بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ فىزىكا ئۇقۇملۇق تېزلىكنىڭ گېپى ئەمەس.چۈنكى فىزىكىدىكى تېزلىك ھەققىدىكى پىكىرلەرنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى تېزلىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دېسە توغرا بولىدۇ.
بىر قانچە يىل بۇرۇن «ۋاقىت ئەجەپ تېز ئۈتۈپ كېتىپ بارىدۇ»دېيىشكەن بولساق، يېقىنقى ۋاقىتلاردا «ۋاقىت يوق شۇ، ئالدىراش» دېيىشىدىغان بولدۇق. بۇرۇن كۈندۈزلىرى دوست بۇرادەرلەر يىغىلىپ پاراڭلىشىدىغان بولساق، ھازىر كۈندۈزلىرى ۋاقىت چىقماي، كەچ ۋاقىتلىرى توق قورساققا تاماقنى بۇلۇشىغا زورلاپ، پاراڭلىشىدىغان بولدۇق… ھەي توۋا….
ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا،چوڭ كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئاسمان پەلەك تېرەكلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئەتىگىنى قۇياش شۇ تېرەكنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە مەكتەپكە ماڭساق، قۇيۇپ بەرگەندە بولسا، يەنە كۈن ئولتۇرۇپ بولالماي، مەكتەپتە بىر قانچە سائەت ئوينىۋېتىپ ئاندىن قايتاتتۇق. ئۇ چاغدىكى قۇياش قانداق قۇياش بولغىيتىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن…
90-يىللاردا سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن «ئىشخانىدىكى ئىشلار» فىلىمىنىڭ ئەڭ باشلانمىسىدىكى مىغ-مىغ ئادەملەر، ئالدىراش-ئالدىراش قەدەملەرنى كۈرگەن بولساقمۇ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى قۇياش بەكمۇ ئاستا ماڭىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تەكتى ھەققىدە ئويلانمىغان ئىكەنمىز.ھازىر ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۇ كىنونى كۆرگەنلەر ئۇ يەرلەرنىڭ قەدىمنىڭ بىزدىن ئاللىبۇرۇن تېزلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئاچچىق ۋە چوڭقۇر تەپەككۈرغا غەرىق بولىدۇ.
93-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، خىزمەتكە تەقسىم بولغاندا ۋەلسىپىت بىلەن ئەتىگىنى 12 كىلومېتىر يولنى بىر سائەتتە بېسىپ ، مەكتەپكە بېرىپ بولاتتىم. مەيلى قىش، مەيلى ياز ، يامغۇر، قارا، بوران بولسۇن ھەرگىز كېچىكىپ قالمايتىم. كەچلىرى ئىشتىن چۈشسەك يەنە كۈن بالدۇر تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن سەھرادىكى سەبىلەر بىلەن بىر قانچە مەيدان توپ ئوينىۋېتىپ ئاندىن يەنە ئۆيگە قاراپ 12 كېلومېتىر يولنى بېسىپ ماڭاتتۇق. قىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق ئىدى…. ئۇ زامانلاردا مائاشىمىز چاغلىق بولغاچقا، موتوسىكلىت نەدە تۇرسۇن… يەنە كېلىپ يوللىرىمىزمۇ تاشلىق تاراڭ-تاراڭ يول ئىدى….. ھەي ھازىر موتوسىكلىت ياكى ماشىنىدا يەنە شۇ 12 كىلومېتىرلىق يولنى گاھىدا مېڭىپ قالىمەن… لېكىن ماشىنىنىڭ سۈرئىتى شۇنداق ئاستىدەك، يول شۇنداق ئۇزۇندەك بىلىنىدۇ…. ئۇ چاغلاردا غەيرىتىمىزنىڭ، چىدامچانلىقىمىزنىڭ تېزلىكى يۇقىرى بولسا كېرەك.
ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ ھە….
خۇددى ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېيتقاندەك:
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئۆتكەن تاڭلار، ئاققان سۇلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزەمنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ناھايتى بېرىلىپ كەتكەن ئىدىم. ۋاقىت بىلەن تېزلىشىپ دېگەندەك، يازايلا دېسەم، ھېكايە، شېئىر دېگەنلەر تۈكۈلۈپ تۇراتتى. ھازىرچۇ….. ئەنە شۇ يورغا يىللار، خىزمەتتىكى تۈرلۈك ناچار ئىجتىمائى تەسىرلەر، بىچارىلەرچە ، نادانلەرچە ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىۋاتقان ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر سەۋەپلىك ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي، ئىلھامنىڭ ئەڭ قايناق، ئەڭ قىزغىن ۋاقىتلىرىنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپتىمىز…. ۋاقىت تېزلىكى ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن ئارقىغا تاشلاپ قېچىپتۇ….
بۇرۇنقى كۈنگە قاراپ ۋاقىت بەلگىلەپ، ئىش ئوقەت قىلىدىغان ھەتتا تىلەمچى، ساراڭلارمۇ قالماپتۇ… تىلەمچىلەرمۇ ۋاقىت ۋە پۇرسەت قوغلىشىپ تاڭ سەھەردە ھالقىلىق ئورۇنلاردا چازا قۇرۇدىكەن….
ئۇنىڭغا قارىغاندا، دەرسكە كېچىكىپ كېرىدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىنى نېمە دېگۈلۈك….
شۇڭا دەيمەنكى، بەزى ئوقۇتقۇچىلاردا ئەقەللى تىلەمچىلىك قىلىدىغانلاردا بولىدىغان كەسىپكە خۇمارلىق تۇيغۇسى يوق ياكى ئاجىزلاپ بارماقتا….
بالىلار مەكتەپكە يۈگۈرۈدۇ… ئانا بالىسىغا تاماق يىگۈزەلمەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرىدۇ. دادا بالىسىنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈدۇ… ئاتا ۋە ئانا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن يۈرەك پارىسىنى، شۇ ئائىلىنىڭ، شۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۇلى بولغان بالىلارنى ئەنە شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن بىزلەرگە ئەكىلىپ بېرىدۇ. بىراق…. ئەنئەنىۋى تېزلىك سۈرئىتى بىلەن يالقاۋلىق ، قاششاڭلىق، تەييارتاپلىق، ھورۇنلۇق ۋە جان بېقىش يولىغا كىرىۋالغان بىر قىسىم پەسەندى ئۇستازلىرىم ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش رىسقى بولغان جانىجان ۋاقىتى بىلەن كارى يوق….
يېقىنقى بىر قانچە يىلدا يەنە يېڭى تېزلىك پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ ئەمەل تېزلىكى…
بۇنداق دېسەم ھەيران قالماڭلار….
مائارىپتىن ئىبارەت، ئائىلە، مىللەت، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ساھەدە ، ئەمەل تېزلىكى يەر شارىدا بار بولغان ئاۋاز، يورۇقلۇق تېزلىكىدىنمۇ تېزلىىشىشكە باشلىدى. بۇرۇن بىر قانچە يىلدا بىر رەھبەر ئالمىشىدىغان بولسا، ھازىر يىلدا ئالمىشىدىغان بولدى.بارا-بارا مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، پەسىللىك، قوش ئايلىق، ئايلىق ، يېرىم ئايلىق ژورناللارغا ئوخشاش، ئالمىشىدىغان باشلىقلار مەيدانغا كەلسە،
بۇ بىر ھېساپتا ئەمەلدار بۇلۇپ، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»قا ئۆزىنى ۋە بارلىقىنى،يېقىن-يورۇق، ئۇرۇق-تۇققان، يانچۇق-پانچۇقلىرىنى ئاتىغانلار ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولسا كېرەك.
ئاۋاز تېزلىكى ۋە نۇر تېزلىكى ھاۋانىڭ ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىلەن، ئەمەل تېزلىكى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ساپ تېزلىك بولسا كېرەك……
شۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىمىز يېڭى ئەمەلدارلارنى قارشى ئېلىش، ئۇلارنىڭ يېڭىدىن سىزىق سىزىشى ۋە شۇ سىزىق بويىچە مېڭىشىمىز بىلەن ۋە شۇ سىزىقتا قانچىلىك ماڭالايدىغانلىقىمىزنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى…
بۇ يىل دۆلىتىمىز پويىزنىڭ تېزلىكىنى مانچە كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، خەلقئارانى بىر ھەيران قالدۇرۋېدى. ئارقىدىن بۇ پويىزلار ھاكاۋۇرلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن ئۆسۈشۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىشلىرى كېڭەش كومىتىتى دەرھال تېزلىكنى بىر قانچە خوت تۆۋەنگە چۈشۈر دەپ بۇيرۇق قىلدى.
پويىزغۇ تۆمۈردىن ياسالغان نەرسە، بۇيرۇق بېرىلسە، كۇنۇپكىنى باسسا ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ. بىراق ئەمەل سورۇنىدىكى تېزلىكنى كىممۇ بۇيرۇق بىلەن چەكلىيەلىسۇن دەيسىز؟