يانغىن يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سۆيگۈ تىۋىشلىرى

سۆيگۈ تىۋىشلىرى

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 1750 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سۆيگۈ تىۋىشلىرى 
ئەزىز ئىمىر يانغىن 
قەھرىتان قىش. 
غاز قانىتىدەك ئاپئاق چۈشۈۋاتقان مامۇق قارلار دېرىزەمنى چىكىپ،كائىناتقا سېخىيلىق بىلەن ئاق لېچەك يايماقتا.قۇلۇمدا قەلەم،ئۈستەل ئۈستىدە قەغەز.مەكتۇپ مۇھەببەت تىمىسىدىن ئەگىپ،تەبىئەت ھۆسنىگە كۆچتى. 
دېرىزىنىڭ نېرىسىدا سەن بىلەن بىر چاغلاردا ساپ سۆيگۈ سېھىرلىرىنى پىچىرلاشقان باغلار،سۈزۈك بۇلاق بۇيىدىكى بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن مەجنۇنتاللار تۈتەك ئىچىدە مۇڭداش بۇلۇپ ئاپئاق لىباسقا پۈركۈنۈپتۇ. 
مەن باھار پەسلىدە مۇنبەت تۇپراققا گۈل-گىياھ تېرىغاندەك مانا ئاپئاق قەغەر ئۈستىگە پاك قەلبىمنڭ يارقىن سىماسىنى سىزماقتىمەن.ئىشقى پىراقتا كۆيۈۋاتقان قەلەم تۇلپارىم ئاق دالالاردا تاغ سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان چىمەنلىكتە چاپماقتا،مەكتۇپ داۋاملاشماقتا،يۈرىكىم تىپىرلىماقتا... 
ئېيتىقىنا قەدىرلىكىم ،مۇراد گۈلىستانىغا قانداق كىرسەم بولار؟ 
ساھىبقىرانلار سارىيىدا تۇرۇپ،ھۆر-پەرىلەر قاتارى ياسىنىپ-تارىنىپ ھېكمەت ئىلاھىدىن قانات ئېلىپ،ئەرشتە پەرۋاز قىلىپ بېھىش ھۇزۇرىدىن قانغۇدەك سۈمۈرۈپ،بۇلبۇل مىسالى شادۇ خەندان ئۇرۇپ،ئاشىقلارنىڭ پىرى بۇلۇپ كىرەيمۇ؟... جاھان ئارا گۈلزار كېزىپ،ۋىجدانىمنىڭ ياڭراق خىتابىنى ئەلگە ئاڭلىتىپ ۋە ياكى يېغىۋاتقان قاردەك بىغۇبار،پاك قەلبىمنى سوۋغا سۈپىتىدە گۈلدەستە قىلىپ،سۆيگۈ مۇقامىمنى ئۆزرەسىز چېلىپ كىرەيمۇ؟!... 
ۋە ياكى تۇلۇنئايدەك خۇشچىراي ئېچىپ،ئىنتىزارلىق تۇيغۇسىدا ۋىسال ئىزدەپ،كۆكسۈمنى خۇشبۇي ھىدقا تولدۇرۇپ كىرەمدىمەن؟ 
ھىجران شارابىدا مەست-غەرىق بۇلۇپ كىرەمدىمەن-يە؟! 
ياق،ياق!... ئەڭ ياخشىسى ، مۇددىئا گۈلىستانىغا ئىجادىم كۈيچىسى بولغان مەڭگۈلۈك ھەم ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى غەزەل بىلىپ،يۈرەك تارىمنى زەخمەك قىلىپ،تەپەككۈر قۇشلىرىمنى ئەركىن ئۇچۇرۇپ سۆيگۈ ساداسىنى ھايات دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرى بىلەن قۇشۇپ جاراڭلىق سمفونىيە قىلىپ ياڭرىتاي،ئۇنىڭ<ساما يولى>غا ئاڭلانغۇەك جەزبىلىك،مۇڭلۇق كۈيلىرى ئىلكىدە ياشلىق ئېتىقادىمدىن غەيرەتلىنىپ،لىرىك قەدەملەر بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ كىرەي. 
نېچۈنكى ئۇچۇشقا تەلپۈنىۋاتقان قىران بۈركۈتتەك سەۋرى قامەت تېنىم،سەبىي قەلبىم ھىجران ئوتىدا پۇچىلانماقتا. 
-ئەي، ئىنسان،كۈلۈۋاتامسەن؟ 
بولدى،كۈلمە!ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەسقۇ؟ 
يۈرىكىم كۆيمەكتە،كۈزۈم ۋىسال كۈنلىرىگە ئىنتىزارلىق بىلەن تىكىلمەكتە.ۋۇجۇدۇم ساپ ۋىجدان ئوتىدا ئۆرتەنمەكتە......قۇلىقىم تۈۋىدە مىسلىسىز نازۇك ھەم گۈزەل،تەڭداشسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە ئەڭ ئېسىل،ئەڭ مۇقەددەس،يېقىملىق بىر كۈي يەنى<سۆيگۈ ساداسى>كۈچلۈك تەسىر بىلەن يېنىك ياڭرىماقتا... 
سەن ماڭا قاراپ ئىللىققىنە بىر كۈلۈمسىرىدىڭ،ئاشۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەش ،سىنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ۋاقتىڭدىكى ئىللىق ھارارەت ،بىر خىل توكلۇق ئېقىم بەدىنىمدىكى ھەربىر تىرىك ھۈجەيرىلەرگىچە شۇررىدە قىلىپ تارقىغاندەك بولدى،يەنىلا شۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەش.... 
ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭ مىنى ھىجران چۈلىگە ،ئاشىق قەسىرىگە ئاپىرىپ تاشلىدى.دېرىزىدىن يىراقلارغا قارىماقتىمەن،سىنىڭ ئاۋازىڭ قۇلاق تۈۋىمدە، ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرىڭ كۆز ئالدىمدا ....شۇ تاپتا سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا تەشنا بۇلىۋاتىمەن،مانا بۇ مۇھەببەت،ئۈن-تۈنسىز يۇشۇرۇن مۇھەببەت.... 
بىلەمسەن؟سىنىڭ قاراشلىرىڭ بىر مىلودىيە،كۈلۈمسىرەشلىرىڭمۇ بىر مىلودىيە.ئىككىمىزنىڭ ياندىشىپ مېڭىشلىرى كۆز ئالدىمدا، ،بىر –بىرىمىزگە يېقىن ئولتۇرۇشقىنىمىزمۇ كۆز ئالدىمدا،بەدىمىزدىكى ئىسسىق ھارارەتنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئۈتۈشكىنىنى سەزگىنىم ھېلىھەم يادىمدا..... 
يۈرەكلىرىم تىپچەكلەۋاتىدۇ،بەدەنلىرىم مۇھەببەتنىڭ شىرىن ھىسلىرىدا سۇس تىترەۋاتىدۇ،قوللىرىم قوللىرىڭنى تۇتۇش ئۈچۈن بوشلۇققا سۇزۇلىۋاتىدۇ،قەدەملىرىم يېنىڭغا بېرىش ئۈچۈن توختىماي مېڭىۋاتىدۇ،لەۋلىرىم ساڭا ئىنتىلىۋاتىدۇ،گەرچە سىنىڭ يىراق يەردە تۇرىۋاتقىنىڭنى بىلسەممۇ؟... 
دېرىزىدىن سىرتلارغا كۆز تىكمەكتىمەن،يەنىلا شۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەش ...سىنى ئويلاپ تاتلىق ھىسلارغا چۈمۈلمەكتىمەن،ئەنە سەن كىلىۋاتىسەن،باھارنىڭ ئىللىق شامىلى سىنىڭ ھىدلىرىڭنى دىماقلىرىمغا ئۇرماقتا،قوللۇرۇڭنى ماڭا سۇنىۋاتىسەن،سىنىڭدىكى ئىللىق ھارارەت ماڭا ئۇرۇلىۋاتىدۇ...ئاھ ھىسلىرىم...مىنى شىرىن ئويلارغا چۈمۈلدۈرگەن تاتلىق ھىسلىرىم... 
كۆز ئالدىمدا سىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرىڭ...يەنە شۇ تاتلىق ھىسلارغا چۈمۈلمەكتىمەن،مانا بۇ مۇھەببەت ،پىنھان مۇھەببەت...!!! 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يانبىلوگ. يانبىلوگ ئەسەرلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم ئىزلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردۇر. ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق جايدا يوللاشقا، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى