ئاخىرقى تەنھالىق
1- قىسىم
ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى،
ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ…
كىرىستىنا.گ.گ.روست
مەن كىشىلەرنىڭ رېئاللىقتىكى ، ئۆز يېنىدىكى كىشىلەرگە ئەمەس، ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ بىھۇدە ئاۋارە بولىدىغانلىقىدىن ھەيرانمەن.
بۇرادەر، يېنىڭىزغا قاراڭ
1993-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى
1
خەيىر، خەيىر مېنى ئۇنۇتما؟
ئۆتكەن كۈنلەر، شېرىن ئەسلىمىلەر، ئازاپلىق خاتىرىلەر، زېرىكىشلىك مىنۇتلار،….
ئۇ بارلىق مۇتەپەككۈرلەرگە ، پەيلاسۇپ ، ئالىملارغا ئوخشاش، ئالدىغا بىرە ئىستاكان كافى، ئەڭ ئاددىسى بىرەر ئىستاكان چايمۇ قۇيۇپ، ئويلۇنۇپ ئولتۇرمىدى. پەقەت دەرىزىدىن كىرىۋاتقان سالقىن شامال بىلەن كۈن نۇرىلا، ئۇنىڭغا خۇددى مەڭگۈلۈك ھەمراھتەك مەھكەم چاپلىشىۋالغان ئىدى.
ئۇ خەت يازماقتا، چېكىلىرىدە پەيدا بولغان تامچە-تامچە تەر، ئۇنىڭ كۆز چانىقىدىكى ياشقا قاراپ ئاستا-ئاستا سىلجىماقتا ئىدى.
سالام ئادىلە! قانداق ئەھۋالىڭ؟ تېنىڭ سالامەت، ئاناڭنىڭ، ئۇكاڭنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ؟ ئادىلە، بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئايرىلغىلى توپ-توغرا ئۈچ ئاي بولدى، ئەمما سەن تا ھازىرغا قەدەر بىزگە بىرەر پارچە خەتمۇ يازمىدىڭ؟!…
دەرۋەقە، سەندىن يامانلىمايمىز، چۈنكى بىزمۇ ساڭا ۋاقتىدا خەت يازالمىدۇق. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالغىنىڭدا ساڭا ۋاقتىدا تەسەللى بېرەلمىدۇق، بىزنى كەچۈرەرسەن. ئادىلە، ئاڭلىسام، بىزلەردىن قېچىپ يۈرگۈدەكسەن، نېمىشقا؟ نېمە سەۋەپتىن شۇنداق قىلغانلىقىڭنى ھېچ بىلەلمىدىم.
لېكىن ئادىلە، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، بىز تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ چاغلىرىمىزدا، مەڭگۈلۈك دوست بولۇشقا قەسەم بېرىشكەن ئىدۇق. ھازىرمۇ ئەنە شۇ ۋەدىلىرىمىز ۋەدە بولۇشى كېرەك. سەن دۆلەتلىك ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىڭ، ئەمما بۇ ھاياتلىقتىكى تەبىئى ئىش. ئۇ سېنىڭ بەخت يولۇڭنى ، نىشانىڭنى، غايەڭنى پۈتۈنلەي بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئادىلە، ئۇنتۇما، بىز ئۆز غايىمىز ئۈچۈن ، ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار، ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن، بولۇپمۇ ئىمتىھاندەك بىر سۈنئى ھەيكەلدىن بەخت، غايە، نىشانىمىزنى ئىزدەپ تېپىۋالىدىغان ياكى ئېلىۋالىدىغان روھىيەت قەلەندەرلىرى ئەمەس.
ئادىلە، … بۇ گەپلىرىم ساڭا ئېغىر كەتمىسۇن، بەلكىم ئېسىڭدە بولسا كېرەك! سەن پاۋىل كورچاگىننىڭ ھايات ھەققىدىكى ئاشۇ بىر ئابزاس سۆزىنى ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمەيتىڭ. سېنىڭ ئىلھامىڭ، ئاشۇ ھايات قىبلىنامىسىنىڭ سېھرى كۈچىدىن، مەن ئۆزەمدىكى ئاجىز بىر نەرسىنى، يەنى ئىشەنچنى تولۇقلىغان ئىدىم. بىز دائىم كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىشىپ قالساق، ئالدى بىلەن سەن، ئەنە شۇ ئابزاسنى تەكرارلاپ ئىسپاتلاپ، بىزنى قايىل قىلاتتىڭ. بىز ئىلھاملىناتتۇق. ئۆزىمىزدە ئۇلۇغۋار بىر غايىنىڭ تىكلىنىپ قالغىنىنى سەزمەي قالاتتۇق. تالاش تارتىشىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى زۇردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»رومانى ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق بىر رومان يېزىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇنىڭدىكى ئەلانى ئۈلگە قىلاتتىم. ھەر قېتىم بۇ رومان توغرۇلۇق تالاش-تارتىش بولغاندا، مەن جىمجىت ئولتۇرۇپ، دە-تالاشقا قۇلاق سالاتتىم. ئەمما رەقىب بىلەن گۈزەلئاي مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان پىرسۇناژ ئىدى. بولۇپمۇ گۈزەلئاينى بەك ئۆچ كۆرەتتىم. بۇنى سۆزلىگىنىمدە سەن قايىل بولمايتىڭ، سەۋەبىنى سوراپ تۇرۇۋالاتتىڭ.
ئۇنىڭ ياشاش مەقسىتىنى، غايىسىنى، ئىدىيىسىنى زادىلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ- دەيتىم مەن.
ئادىلە، سەندىن كەچۈرۈم سوراۋېتىپ، كونا پاراڭلارغا كېتىپ قاپتىمەن، كەچۈرگىن.
ئاڭلىسام ئۆزەڭنى بەكلا تاشلىۋېتىپسەن، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنگىلا شۇنداق قىلدىڭمۇ؟ ھېچ بىلمىدىم. سېنىڭ بەختىڭ، ساڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، بەختى – ئەنە شۇ بىر مەيدان سۈرلۈك، تىمتاس ، ئەمىلىيەتتە ئويلاپ باقسا، ئادەتتىكى بىر ھادىسىگە ئوخشايدىغان ئىمتىھان بىلەن ھەل بولارمۇ؟
ئادىلە، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز ساڭا ۋە بىزگە ئوخشاش، بۇنداق ئىمتىھان بەرمەي تۇرۇپمۇ، ئۆزلىگىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇلار ئادەتتىكى ئىمتىھاندىن ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنىڭ سىنقىدىن ، ئەلنىڭ، ئانا يۇرتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەنلەر…..
سەن ئەنە شۇنداق، رېئاللىقنىڭ خىلمۇ-خىل سىناقلىرىدىن ئۆتىشىڭ كېرەك.
بەلكىم، كۆپ ئازاپلانغانسەن، پىغان چەككەنسەن، قارا…. مەن شۇنداق تەسەۋۋر قىلىۋاتىمەن. تەبىئەت ئاتا قىلغان ۋاقىتسىز قىراۋ، ئاناڭنىڭ پىشانىسىگە يول-يول قورۇقلارنى ساپتۇ ئەنە ئۇ..سېنىڭ سۇلغۇن چىرايىڭغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن بوزلىماقتا.
ئاھ، شور پىشانەم قىزىم، داداڭ بولسىمىغۇ بۇنداق بولماس ئىدى، ئاھ ياراتقان ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم، بىز يېتىم-بىچارىلەرنىڭ ھالىغا رەھىم قىلساڭ نە بولغاي….
ئاناڭنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياشلار تۆكۈلمەكتە. بەلكىم سەن داداڭدىن كىچىك قالغان 15 ياز، 15 قىش بىر ئۆينىڭ يۈكىنى كۆتىرىپ، جاپايىڭنى تارتقان ئانا 15 يىلدىن بېرى بۇنچىلىك ياش تۆكمىگەن بولغىيدى….
ئادىلە، ئويلان… ئاناڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن…ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇشەققەتلىرى سەن ئۈچۈن…بىلەمسەنكىن تاڭ، يېقىندا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە ئەقلىيە سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم.
«ئادەم ئۈلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ، بەلكى ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ» ؛
سەن بۇ سۆزنى مەھكەم ئەستە تۇت. ئادىلە، بەرىبىر ھېچكىم رېئاللىقنى ئۆزىگە قاراتقان ئەمەس، كىشىلەر نېمە دىسە دەۋەرسۇن، ئۆزەڭنى مەغرۇر تۇت…. تەقدىرىڭنىڭ چۇلۋۇرىنى قۇلۇڭغا ئېلىۋالساڭلا، غەلىبە ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ. ئۈمىدۋار بول، يە بىرەر يىل قايتا تەييارلىق قىلارسەن…
خەيىر ئادىلە، ساڭا ۋە مېھرىبان ئاناڭغا ئۇلۇغ ئاللادىن سالامەتلىك تىلەپ:
دوستۇڭ يالقۇندىن؛
(2)
شامال ياپراقلارنىڭ شىلدىرلىشىدىكى بىر ۋاستە. گۈگۈم بولسا، بۇلارغا رەڭ بەرگۈچى نەقىش.
شاراق-شۇرۇق بىلەن تەڭ ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىققان مۈشۈك ياكى ئىتلار، ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چۇۋۇرلىشىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە بارلىق غەيۋەتلەرنى قىلىپ بولاي دەپ قالغان بىر توپ قۇشقاچلارمۇ گويا قىيامەتتە، ئۇى گۇۋاچى قىلىۋېلىشتىن ئەنسىرگەندەك پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىشتى.
بولدى ئارتۇقچە بايانلىرىمىز مۇشۇ يەردە توختىسۇن.
سۇغا چىققان قىز چوكانلار تېز قايتىڭلار، ئانىلار، ئاچچىق يىغلاۋاتقان بوۋاقلارنى پەپىلەۋەرمىسۇن.بەرىبىر ئۇ تېپچەكلىگىنى بىلەن ، ئەتىلا ئايىغى چىقمايدىغۇ؟
يىراق يەردىن ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇندىن كېيىن بىر توپ بالىلارنىڭ چۇرقىراشقىنى پەسەيدى. ئاخىردا بىر مۇڭلۇق ناخشا ئاڭلاندى.
«يالقۇن، قانداق ئەھۋالىڭ؟ تېنىڭ سالامەت، كۈنلىرىڭ مەنىلىك ، كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتامدۇ؟كۆپ سۆزلەپ ۋاقتىڭنى ئالماي….
باشقا دوستلارغىمۇ سالام ئېيتىپ قويارسەن، ئىست، يالقۇن، مەن ئۆز-ئۆزەمگە نەپرەتلىنىمەن، مەندەك بىر ئىرادىسىز، ۋاپاسىز، نۇمۇسسىز دوستۇڭلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇڭلار….
مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، چۈنكى مەن ئاشۇ ناپاك تېنىم بىلەن ، يىراق-يىراقلارغا كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن….مىڭ ئەپسۇس، … ئەلۋىدا دوستلۇرۇم!»
بۇ ئادىلەدىن يالقۇنغا كەلگەن خەت ئىدى. ئۇ خەتنى ئوقىدى. قايتا-قايتا ئوقىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قۇمچاقراق، زىلۋا بەدەن ئادىلە پەيدا بولدى. كېيىن ئۇ بىر كەپتەرگە ئايلاندى. ئۇچتى، پەسلىدى، ئۇ ئەمدى بىر قونداققا قونۇۋىدى، «پاڭ » قىلغان بىر پاي ئوق بىلەن يەنە ئۆز ئەكسىگە قايتتى. ئاندىن ئۇ ساراڭلاردەك قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئارقىدىن يالقۇنلارغا قاراپ، شۇنداق بىر غەمكىن قىياپەتتە قارىدى، كېيىن ئاستا-ئاستا ، كەچكى شەپەق قوينىدا يوقالدى. ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئاشۇ پاك، سەبى يۈرىكى ، كېيىن سۆزى يوقالدى. كېيىن بىر چاقماق چېقىپ، بىر بەدبەشىرە ئادەم ئادىلەنى يېتىۋالغان پېتى چىقىپ كەلدى. ئادىلەنىڭ قولىدا بىر لىگەن ، لىگەندە ساپلا يىلان-چايان…
شار-…..شۇر….
يالقۇن بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ كۆزىنى ئاچتى. ئەنە ئالدىدا، دولقۇنلاپ ، تولغۇنۇپ ئېقىۋاتقان ئاقسۇ دەرياسى….
ئۇنىڭ ئۇرغان ھەر بىر دولقۇنلىرى، چاچرىغان بۇژغۇنلىرى، بىچارە ئانىنىڭ يۈرەك باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان قىپ-قىزىل ئازاپلىق نۇرلارغا، مەسۈمە قىزنىڭ بىھۈدە خازان بولغان گۈل ياشلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە ئوخشايتى.
(3)
- گۈلنار
-ھە
- بۇ.. بۇ خەتنى كۈرۈپ بېقىڭ..
- بۇ.. بۇ يەنە ئۆتكەن قېتىمقىدەك شوخلۇق قىلدىم دەپ، ئالاھىدە خەت يېزىپ، يۈرگەن بولسىڭىز…
- ياق،ياق… بۇ باشقا…
- ھە ماقۇل، ئەكىلىڭ ئەمىسە…
گۈلنار بىلەن يالقۇن بىز باشتا ئۆزىنى ئەمەس، ئەمما ياپراقلار ئارىسىدىكى سايىسىنى كۆرگەن ئادىلەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئىدى. گۈلنار خەنزۇتىلى كەسپى سىنىپىدا، يالقۇن ئومۇمى پەن كەسپى سىنىپىدا ئوقۇيتى.
ئۇ چۈشتىن كېيىن گۈلنارنى ئۇچرىتالمىدى. ھەقىقەتەن خەتتىكى ئۇ ئىش ، ئۇ ۋە گۈلنار ئويلاپ –ئويلاپ باقمىغان، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بىر ئىش ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئىرادىسى تاغنى يارىدىغان بىر قىزنىڭ ۋاقىتسىز خازانغا ئايلىنىشى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلگەن؟ ھەي، تەقدىر دېگەنمۇ ئاجايىىپ تە…..
يەنە شۇ ئاقسۇ دەرياسى، ئەمما بۇ دەريانىڭ سۈيى ئاق ئەمەس، يالقۇنىڭ تىنىمسىز خىياللىرىغا ئەسرا بولۇشنى خالىمىغاندەك، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئاقماقتا. مەيلى… ئاق، سەنمۇ….
سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بىراق ئۇ بۇنى سەزمىگەندەك، سۇلارغا، يىراقلارغا قاراپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتقان. ئۇلارنىڭ دوستلۇق گۈلىنى شۇ قەدىمى ئەزىم دەريانىڭ سۈيى ياشناتقان، ئېچىلدۇرغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ھېچنىمىنى ئويلىمايتى. راستىنى ئيېتقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، ياكى ھېچنىمىنى ئويلىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايتى. ئۇ ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيتى. ئەمما كاللىسى ھاراق ئىچكەندەك، گاراڭ بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئادىلە غايىپ بولغان، ئاپىسى بىلەن غۇلجىدىكى بىر تاغىسىنىڭ يېنىغا كۈچەپ كەتكەنمىش. ئەتىسى گۈلنار بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇمۇ كېچىچە يىغلاپ چىققاندەك قىلاتتى. ئۇ يۇقارقى گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، يەنە كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. يالقۇن ئۇنىڭغا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالدى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن «ھە…..» دەپ قويدى-دە، ئاستا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ، ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
مەيلى كەتسۇن – دەپ ئويلىدى ئۇ- بەلكىم باشقىدىن قانات قاقار، ئۇ يەردە ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدۇ. ئۇمۇ قانات قاقىدىغان مەيداننى تاپسۇن… بەلكىم… يەنە كەپ قالار….
تامغا چاپلانغان بەدىئى سۈرەتتىكى ساتتار تۇتقان ئاپئاق ساقال بوۋاي ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك، مۇڭلۇق مۇقامىنى باشلىۋەتتى.
دەريادا بېلىق يىلاننى قوغلاپ كېلىدۇ،
ئات ئالدىدا، قوي كەينىدە مەرەپ كېلىدۇ.
ئاتلىق بېرىپتۇق ياندۇق پىيادە،
قانداق قىلارمىز تەقدىر ئىرادە①
داۋامى بار