى ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇمى، ئۇلارنىڭ تەربىيەسى بىلەن سىلەرنىڭ بۈگۈنىڭلار ۋۇجۇتقا كەلگەن.
ئوغلۇم مەن بۈگۈنكى قۇتلۇق سۈننەت تويىڭدا، ساڭا تۆۋەندىكى قىممەتلىك كۆڭۈل سوۋغامنى ھەدىيە قىلاي.
ئوغلۇم، قەلبىم  رۇشەن بولسۇن دېسەڭ،بىلىم ئال،غورۇرۇڭنى قوغدا،ۋىجدانىڭغا چاڭ قوندۇرما،  ئۆز  قەدىر –قىممىتىڭنى، ئىززەت –ھۆرمىتىڭنى تەگى-تەكتىدىن تونۇپ يېتىدىغان ئادەم بول.
     ئىرادەڭ مۇستەھكەم بولسۇن،ئىرادىسى ئاجىز ئادەم ئۆز نىسىۋىسىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلمەيدۇ.
     ئىشەنچ ، ئادەملەر ئۈچۈن مەنىۋى تۈۋرۈك !
 ئىسىڭدە تۇت ئوغلۇم، روھنىڭ مەغلۇبىيىتى-ئادىمىلىكنىڭ مەغلۇبىيىتى.
     ئۇنۇتما ئوغلۇم،   دۇنيادا، ئەخلاقنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئۆلچىمى قىلغۇچىلار،ھەرجەھەتتىن غەلبە قىلغۇچىلاردۇر،چۈنكى ئەخلاق- پاكىزلىق،پاكىزلىق ئىنساىلارنى يۈكسەكلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
      ئەستە تۇت ئوغلۇم،ئۆزىنى بىلگەنلەر شەرەپ قۇچۇپ، ئۆزىنى بىلمىگەنلەر ھالاكەتكە چۆكۈپ ياشايدۇ.
     ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى چۈشىنىش بارلىق بىلىش ھەم چۈشىنىشلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسى.
    ئادىمىلىك، ئادىللىق، ئىنسانيى تەپەككۇر ئادەمنىڭ روھىنى مەڭگۈ لاۋىلدىتىپ تۇرىدىغان ئىنىرگىيە؛
ئوغلۇم، بىلىمسىزلىك ئىنساننىڭ بوينىغا سېلىنغان سىرىتماق، پۇت-قولىغا سېلىنغان كويزا-كىشەن،بۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولمايمەن دېسەڭ مەڭگۈ ئۈگەن !
ئوغلۇم، ئادەم ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ھۆرمەتلىيەلەيدىغان بولسا،ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق چاغدا قەدىرلىنىدۇ.
ئوغلۇم، ئىسىڭدە تۇت،ئانا ۋەتەن ، كىندىك قېنىڭ تۆكۇلگەن ئانا تۇپراققا بېغىشلانغان سۆيگۈدىن مۇقەدەس سۆيگۈ يوق. ئادەملەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە، باغرىنى يېقىپ چوڭ بولغان ئانا تۇپرىقىغا بولغان سۆيگۈسى  مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
،سەن ئۆزىنى ئۆزى يەڭگۈچى بول، ئوغلۇم!
تۇنساقىز:
قىزىم ، سىزمۇ ئەڭ ئاۋال مىللىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئېسىل ئەخلاق ئەنئەنلىرىگە ۋارىسلىق قىلىڭ. چۈنكى ئەخلاق- قىزلارنىڭ جېنى.
سىزنىڭ مومىلىرىمىز تۇمارىستەك باتۇر ۋە ئەقىللىك، نۇزۇگۇمدەك قەيسەر ۋە چىداملىق، ئاماننىساخاندەك لاتاپەتلىك ۋە ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن جاپالىق تەر تۆكۈۋاتقان بارلىق ئاچا-ھەدىلىرىڭىزگە ئوخشاش ئىرادىلىك ۋە شىجائەتلىك چوڭ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازما مېنىڭ يازمىلىرىم كاتېگورىيىسىگە يوللانغان ھەم , دەپ خەتكۈچلەنگەن. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: