يانغىن يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«قوشكېزەكلەر» رومانىدىكى تۇرمۇش تىراگېدىيەسى

«قوشكېزەكلەر» رومانىدىكى تۇرمۇش تىراگېدىيەسى

ۋاقتى: 2015-11-10 ئاۋاتلىقى: 1600 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«قوشكېزەكلەر» رومانىدىكى تۇرمۇش تىراگېدىيەسى
ئەنۋەر قۇتلۇق نەزىرى
ئارىستوتېل تېراگېدىيە ھەققىدە توختالغاندا: «ئۇ بىر خىل يېڭىپ بولغىلى بولمايدىغان زىددىيەت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئىجادىي قەھرىماننىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېگەنىدى. دېمىسىمۇ تۇرمۇش چىن ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر قاچان تىراگېدىيە ۋە كومېدىيە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «يۈسۈف–زۇلەيخا»، «پەرھات–شېرىن»، «غېرىب–سەنەم»، «رابىيە-سەئىدىن»لەر مۇھەببەت تىراگېدىيەلىرىلا ئەمەس، يەنە قەھرىماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان جەڭ تىراگېدىيەلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمدى بىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نەزەر سالساق، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رومانچىلىقىمىزدا قەھرىمانلىق تىراگېدىيەلىرىدىن كۆرە، تۇرمۇش تىراگېدىيەلىرىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر كۆپەيدى. بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، بىز ئەمدىلا ھاياتنىڭ 30–يازىنى كۈتۈۋالغان ئەزىز ئىمىر يانغىن يازغان «مۇھەببەتنىڭ كۆز يېشى»، «مۇھەببەت قاتىلى»، «مۇھەببەت جاۋابىڭ نېمە؟»، «قەپەستىكى يۈرەك» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە ئىدى، ئەمما ئۇ يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان «قوشكېزەكلەر» رومانىدا تۇرمۇش تىراگېدىيەسىنى كەڭ بەدىئىي ئەدەبىيات مۇھىتىدا ئوخشىمايدىغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پېرسۇناژلارنىڭ كەسكىن زىددىيەت–توقۇنۇشلىرى ئاساسدىدا چوڭقۇر ھەم كۆپ قاتلامدا ئېچىپ بېرىپ ھەممىنى قايىل قىلدى.
روماندا يازغۇچى شەيتان تىراگېدىيەسى، مال–دۇنيا تىراگېدىيەسى، ئەخلاق تىراگېدىيەسى، ئىپپەت تىراگېدىيەسى، مۇھەببەت تىراگېدىيەسى، شەھۋەت تىراگېدىيەسى ۋە ئۆلچەم تىراگېدىيەسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۈرۈپ يازغان. مېنىڭچە، بۇ روماندا بۇنچە كۆپ تىراگېدىيەلەرنى كىرىشتۈرۈپ يېزىش ئۇنچىۋالا ئاسانغا توختىمىسا كېرەك. بولۇپمۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن يېتىم بالىلار تۇرمۇشى، ئادەم بېدىكلىرى ئىچكىرىگە ئەپچېقىپ كېتىپ ئوغرىلىققا سالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى؛ ئىستۇدېنتلارنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى يېزىش ئەلۋەتتە بۈگۈنكى دەۋر پرۇزىچىلىقىمىز ئۈچۈن يېڭى ھادىسە ئەمەس، ئەمما بۇ خىل تۇرمۇش رېئاللىقنى ئوخشىمايدىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىش يازغۇچىدىن يۈكسەك ئىقتىدار، كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان ئىجادىيەت جەريانى، يېڭىلىق يارىتىش جەريانى. روماندىكى تىراگېدىيەلىك ئوبرازنىڭ بىرى نۇرلان ئۇستام، ئۇ دەسلەپ نىكاھ تىراگېدىيەسىگە دۇچ كېلىدۇ، يەنى خوتۇنى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تۇرمۇشلۇق بولىدۇ. قىزى نەرگىزە 10 ياشقا كىرگەندە بۇ خوتۇنىمۇ تۈگەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قوشنا ئاياللار ئۇنى «شورپىشانە ئەر» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇشنى خالىمايدۇ. ئىش دەرۋەقە مۇشۇ دەرىجىدە ئاددىيمۇ؟
ياق! نۇرلان پاتەمخان تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن قىمار ئوينايدۇ، ئەيش–ئىشرەتكە بېرىلىپ، سېسىق نامى ئەل–مەھەللىگە پۇر بولىدۇ؛ بىر چاغلاردىكى ۋاپادار، كۆيۈمچان نۇرلان غايىب بولۇپ، ۋوجۇدىدىن ئىنساب–دىيانەت، نومۇس كۆتۈرۈلگەن نۇرلان پەيدا بولىدۇ ... بىر كۈنى ئۇ جەزىخورلارغا 20 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغاندا، ئۇلار نۇرلاننىڭ بۇرنىنى كېسىۋالماقچى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ نومۇسسىز ئەبلەخ «ئاتا» دىن ئىبارەت مۇقەددەس ئوبرازنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈش بەدىلىگە «نۇرنى»نى ساقلاپ قالماقچى بولۇپ، ئىككى ياشقا كىرگەن قوشكېزەك قىزىنىڭ چوڭىنى قىمارخانىدا پولات بايۋەچچە دەپ ھۆرمەتلىنىدىغان سۆلەتلىك قىمارۋازغا بېرىۋېتىدۇ. ھالبۇكى، قەلبىدىكى ۋىجدانىنىڭ ئۇچقۇنى تېخى ئۆچمىگەن نۇرلان بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ئەيىبلەپ «پاتەمخان، مەندەك ئازغۇننى كەچۈرۈڭلار، مەن گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان چوڭ جىنايەتچىمەن، روھىمنى ئىس–تۈتەك قاپلىغان گۇناھكار بەندىدۇرمەن...» (رومان 12–بەت) دەپ نالە–پەرياد قىلىپ، قان–زەرداب يۇتۇپ، ئۆز - ئۆزىگە قاتتىق نەپرەتلىنىپ ياشايدۇ. نۇرلاننىڭ مانا مۇشۇنداق ئەگرى–توقاي ھايات مۇساپىسى ھەر بىر يىگىت ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئىبرەت جاھەننامىسى، ئەلۋەتتە!
روماندىكى پولات ھاللىق ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىدى، ئەمما ئۇ بەڭباش ۋە مەسئۇلىيەتسىز چوڭ بولۇپ قالغاچقا، ياشلىقىدا ئەخلاق تىراگېدىيەسى پەيدا قىلىدۇ. يەنى ئاينۇرخانغا «يۈرۈش، مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش» باھانىسى بىلەن چېقىلىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېزىدىن شەھەرگە تىكىۋېتىدۇ؛ ھەتتا ئاينۇرخان قورساق كۆتۈرگەن پېتى شەھەرگە ئىزدەپ بارغاندا، ئۇنى بىر ئورۇنغا ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. تۇنجى ئايلىقنى ئالغاندا «تويلۇق ئېلىپ كېلەي» دەپ ئالداپ، ئاقكۆڭۈل ئايالنىڭ بارلىق پۇلى ۋە ئاپىسىدىن قالغان زىبۇ–زىننەتلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ قەدەر ئىپلاسلىقىدىن ئۆكۈنۈپ:«ئاينۇرخان، سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ نەچچە كۈندىن بۇيان كۆپ ئويلاندىم، ئۆزۈمنىڭ جىنايەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتىمغا ئېچىندىم. مەن دادا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمەن. مەن ئوغلۇمنى، ئايالىمنى تاشلاپ كەتكەن مۇناپىق، تاش يۈرەك ئىنسانمەن. ئادىلغا مېنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىمنى مەڭگۈ ئېيتىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن... مەن قىزىم ئادىلەنى ئىزدەپ ماڭدىم، ئۇنى تېپىۋالسام، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن...» دەيدۇ. ئادىلەنىڭ پۇلاتنىڭ ئالدىدا خارلىنىپ، يانچۇقچى بولۇپ چىققانلىقى دەپ پولاتتىكى تويمىغۇرلۇق، مال دۇنيا تىراگېدىيەسىدۇر.
ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ قېلىشىدا ئاتا–ئانىسىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى چىڭ تۇتمىغانلىقى، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئەقىد – ئېتىقاد، ئۇدۇم–ئەخلاق، پاك ھالال ياشاش يولىغا باشلىيالماي، خۇددى كەتمەن چالمىسىدەك بىكېرەك ئادەم سۈپىتىدە جەمئىيەتكە تاشلىغانلىقى تۈپ سەۋەب بولغان، لېكىن ئۇنىڭدىمۇ قىمارۋازلارغا خاس ئاز–تولا ئەركەك تۈكى بار! ئۇ ئۆگەي قىزىنى ئىزدەپ كېلىپ، دۇختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ئاينۇرخاننى كۆرۈپ قالغاندا، نومۇس ئېڭى ئويغىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارىيالمايدۇ، چاقىرسىمۇ بېشىنى ئىچىگە تېقىۋېلىپ قېچىپ كېتىدۇ، بىراق نەچچە قەدەم ماڭمايلا پىكاپقا سوقۇلۇپ كېتىدۇ. يەنە ئاقكۆڭۈل ئاينۇرخان «نېمىلا قىلسۇن بالامنىڭ دادىسى» دەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېرىپ داۋالىتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، قورسىقى تارىم ئاسمىنىدەك كەڭ ئاينۇرخاندىن كەچۈرۈم سورايدۇ، ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ «بالام» دەپ چاقىرىپ باقمىغان ئوغلى ئادىلغا بۆرىكىنى تەقدىم قىلىدۇ؛ دوختۇرخانىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ چىقىپ قىزى ئادىلەنى ئىزدەيدۇ، سوت مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ، «مەن قاتىل، قىزىم گۇناھسىز!» دەپ جاكارلاپ، قىزىنى قۇتقۇزماقچى بولىدۇ. دېمەك، ھايات ۋە تۇرمۇشتىكى زىددىيەت، روھىي دۇنياسى؛ نەرگىزەنىڭ بېيجىڭدا چەتكە قېقىلىشلىرى، پات–پات كۈتۈلمىگەن روھىي زەربىلەرگە يولۇقۇشى دال شەھىدەدىكى «ئەخمەت بىلەن مەن يۈرمەي، نەرگىزە يۈرەمدىغان» دېگەن قورساق كۆپۈكى پەيدا قىلغان كۈندەشلىك تىراگېدىيەسى؛ شەھىدەنىڭ رىيات ئارقىلىق ئەخمەت بىلەن نەرگىزەنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش، ئەخمەت بىلەن يۈرۈشىگە يول ئېچىپ بېرىش بەدىلىگە ئەڭ قىممەتلىك ئامانىتىنى رىياتقا تەقدىم قىلىۋېتىشىمۇ ئوخشاشلا كۈندەشلىك تىراگېدىيەسى. ئۇنىڭدىن باشقا نەرگىزەنىڭ رىيات بىلەن «بىللە تۇرۇپسەن» دەپ ئەخمەتنىڭ تەستىكىنى يېيىشى، مەكتەپداشلىرىنىڭ ئوغرىلىق قىلىۋاتقان قوشكېزەك ئاچىسى ئادىلەنى كۆرۈپ، خاتا ھالدا «نەرگىزە» دەپ قىلىشى ۋە نەق مەيداننى سىنىغا ئېلىۋېلىپ، مەكتەپتە ۋە ئەخمەتنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولۇشى، ئەخمەتنىڭ تاشلىۋېتىشى؛ يەنە ئاچىسى يوللۇق قوغدىنىش داۋامىدا مەمەتنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، رەڭگى–رۇخسارى ئوخشاپ كەتكەن نەرگىزەنىڭ خاتا ھالدا جىنايەت گۇماندارىغا ئايلىنىپ قېلىشى دەپ ئۆلچەم تىراگېدىيەسى. ئاپتور تۇرمۇشنى ئىنتايىن ئىنچىكە، چوڭقۇر كۆزەتكەچكە، ئەسەر قەھرىمانلىرىنى كەنت، ناھىيە بازىرى، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىن ئىبارەت تۆت ماكاندا، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە زاماندا ئىلگىرى–كېيىن ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بىر قاتار تىراگېدىيەلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپلا قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بېرەلەيمىز. يازغۇچى مۇھەببەت بىلەن يازغان ئوغرى قىز ئادىلە باشتىن–ئاخىر كۆز ئالدىمىزدا ھەققانىيەتچى، غۇرۇرلۇق قىز سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئامالسىزلىقتىن قىلغان ئوغرىلىقلىرىنى كەچۈرۋېتىمىز؛ ئادىلە سومكىسىنى ئوغرىلىغاندا تۇتۇۋالغان تۇرۇقلۇق، ساقچى كەلگەندە «قىزىم» دەپ قانات ئاستىغا ئالغان ئابلەت ساقچى بىزگە پەرىشتە بولۇپ تۇيۇلىدۇ ۋە باشقىلار. ئاپتور روماندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشىنىمۇ ناھايىتى چىن، ھەقىقىي، تەسىرلىك يازغان. شەھىدە بىلەن رىياتقا باشتىن–ئاخىر غەزىپىمىز تولۇپ تاشسا، نەرگىزە بىلەن زۆھرەگە ھېسىداشلىقىمىز بۇلاق بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەخمەت مۇۋەپپەققىيەتلىك يارىتىلغان ئوبراز، ئۇ ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە تىرىشقاقلىقى، كېلىشكەن، قەددى–قامىتى بىلەن قىزلارنىڭ مەبۇدىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ نەرگىزە بىلەن يۈرگەندىن كېيىن، رومانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىدۇ؛ ئۇزىمايلا شەھىدەنىڭ ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرۈپ، يۈرىكىنى تىنىمسىز ئۆرتەۋاتقان كۈندەشلىك ئوتى سەۋەبلىك، نەرگىزە بىلەن ئەخمەتنىڭ بېشىغا ئېغىر سىناقلار كېلىدۇ. ئەخمەت گەرچە شۇنچە ئېسىل يىگىت بوسىمۇ، يەنە كۆپ تەرەپلەردىن كەتكۈزۈپ قويىدۇ. خاتالىقنى بىلگەندە ئالا كۆڭۈل قىز شەھىدەدىن ۋاز كېچىدۇ. نەرگىزە ئەخمەتنىڭ كەچۈرۈم سوراشلىرىغا پەرۋا قىلماي، نىكاھ ئوپۇقىدا يېڭىلا چىقىىۋاتقان قۇياش يارقىننى ئالا بىلىدۇ. دېمەك ئەخمەت ئوبرازى ياشلارنى مەۋقەسىز بولماسلىققا ئۈندەيدۇ.
بۇ ئوبزور«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يانبىلوگ. يانبىلوگ ئەسەرلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم ئىزلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردۇر. ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق جايدا يوللاشقا، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى