ئايرىلىش
ۋاقتى: 2015-11-02
ئاۋاتلىقى: 2463 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم ئىدى،چۈنكى ئۇ بۈگۈن يىراق-تولىمۇ يىراق بىر جايغا مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى،ئەسلى ئۇ خۇشال بولسا بۇلاتتى،چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى -ئارزۇسى،ئارمىنى ئىدى. ئۇ مۇشۇ كۈنلەرنىڭ كىلىشىنى تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتكەن ئىدى . لىكىن ئۇنىڭ قەلبىنى قانداقتۇر مۇڭ-مىسكىنلىك قاپلىۋالدى. ھەربىر سۆز -ھەركەتلىرىدىن ئاللىقانداق ھەسرەتلەر بىلىنىپ تۇراتتى .
***** ***** **** **** *****
ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم ئىدى.ئەتىگەندىن بېرى چاندۇرماي يۈرگەن بولسىمۇ ،ئەمما نەچچە قېتىم ئادەم يوق يەرگە چىقىپ تازا يىغلىدى . شۇنداق ، ئۇ يىگىتنى بەك ياخشى كۆرەتتى،ئۇنىڭ بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلاتتى،ئەپسۇس، بۇ ئەمدى مۇمكىن ئەمەس . ئۇ بۇندىن كىين پەقەت چۈشىدىلا ئۇنى كۆرەلەيدۇ . چۈنكى ئۇ كەتمەكچى،يىراق-يىراقلارغا كەتمەكچى... قىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلماقچى ...
***** ***** **** **** *****
قىز يىگىتنى ئىزدەپ ئۇ دائىم ئۆزى يالغۇز ئولتۇرىدىغان،كىيىن قىزمۇ دائىم بارىدىغان كونا جايغا كەلدى . يىگىت ھەر قېتىم موشۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى.نىمىلا بولمىسۇن قىز بۈگۈنكى ئەڭ ئاخىرقى كۈننى قولدىن بەرمەسلىكنى ئويلىغان ئىدى ، تەلىيىگە يارىشا ، ئۇ يەنە شۇ يەردە بۇرۇنقىدەك خاتىرىسگە بىرنىمىلەرنى يېزىپ ئولتۇراتتى.قىز ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
***** ***** **** **** *****
-بۈگۈن مېنى ئاپىرىپ قويالامسىز؟!ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى بۇلۇپ قالسۇن ،-دېدى قىز يىگىتتىن ئۆتۈنۈپ .
يىگىت ئۈندىمەستىن قىزغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى .
بۈگۈن ھاۋا باشقا كۈندىكىگە قارىغاندا خېلىلا سوغۇق ئىدى.ئەتراپ شۇنچلىك جىمجىت...
پەقەت ئىككىسىنىڭ ئاياق تىۋىشىدىن باشقا ھېچنەرسە ئاڭلانمايتى. سۈكۈت...مۇڭ...خىيال...
ئۇلار بۇ يولدا نەچچە قېتىم بىللە مېڭىشقان بولسىمۇ ، بۈگۈن ھەر ئىككىلىسىى ئەتراپقا تويماي قارايتتى . قىز مۇشۇلار ئىچىدىن ئۆزى ئىزدىمەكچى بولغان بىر نەرسىنى تاپماقچى بۇلاتتى ، ھەممە نەرسە قىزغا بۈگۈن باشقىچە كۆرۈنەتتى.ئۇ يىگىتكە پات-پات قاراپ قوياتتى.نىمىشقىكىن تولىمۇ گەپدان بۇ قىز مانا ئەمدى بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمىدى.
ھەي ، ھەسرەت!...
***** ***** **** **** *****
-راستىنلا ماڭامسىز؟،ھەممە تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟قاچان يولغا چىقىسىز؟-سورىدى قىز ھەسرەتلىك تىنىپ .
-شۇنداق،ئەتە-يا ئۆگۈن يولغا چىقىمەن.بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كىلىپ بولدۇم .
قىز باشقا گەپ قىلاي دېدىيۇ...ئەمما يەنە توختاپ قالدى. تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان گەپلەرنى يۈتىۋىتىشكە مەجبۇر بولدى .
-ئەمىسە بۈگۈن مۇشۇ يەردە ئۇزۇنراق تۇرىۋالساق بۇلامدۇ ؟-قىز يىگىتكە كۆزلىرىنى تىكتى .
-بۇلىدۇ،-دېدى يىگىت ئۆز ىنى سالماق ،ئېغىر تۇتۇشقا تىرىشپ .
بۇ يەر ئۇلار كۈندە نەچچە قېتىم ئۈتىدىغان ،بەزى كۈنلىرى مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان جاي ئىدى . قىز يەنە ئادىتى بۇيىچە يۇلتۇز ساناشقا چۈشۈپ كەتتى .
-ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئۆزى بەلگىلىيەلىسە، ئۆزى ئۆزگەرتەلىسە،خالىغان كىشى بىلەن بىللە ئۆتەلىسە نىمىدىگەن ياخشى -ھە!!!
-بۇ مۇمكىن،ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىشى كېرەك،-قىزنىڭ تۇلىمۇ سەبىيلىك ئارلاشقان سۆزلىرىگە يىگىت مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇردى .
-بەزى ۋاقىتتا مۇمكىن بولماي قالىدىكەن، سىز سۆيگەن كىشى سىزنى سۆيمىسە...-قىز گىپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى .
يىگىت بۇرۇلۇپ قىزغا قارىدى ، قىزنىڭ كۆز چاناقلىرى ياش تامچىسىغا تولغانىدى .
-ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بۇلىدۇ...
-شۇنداق،سىز مېنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،بىلىمەن،سىز پەقەت مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپلا مېنى ياخشى كۆرگەن بولىۋالغان، ئەمما مەن چوقۇم ئۆزگىرەتتىم. سىز مىنى سۈيۈپ قالغۇچە سىزنى ساقلاشقا رازى ئىدىم ،-قىز تېخىچە ئېسەدەۋاتاتتى .
-ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن،ئەمما...ئەمما مەن سىزنى بەخىتسىز قىلىپ قويىمەن...شۇڭا بىزنىڭ يەنىلا ئايرىلىپ كەتكىنىمىز ياخشى ...-يىگىت قىزنى يىغىدىن قانداق توختىتىشنى بىلمەي قالدى .
-بولدى،مەن چۈشىنىمەن...مەن ياخشى قىز ئەمەس...سىز ياخشى كۈرىدىغان قىز ...-قىز توختاپ قالدى .
-قاراڭ،يۇلتۇزلار نېمىدىگەن چىرايلىق...بىرى كەتسە يەنە بىرى كېلىدۇ،-يىگىت قىزنىڭ تېخىمۇ ئازابلىنىشىنى خالىماي سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى .
-ئەمما يەنە شۇ چاقنايدىغىنى بىر-يا ئىككى يۇلتۇز ...-قىز ئاسماندىكى چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ خىياللارغا چۈكۈپ كەتتى .
***** ***** **** **** *****
-سىز كەتسىڭىز ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ئۇنى ئەمدى ئىزدىمەمسىز؟ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمەكچىمۇ سىز؟؟- قىز يىگىت ياخشى كۆرىدىغان قىزنى دەۋاتاتتى . يىگىت قىزغا بۇنى سۆزلەپ بەرگەن ، ئۆزىنىڭ بىر قىزنى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى .
-ئۇ،-يىگىت سوغۇق كۈلۈپ قويدى ،-بەلكى بۇ ئۆمرىدە مېنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغنىمنى بىلمەي ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن .ئۇنى دىسەم زادى كەتكۈم يوق، لىكىن...
-ئۇ ھەقىقەتەن بەخىتلىك قىز ئىكەن ،-دېدى قىز يىگىت ياخشى كۆرىدىغان قىزغا مەستلىكى كىلىپ ،-مۇھەببەت شۇنداق بۇلىدىكەن ، سىز سۆيگەننى سۆيدۈرمەيدىكەن ، سىز سۆيمىگەننىڭ يۈرىكىگە مۇھەببەت ئۇرىقى سالىدىكەن .
يىگىتنىڭ خىيالىغا تۇرۇپلا ئۆزى يۇشۇرۇن ياخشى كۆرىدىغان قىز كىرىپ قالدى.
-راست،ئۇ شۇ تاپتا نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟...
***** ***** **** **** *****
ئۇلار پاراڭلىشىپ قىزنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ سېزىشمىگەنىدى . ئەمدى ئۇلار ئايرىلىدۇ،بەلكى بۇ ئۆمرىدە قايتا ئۇچرىشىش نىسىپ بولماسلىقى مۇمكىن....
قىزنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى ، ئۆزىنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى...يىگىتنىڭ كۆڭلىمۇ بىردىنلا يېرىم بۇلۇپ قالدى .
-خوش،-دېدى يىگىت .
-خوش ،-دېدى قىز.
ئەمما ھەر ئىككىسى بىر -بىرىگە قارىشىپ جايىدا قىمىر قىلماي تۇرۇپ قېلىشتى .
سۈكۈت...ھەسرەت...ئاچچىق ئايرىلىش...
-سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر نەرسىنى تەلەپ قىلسام بولارمۇ؟-دېدى قىز كۆز ياشلىرىنى تەستە تۇتۇپ .
-قېنى دەڭ،-يىگىت يەنىلا شۇنداق تەمكىن تۇراتتى .
-سىزنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سۆيۈپ قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلامسىز؟-دېدى قىز جۈرئەتكە كېلىپ .
يىگىت ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىنلا ، قىزنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باستى .
***** ***** **** **** *****
قىز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . يىگىت قىزنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۇپ قالدى .
-خەير ، بەختسىز قىز ،-دەيتتى يىگىت ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلاپ ،-ماڭا تۇنجى سۈيۈشنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغىنىڭغا رەھمەت ،- قاراڭغۇلۇقتىن چىقىۋاتقان سوغۇق شاماللار ئۇنىڭ ئاۋازىنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى .
-خەير ، بەختلىك بول ! ياخىش كۆرگەن قىزىڭنىڭ ۋىسالىغا بالدۇرراق يىتىشىڭنى تىلەيمەن . ھەرگىز مەندەك ئازاب ، ھەسرەت چىكىپ قالمىغىن ! ،-قىز شۇنداق دەپلا ئۆزىنى كارۋاتقا ئېتىپ بۇغۇلۇپ -بۇغۇلۇپ يىغلاپ كەتتى .
ھەي ..ئايرىلىش !!!