1. مائارىپنىڭ گۇناھى
تۇنجى كۈنى مەكتەپكە بالىلارغا ئەگىشىپلا بېرىپ قالغان پېتىم، شۇنداق ئوقۇدۇمكى، «ئەلاچى» دېگەن بۇ 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە دەۋىر سۈرگەن ھەيۋەتلىك تاجنى سىنىپتا ھېچكىمگە بەرمەي كەلدىم. باشلانغۇچتىكى پىئونېرلىققا ئۆتۈپ، بوينىمىزغا ئۈچبۈرجەك قىزىل لاتىنى چېگىشتىن ئىبارەت شەرەپكە ھېرىسمەنلىك ھەۋىسىنىڭ كەينىدە، تاڭ قاراڭغۇسىدا مەكتەپكە چېپىپ ھاجەتخانا تازىلاپ، سىنىپقا ئوت قالاپ، ياخشى ئىشمىزنى باشقىلارغا دېمەي، ھەقىقى كوممۇنىستىك ئېدىيە بىلەن تەربىيلىنىپ،ھەر ۋاقىت مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىدا «سۇئالغا جاۋاپ» بېرىشكە ئادەتلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملاپ بوپتىمەن.
90-يىلىدىن 93-يىلىغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئومۇمپەن كەسپىنى ناھايتى ئىجتىماھات بىلەن، پاۋىل كورچاگىننىڭ «كىشى شۇنداق ياشىشى كېرەككى، ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە، ئۆمرۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا، ئىنسانىيەتنىڭ ئازاتلىقى يولىدىكى كۈرەشكە بېغىشلىدىم» دېيەلىسۇن دېگەن دەبدەبىلىك شۇئارلىرىغا مەستخۇش بۇلۇپ، ئازات مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ، توم توم كىتاپلارنى يادقا ئېلىپ يۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىپتۇق.
1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، كۈندە 24 كېلومېتىر يولنى ۋەلسىپىت بىلەن بېسىپ ئىشلىگەن ۋاقىتلارمۇ يۈرەكلەردىكى مائارىپقا، بالىلارغا بولغان سادىقلىق ، قىزغىنلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەمدى شۇنى چۈشەندىمكى، 80-يىلدىن 90-يىللارغىچە بولغان مائارىپتا تەبىئى ھالدا، ئاساسى ماھارەت بىلىمىدىن سىرت، بىزنىڭ ئېدىيە جەھەتتىكى ساپايىمىز بەك يۇقىرى بولغان ئىكەن. بۇ چاغدىكى مائارىپ – نەق ئۆزى «ئادەمنىڭ ئېدىيەسىنى كونتىرول قىلىش» مائارىپى بوپتىكەن. ياخشى يېرى، بۇنداق مائارىپتا ناھايتى قائىدىلىك، تىرىشچان، يۈزى تۆۋەن بالىلار يېتىشىپ چىققان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ ھەققىدە ئىزدەنگەندىن كېيىن، شۇ زامانلاردا ئىشلىگەن ، مائارىپنى ئىسلاھاتقا باشلىغانلارنىڭ كاللىسى نەگە كەتكەن بولغىيتى دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى 90-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان دەرسخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، نىشانلىق ئوقۇتۇش ۋە يەنە باشقا بىر نىمىلەر ئاللىبۇرۇن سوۋىت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 1960-يىللاردا، 1970-يىللاردا سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن ئەندىزىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى مائارىپنى ئۆزىمىزنى تەجرىبە قىلىش مائارىپى دېسەك بولغۇدەك….
2000-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان مائارىپنى نېمە دېيىش كېرەك؟ شۇنى قورقماي ئېيتىمەنكى، 2000-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان 10 يىللىق مائارىپ «ئوقۇتۇشنى مەركەز» قىلىشتىن «تەكشۈرۈش ۋە ئارخىپ ئىشلەش»نى مەركەز قىلىشقا ئۆتكەن شەكىلۋاز مائارىپ بولدى. چۈنكى زامان ۋە ماكان تەرەققى قىلغانسېرى ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنلەۋاتمامدۇ؟ (مەكتەپلەردىكى ساختا ئىلمى نەتىنجىلەرگە ئىشىنىپ قالماڭ)
2009-يىلى «1000 يىل بۇرۇن، 1000 يىل كېيىن : مەھمۇد قەشقىرى ۋە تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق كىتاپ نەشىر قىلىندى. ئاز ساندىكى زىيالىلىرىمىز قەدرىگە يېتىدىغان «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق كىتاپ ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، كىتاپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار تۈگۈل، مەندەك ئايلىق مائاشىغا كىتاپ ئالمىسا، ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان كىتاپخۇمارمۇ كىتاپنىڭ قېلىنلىقىدىن تازا ئېرەن قىلمىغان ئىكەنمەن. «1000 يىل بۇرۇن، 1000 يىل كېيىن: مەھمۇد قەشقىرى ۋە تۈركى تىللار » دىۋانى ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قەلبىم ھاياجانغا تولۇپ، كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياشلار لىق تولدى. ئەي ، ئۇيغۇر، نادان ئۇيغۇر…… شۇنداق ئۇلۇغ، شۇنداق كارامەتلىك تەربىيە كىتاپلىرىڭ تۇرسا، نەدىمۇ يۈرگەنسەن ئەسىرلەردىن بېرى…… مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دەك نەپىس ۋە ئۇلۇغ ئەسىرىمىزنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. قاراڭ…. مىڭ يىللار بۇرۇنقى تۈركى تىللار دىۋانىدە «ئەرلەر يېنىدا قولياغلىق ساقلايدۇ. بۇنى بۇرنىنى ئېيتىشقا ئىشلىتىدۇ» دەپ يېزىلغانكەن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنچىلىك بىر ئادەت ئومۇملاشقان يەردە، ئەسلى مائارىپىمىزدىكى ئەندىزە، مائارىپىمىزدىكى ئۇسۇل، تەلىم-تەربىيە مەزمۇنلىرى دەل ئۆزىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىدە، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدە ئىكەن….. تەقدىرنىڭ چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، كىتاپ ۋە كومپىيوتېر بىلەن ھەپىلىشىپ ، ئوقۇتۇش نەزىريىسىدىن گەپ سېتىپ يۈرىدىغان مەندەك بىر ئادەم ئويلىمىغان يەردىن مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ئېشىگىگە مىنىپ قالدىم. بۇ ئېشەك مېنى ئۆمرۈمدە يەنە بىر قېتىم سەگىتتى. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا شەھەر بويىچە ئەڭ قابىلىيەتلىك، شەھەر بويىچە ئەڭ داڭلىق، شەھەر بويىچە ئەڭ ياخشى دەپ داڭ چىقارغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپەت ساپاسى مېنى غايەت زور چۈچۈتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇلاردە نە ئۆزىنى، نە ئۆزگىنى، نە مىللىتىنى، نە مەكتىپىنى، نە كىتاۋىنى،نە ۋاقتىنى، نە خىزمەتداشلىرىنى، نە بالىلارنى قىزغىن سۈيۈش، تەتقىق قىلىش دېگەن بۇ ساپالاردىن ئېغىز ئېچىش ئەمەس، شۇنداق گەپلەرنى قىلىشمۇ ئارتۇقلۇق قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار ئاپپاق غوجا دېگەن لەنىتى چېچىپ بولالمىغان تەپرىقچىلىك، گوروھۋازلىق، خامۇشلۇق ئىللەتلىرىنى بولۇشىچە يۇقتۇرۋالغان بۇلۇپ، مەكتەپ – مەكتەپ ئەمەس، بەئەينى ئەركىن قوتانغا ئوخشايتى. خۇلاسە كالام ، مائارىپىمىز خۇددى چېنىدىكى ئۇماچقا ئوخشاش قۇچۇلۇش باسقۇچىدا چۆگىلەۋاتقىلى 60 يىل بوپتۇ.60 يىلدا ۋەتىنىمىز جۇڭگودىن تارتىپ، شەرىقتە ياپونىيە، غەرىپتە سوۋىت ئىتتىپاقى، يىراقتا گېرمانىيە، ئامېرىكا ئەندىزىلىرىنى بازارغا ساپتۇق. لېكىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر تەتقىقات كىتاۋى، ياكى بىراق 60 يىلدا ھېچبولمىغاندا، ئۆزىمىزگىمۇ بولسا داڭلىق 6 نەپەر پىداگوك، تەتقىقاتچى چىقىپ، ئەي ئۇيغۇر، مانا بۇ سېنىڭ مائارىپتىكى چىقىش يولۇڭ دەپ 6 پارچە تەملىك كىتاپ چىقمىغانلىقىغا ھەيرانمەن….. شۇڭا ، مېنىڭ قاپ يۈرەكلىك بىلەن مائارىپقا قويىدىغان گۇناھىم شۇكى ۋە سەۋەبىم شۇكى، ئۆزىنى تونۇمىغان، ئۆزىنى تەتقىق قىلمىغان، ئۆزىنى قۇتقۇزمىغان مائارىپ- ئىلگىرى باسمايدىغان مائارىپتۇر. چۈنكى بۇنداق مائارىپتا ئىزچىل بىر خىللىق، ئىزچىل بۇرۇقتىمىلىق، ئىزچىل ساختىلىق ھادىسلىرى ئەۋج ئالغان بولىدۇ.
http://boghlan.blogbus.com/logs/21718215.html بۇ يەردىمۇ مائارىپ ھەققىدە ئازىراق ئۇچۇر باركەن