يانغىن يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سۆيگۈ چېقىندىلىرى

سۆيگۈ چېقىندىلىرى

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 2518 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۆيگۈ چېقىندىلىرى
ئامرىغىم، سېنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا ھايات قەدىرلىك ، شۇ قەدەر گۈزەل، تۇرمۇش مەنىلىك! مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋازىڭنى، پەرىشتە سىياق قەددى قامىتىڭنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەلەيمەن؟ئۆتكۈر ، تېرەن پىكىرلىرىڭ، ئوت يېنىپ تۇرغان سېھرىي كۆزلەر ..... ئاھ! زادى قانداق سىر باردۇ سەندە؟! پاھاسەتلىك سېھرى زەبۇنىڭ ئالدىدا تېلىم باغلاندى تېلسىزلىقنىڭ تۇۋرۈكلىرىگە! نەيزە كىرپىكلىرىڭ يۈرىكىمنى تېشىپ ئۆتتى، سېنىڭ بىلەن جەزبىدار سۆھبەتلەردە بولۇش كىشىگە نەقەدەر ھوزۇر بېغىشلايدۇ ھە! ئوت تامچىپ تۇرغان يۈرۈكىمنى ساڭا تۇتتۇم، ئىلتىپاتىڭ بىلەن مېنى بەختلىك قىلغايسەن ....  
 
ئامرىغىم، يۈرىگىمدىن چاچراپ چىققان بىر دەستە نۇر بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى. ئۇنىڭ يۈرىگىڭدىن چىققان نۇر بىلەن قوشۇلۇپ، بۈيۈك بىر نۇر ھالقىسى بولۇپ، ئالەمنى نۇرغا پۈركىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ، قەلىب تارىلىرىمىزدىن ياڭرىغان ئورتاق ۋە بۈيۈك بىر مۇزىكىنىڭ ئەۋجىنى، ئايرىماس جۈپ قۇشلاردەك بىر ئۆمۈر كەڭ زىمىننى سەن بىلەن پەرۋاز قىلىشىنى ۋە تەقدىرىمىزنىڭ قارغاي يىلتىزىدەك ئىرمىشىپ -چىرمىشىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن ! ئىشىنىمەن ، مۇھەببەت ئىلاھى قەلبىمىزگە مۇھاببەت ئۇرۇقى چېچىپ بىزگە بەخىتلىك كەلگۈسى ئاتا قىلىدۇ ...
 
ئامرىغىم .كۆزلىرىڭدىن چاقنىغان ئۆتكۈر نۇر يۈرىگىمنى تىشىپ ئۆتتى ... مەن قىپقىزىل قان تامچىلاۋاتقان يۈرىكىمنى ئىككى قولۇم بىلەن چىڭ تۇتقۇنۇمچە مۇھەببەت ، سۆيگۈ دېڭىزىغا چۈمۈلۈپ ساڭا سۇنىمەن . سۆيگۈ چۆللىكىم ھەر ۋاقىت سەن ئۈچۈن ئوچۇق ،پەقەت سېنىڭ كېلىپ كۆكەرتىشىڭگە موھتاج ، سەن قەلبىمنىڭ مۇڭلۇق تارىلىرنى ئۆزۈڭنىڭ ئۈزۈلمەس كۈيلىرىڭ بىلەن سايرىتىپ قەلىب چۆلىكىمگە بوستانلىق بەرپا قىلىسەن ، يۈرەك تارىمنى تۇنجى قېتىم چەككەن ،قەلبىمنىڭ تۇنجى مېھمانى بۇلۇپ قالىسەن ،ماڭا مۇھەببەتنىڭ، سۆيگۈنىڭ نىمىلىكىنى تۇنجى قېتىم تونۇتىسەن. مەن ساڭا ھەيران بۇلۇپ قارايمەن ،ئۆزۈمنىڭ ساڭا سەۋدايىلەرچە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىمغا،كۈندىلىك خىيالىرىمنىڭ ، چۈشلىرىمنىڭ سەندىن ئايرىلالمىغانلىقىغا ھەيران بۇلۇپ قارايمەن ... 
 
ئامرىغىم ، مەن بىردىنلا ساڭا بولغان سۆيگۈمىنى دېڭىزغا ئوخشۇتۇپ قالدىم،ئۇ بەزىدە خۇددى دېڭىزدەك دولقۇن ئۇرۇپ تۇرسا،بەزىدە خۇددى پارغا ئوخشاش يۇقاپ كېتەتتى. 
سەن بىلەن ئالاقە قىلمىغىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى،شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ھىجران چۆلدىكى ئاشىقىڭنىڭ ساڭا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭمۇ؟سېنى ئىزلىدىم ،كۆپ ئىزلىدىم ، ئىزدەۋاتىمەن . بىز دائىم بىللە يۈرۈيدىغان باغلاردىن ، بىر -بىرىمىزگە قانماي تىكىلىشىپ ئولتۇرغان  ئۇرۇندۇقلاردىن سىنى ئىزدەيمەن ، سايىلىرىڭنى ، تىۋىشلىرىڭنى ، قەلبلەرگە ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلغۇچى ئوتلۇق لەۋلىرىڭنى ، ماڭا توختىماي تېلفۇن ئۇرىدىغان ، ئۇچۇر قىلىدىغان يۇمران قوللىرىڭنى ...خۇددى تاپقىلى بولمايدىغان مەۋھۇم نەرسىنى ئىزدىگەندەك..... 
 
ئامرىغىم ، سەن بۇنى ھېس قىلىۋاتامسەن ؟! ياق، سەن بۇنى بىلمەيسەن ! بەلكىم مەڭگۈ بىلمەسلىكىڭ ، ئەبەدىي چۈشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن .قەلبىم ئۆرتىنىۋاتىدۇ ،ھىجراندا ،ئىشقىڭدا سوقىۋاتقان يۈرىكىم سېنىڭ ئىسمىڭنى تۇيدۇرماستىن يادقا ئىلۋالدى ، ياق قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ئويىۋالدى .يۈرىكىم ، مۇھابىتىم ، پۈتۇن جىسمىم ساڭا تەلپۈندى . سىنى كۈتتى ، كۈتىۋاتىدۇ . ساڭا بولغان سۆيگۈم كۈندىن كۈنگە كۈچىيپ بېرىۋاتىدۇ . كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ ،سەن بىلەن ئەتىمۇ ،ئۆگۈنمۇ ۋە ياكى............. بىلمەيمەن ، قاچان سىنى تاپارمەن ، قاچان سىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئوتلۇق سۆيگۈڭگە ئېرىشەرمەن . بىلەمسەن ، جېنىم ! مېنىڭ ئىشەنچىم ،ساڭا بولغان سۆيگۈم ، ئەقىدەم ئىشىپ بېرىۋاتىدۇ . مېنىڭ ھىجرانلىق سېغىنىشلىرىمنى ، ساڭا بولغان مۇھابىتىمنىڭ قانچىلىك پاك، چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلەرسەنمۇ ؟...مېنىڭچە چوقۇم بىلىشىڭ كېرەك .بۇنى بىلىشكە پەقەت سەنلا ھەقلىق . چۈنكى پەقەت سەنلا پاك مۇھابىتىمنىڭ سىمۇۋولى قىلىپ ھىجراننى ماڭا ھەدىيە قىلغان ، ئاتا قىلغان ... ئەمدى قايتىپ كەلگىن ، سېنى سۈيىمەن ، سېنى كۈتىمەن ، مەيلى سەن قاچان ، قەيەردە بولۇشىڭدىن قەتئىينەزەر سىنى كۈتىمەن .... 
 
ئامرىغىم ، بۈگۈن ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولدى ، خۇددى سىنىڭ زىمىستان چىرمىۋالغان مۇزدەك سوغۇق قەلبىڭدەك ...شۇنداقتىمۇ سىنى ئىزدىدىم ، نىشانسىزلا يىرىم كۈن يالغۇز كو چا ئايلاندىم ،سەندىن ئايرىلغاندىن كىيىنكى قانچىنچى قىتىملىق يالغۇز كو چا ئايلىنىشىم ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم . توۋا ! مەن سىنى نىمىشقىكىىن ھىلىھەم سۆيىمەن ،پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم ،مۇھەبىتىم ساڭىلا تەئەللۇق ،ئەقىدەم ساڭىلا باغلانغان ، يۈرىكىم پەقەت بىر ساڭىلا سېغىنىپ تىنىمسىز سوقىدۇ ... 
ئۇزاق يوللارنى يۈرۈپ كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز دەرەختىن قۇرۇپ چۈشكەن يۇپۇرماققا دەسسىۋالدىم ، ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى .يۈرىكىم مۇجۇلۇپ ئاشۇ يۇپۇرماققا قاراپ ئاستا پۇتۇمنى تارتىۋالدىم .گەرچە ئۇنىڭ يۇپۇرماق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شەكلى ئۆزگەرمىگەن بۇلسىمۇ ،لىكىن پۈتكۈل ئەزالىرى پارە -پارە بۇلۇپ كېتىپتۇ .بىر مەھەل دەرەخنىڭ شاخلىرىدا مەغرۇرانە ياشىرىپ تۇرغان يۇپۇرماق ، كۈز پەسلىنىڭ ،زىمىستان قىشنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن سارغىيىپ سامان بۇلۇپتۇ .مەن ئۆزۇمنى ئاشۇ يۇپۇرماققا ، سىنى زىمىستان قىش پەسلىگە ئوخشاتسام خاتا بولماس ھە قەدىردانىم ؟!...
 
ئامرىغىم ، ئارزۇلىرىم، شېرىن ئارزۇلىرىم ئارزۇ پىتىچە قېلىۋەردى. سېنىڭ تاللىشىڭ ھەممىنى بىتچىت قىلىۋەتتى. سەن مېنى تاشلاپ كېتىش بىلەن مەئىششەت قوينىغا شۇڭغۇدۇڭ، چېكىدىن ئاشقان روھىي غالبىيەتچىلىگىڭ مېنى مەڭگۈ ھىچنىمە تاپقىلى بولماس سوغۇق تېپىشماقنىڭ قاينىمىغا ئىتتىرىۋەتتى. مەن خۇددى باياۋاندا نىشاندىن ئاداشقان سەيياھتەك ھەر تەرەپكە ئۈمۈد بىلەن كۆز تىكتىم. توپتىن ئايرىلغان بىچارە قۇشتەك ، ھەممە نەرسىنى دوغا تىكىپ ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك .... 
سىنىڭ كىرپىكلىرىڭگە مىخلانغان كۆزلىرىمنى ئەيىپلىيەلمەيمەن، پىنھان سايەڭدىنمۇ ھۇدۇقۇۋاتقان كۆزلىرىمدىن بىزار بولالمايمەن، سىنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۆركەش ياسىغان ۋۇجۇدۇمنى ئەيىپلەشكە ئاجىزمەن. ۋادەرىخ!تۇيغۇللىرىم ئۈستىدىن ئەرىز سۇنالمايمەن .سەن كەتتىڭ ! شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدىڭ ، ساڭا قىلغان ئەقىدەمنىڭ يۈزى ئۈچۈن ، ئارقاڭغا بىر قېتىم قايرىلىپ قارىشىڭنى كۈتتۈم . لېكىن سەن ئارقاڭغىمۇ قارىماستىن كۆز ئالدىمدىلا غايىپ بولدۇڭ . ئاھ... سەن كەتتىڭ . مىنىڭ يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەتتىڭ ... سەرسانلىقتا قالغان ساپ ئەقىدەمنىڭ مىنى بۇنچە قاتتىق ئازاپلارغا سېلىشىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن ...سۈكۈتلىرىم قەلبىمدىكى ئوبرازىڭنى ئاستا -ئاستا خۇنۇكلەشتۈرۋەتتى ، تېڭىرقىغان غورۇرۇم ، يۈرىكىم تۇغقان تۇنجى مۇھەببەتنى ئىلاجىسىز دەپىن قىلىۋەتتى ... ئىزتىراپ ئىچىدە تولغۇنىۋاتقان يۈرىكىم ئىزھارسىز سۆيگۈنىڭ پەپىلىشىدە ئاستا- ئاستا تېنىچلاندى ، بىراق سېنى يەنىلا ئۇنتالمىدىم ...
 
ئامرىغىم ، بىز يۈرگەن ئاشۇ يىللاردا سىنى قانچىلىك ئىشتىياقىم ،چىن ئەقىدەم ،جېنىم بىلەن سۆيگەن ئىدىم ھە؟!خۇددى <<قۇياش نۇرسىز ،سۇسىز گىياھ >>بولمىغىنىدەك سىنى شۇنچىلىك قەدىرلەپ سۆيگەنىدىم .ئالدىڭدا يىگىتلىك غۇرورۇمنى ،ئىززەت-ھۆرمىتىمنى قانچە قىتىملاپ يەرگە ئۇرغان بولغىيتىم ؟!سەن قانچە قىتىم سىلكىپ ،تاشلاپ كەتكەندە خۇددى كۇچىدىكى قەلەندەر كەبى لالما ئىتلارچە سۆيگۈ تىلەپ ئاققان بىھۇدە ياشلىرىم ،خارلانغان ئەقىدەم ...،ئاھ خۇدا ، مېنى رەھىمسىزلىك بىلەن تاشلىۋەتكەن شۇ كۈن ئېسىڭدىمۇ؟! ،مەن سېنى نەقەدەر ياخشى كۆرەتتىمغۇ،سېنىڭ شۇ باغرى تاشلىقىڭ تۈپەيلى قانچىلىك ياشلارنى تۆككەنلىكىمنى ، يۈرۈكۈمنىڭ چەكسىز دەرت - ھەسرەت بىلەن تولغانلىقىنى بىلەمسەن ؟! شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھىسياتىمنى قىلچىلىك ئويلاپ قويمىغىنىڭغا ھەيرانمەن...،مەن قاپقارا كۆزلۈرۈمدىن ياش ئاققۇزۇپ قالغان ۋاقتىمدا سەن ئاتالمىش شۇ يىگىتنى قولتۇقلىغىنىڭچە مەغرۇرانە قەدەملىرىڭ بىلەن كېتىپ قالغان ئىدىڭ . ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يۈرۈكۈم سوقۇشتىن توختاپ قالغىلى تاس قالدى، سېنىڭ شۇ قىياپىتىڭ كۆز قارچۇقۇمدا قېتىپ قالدى ... 
 
بولدى قىل ئامرىغىم ، سەنسىز ياشىيالمايمەن ئەمەس ياشىيالايمەن . سىنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ بارغانسرى ماڭا مەددەت ، ئىلھام بېرىشكە باشلاۋاتىدۇ ، كىيىنكى ھايات يۇلۇم ئۈچۈن داغدام يول راسلاپ ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ ،مۇشۇ سەۋەبلىك نەپرەتلەنسەممۇ لىكىن يەنىلا رەھمەت ئىيتىمەن ، رەخمەت ساڭا ۋاپاسىز يايرىم ،ساڭا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت .سىنىڭ بۇ رەھىمسىزلىقىڭ مىنى ئويغىتىۋاتىدۇ ،مەن ئويغۇنۇشقا باشلىدىم ، ھەممىنى قاينىدىن باشلاش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم . بىلمىدىم ؟! قانداق تۇيغۇ ساڭا بولغان كۆز قارىشىمنى بۇنچە روشەنلەشتۈرىۋەتتىكىن تاڭ .سەن ماڭا باشتا نېمە دېگەن ئىدىڭ .مېنى مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىڭنى ئېيتقان ئىدىڭ ، ئەمما سۆيۈپ بولۇپ خارلايدىغانلىقىڭنى ئېيتمىغان ئىدىڭ .مىنى ئاشۇ ۋاقىتتا سۆيگەنلىرىڭ ئۈزۈڭنىڭ ئىستەكلىرى ئۈچۈن بولسا، ئارمانلىرىڭ مىنى سۆيمەيدىغانلىقتىن بىشارەت بىرىدۇ. مىنى قۇچاقلىغىنىڭ، ئۈزۈڭنى بەزلەش ئۈچۈن بولسا، شۈھبىسىزكى بەختكە تەلپۈنگەن يۈرىكىم ئالدانغان بۇلىدۇ. مىنى ئىزدىشىڭ، ماڭا تېلفۇن قىلىشىڭ، مىنىڭ كۆزۈمنى بوياش ئۈچۈن بولسا ، ئالدانغان ئۆمرۈمنىڭ ئىزناسى سىنىڭ ھەرەمخانەڭگە چۈشكەن بولىدۇ...
 
بىلەمسەن ؟! سەن مېنى مەڭگۈلۈك ئازاپ دېڭىزىغا غەرىق قىلىپ قويۇپ مەندىن سەۋەپسىزلا ئايرىلىدىغانلىقىڭنى ، ساختا ھىسيات بايرىقىڭنى لەپىلدىتىپ تۇرۇپ جاكارلىغان شۇ كۈنى كۆزلىرىم ساڭا يېلىنىش ئاھاڭىدا ئەمەس ،ساڭا چەكسىز نەپرەت بىلەن تىكىلگەن ئىكەن . بۇنى ناھايىتى كىچىكىپ چۈشىنىۋاتىمەن ، لىكىن ھەرگىزمۇ كىچىكمىدىم ھەم كىچىكمەيمەن .ساڭا ئېيتاي ۋاپاسىز مەشۇقۇم : 
-بەخىت ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدۇ. ۋاپادارلارنىڭ قەدرى - قىممىتىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئامان بولغايسەن ! ساڭا ۋىجدان تىلەيمەن ! خەيرى-خوش سۆيگۈ دۇنياسىنىڭ «غورۇرسىز دىۋانىسى»، خەيرى ئازاپقا تولغان كۈنلىرىم !!! 
 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يانبىلوگ. يانبىلوگ ئەسەرلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم ئىزلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردۇر. ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق جايدا يوللاشقا، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى