يانغىن يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھىجران تىنىقلىرى

ھىجران تىنىقلىرى

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 2267 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىجران تىنىقلىرى
(1)
قەلبىمدە تولىمۇ شىرىن بىر تۇيغۇ داۋالغۇماقتا . ۋۇجۇدۇمدا ساڭا بولغان تەلپۈنۈش يېڭىدىن بىخ سۈرۈشكە باشلىدى...  
قەلبىم سۈزۈك شەبنەمدەك لەۋلىرىڭگە قوندى. يۈرۈكلەردە تىپچەكلىگەن چەكىسىز بىتاقەتلىك ئىنساننىڭ ئەڭ نازۇك ھىسياتلىرىنى بىزدە ئــويغـاتتى. شۇ گۈزەل دەقىقىلەردە سىنىڭ قانداق ئويلاردا بولغىنىڭ ماڭا قاراڭغۇ . ئەمما سىنىڭ قەلبىمدىكى پەرى سۈپەت ئوبرازىڭ مىنىڭ ھەممە مىھرىمنى تارتتى . قەلبىم ساڭا شۇنچە تىزلا مايىل بولدى. كۆككە باقتىم، ھەممە مەن ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك، گۈزەل بىلىندى. چۈنكى كىشى قەلبىدە يېڭى مۇھەببەت ئــويغانـغاندا مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر تۇيغۇلارنىڭ بۇلىشى ناھايىتى ئېنىق . كۈنلەرنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشى بىلەن سەنمۇ كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن. كۈنلەرنى رەھىمسىز دەپ تىللاشتىن باشقىنى بىلمىگەن ھالدا سائەتىنىڭ ئۆز ئىزىدا توختاپ قېلىشىنى ئازاپ ئىلكىدە كۈتىۋاتىمەن. لىكىن رىئاللىق دىگەن ھامان رىئاللىق ، كىممۇ رىئاللىقىنى ئۆز ئىدىيسىگە بويسۇندۇرالىغان؟ ئۇنىڭغا باش ئىگىپ ياشاشىنى توغرا كۆرمەي ئامال يوق...  
شۇ تاپتا سەن كېتىش ئالدىدا تولىمۇ يىراقتىن سېغىنىشنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلماقتا. زىمىن ئەركىسى شوخ شاماللاردىن تەسكىنلىك ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سېغىنش ئازابىمنى ساڭا يوللاشنى ئويلىدىم.  
تاڭ سەھەر ئۇپۇق يىرىپ چىققان ئىللىق قۇياشتىن ساڭا ئوتلۇق سالىمىمنى يوللاشنى ئويلاپ قويدۇم.  
كۈيچى قۇشلاردىن ساڭا ئاتاپ يازغان سۆيگۈ نەزمەمنى ، جىرالاردىن ئېقىپ چۈشكەن سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك غۇبارسىز كۆڭلۈمنى ئەۋەتىشنى ئويلاپ قويدۇم .  
بۇژغۇن چاچرىتىپ دولقۇنلاۋاتقان دەريا مەلىكىسىگە دەپ سەن ئۈچۈن ئۈنچىلەرنى تىزغۇزۇپ ساڭا ئاتاشىنى ئويلاپ قويدۇم .  
پۈتكۈل جىسمىمدا بىر سەن ئۈچۈن يېڭى بىر ھىسيات توغۇلدى. بۇ شۇنچىلىك ساپلىققا ، چىنلىققا ئىگىكى ، ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ ساپلىقى ئۇنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. ئەمما مانا بۇلارنى چۈشىنىش يەنىلا سىنىڭ قەلب روشەنلىكىڭگە باغلىق.  
سەن شۇنچە يىراقتىن مەندە سۆيگۈ ئـويغىـتىش ئۈچۈن ، سېغىنىش ئازابىنى ماڭا ھەمراھ قىلىش ئۈچۈن كەلگەنمىدىڭ ، سەن قەلبىمىگە يېڭى بىر مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىپ قويۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن. قەلبىم سەن بىلەن بىللە كېتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتىدۇ. ئۇ ساڭا ھەمراھ بولسۇن ، ئۇنى قوغلىمىغىن. سەن چاچقان مۇھەببەت ئۇرۇقىنىڭ قەلبىمدە بۇنچە تىز بىخ سۈرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. خۇددى ساڭا ئەزەلدىن تەشنا بولغان كىشىدەك ، سەن بىلەن ئەسرا بولغان ئەشۇ دەقىقلەردىن باشلاپ، ساڭا تەلپۈنگەن قەلبىمگەساڭا بولغان چەكسىز بىتاقەت ھۆكۈمدار بولدى.  
مانا سەن ئۈچۈن يازغان قەسىدىلىرىمنى ساڭا پايانداز قىلىپ سالاي . سەن بىر بېسىپ -ئىككى بېسىپ مەندىن ، ئانا يۇرتۇڭدىن خوشلىشىپ كەتكىن. كۈتۈش ئاشىق ئۈچۈن يىرىم دىدار ، ئەمدى قاچان قايتىپ كىلسەن، يۈرەكلىرىڭدە ساقلانغان مۇھەببەت يەنە ئۆز پىتى ساقلىنىپ قالامدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم .  
خوش گۈلۈم ، ھەر جايدا بولساڭ ئامان ئىسەنلىك ساڭا ھەمراھ بولسۇن . قەلبىڭ كۆك ئاسماندەك سۈزۈك ھەم بىغۇبار بولسۇن. ھىدايەت نۇرلىرى باسقان ھەر بىر قەدەملىرىڭگە چاچقۇ بولسۇن ! 


(2)
بۇلۇتىنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناۋاتقان تولۇن ئايغا قاراپ ئارامبەخىش تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم ...  
تۇلۇن ئاي زىمىنغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بېقىۋاتىدۇ . خۇددى سەلكىن شامالنىڭ ينىك پەپىلىشىدە مەستخۇش بولۇپ ، شىرىن مۇھەببەت قوينىغا چۆككەن ئاشىقلارغا ھەۋەس قىلغاندەك ، چۈنكى ئاي ئۆزى يالغۇز بولغاچ جۈپ -جۈپلەرنىڭ بەختىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتىدۇ.  
يېنىمدا توختىماي سايرىشىۋاتقان تۇمۇزغىلار كېچە جىمتىلىقنى بۇزۇپ ، قايناق ھاياتنى ئىپادە قىلغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى .  
ئاي شۇقەدەر جەزىبدار ، ئۇنىڭغا قارىغانسىرىم ئۇ بىردە شۇنچە بەختىلىك ، بىردە شۇنچە مەيۈس ، بىچارە كۆرۈندى. توغرا ، يالغۇزلۇق ھەقىقەتەن چەكسىز بەخت ھەم ئېغىر ئازاپ ...  
شۇنچە كۆپ ئادەملەر توپى ئىچرە ياشاپمۇ مىنى تەنھالىق ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى ، خۇددى بۇ ماڭا بىرىلگەن ئىنئامدەك ...  
دىرىزىدىن كىرگەن ئاي نۇرى غېرىپ خانەمنى ئاجىز نۇر تالالىرىغا چۆمدۈردى. كىشىنى خىيال قوينىغا باشلايدىغان سەلكىن شامال قۇلاق تۈۋىمدىن غۇررىدە قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى . ئايغا قاراپ يەنە شۇ روھىمغا ئۇزۇق بۇلىدىغان شىرىن خىياللارنى سۈرۈشكە باشلىدىم . بەزىدە خىيال سۈرۈشنىڭمۇ ئۆزگىچە لەززىتى بار . بۇ گەرچە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولسىمۇ . ئەمما يۈرەك قېتىغا ئورنالغان ، ئەسلەش قىممىتى بار كۆڭۈللۈك دەقىقىلەر يەنىلا  بىزلەرگە  شاتلىق ئاتا قىلدىكەن .  
كۆزلىرىمدە مۇڭ ، تىنقىلاردا مۇڭ ، كۈيلەردە مۇڭ .. رومانتىك تۇيغۇلار بىلەن مۇڭلىرىمغا مۇڭ قېتىلدى. قېنى قايسى بىر ئاشىق مەندەك مۇڭلارغا چۆكۈپ باقمىغان ... ھىجران ئازابىنى تارتىپ باقمىغان . مۇھەببەت بولسىلا ھىجران ھەرۋاقىت ئەتراپىڭىزنى ئارلاپ تۇرىدۇ . پۇرسەت بولسىلا سىزگە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشنى، سىزنى قىيناشنى كۆزلەپ يۈرىدۇ . چۈنكى مۇھەببەتتە ھىجران بولغاچقىلا ئۇ شۇنچىلىك شىرىن ، شۇنچىلىك تاتلىق...  
كېچە جىمجىتلىقى يەنە شۇ پېتى ... شۇنچىلىك جىمجىت ،شۇنچىلىك يىقىملىق ، شۇنچىلىك رومانتىك، شۇنچىلىك مۇلايىم، شۇنچىلىك ئېغىر بېسىق ... مەن كېچىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن ھەم سىنىڭ مۇشۇ كېچىدەك بولۇشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن...  
ئاي بۇلۇتلار قوينىغا شۇڭغۇشقا باشلىدى . خۇددى ھىجران دەشتىدە ئازابلانغان ئاشىقتەك ماڭا ناھايىتى بىچارە كۆرۈندى. ئۇ يۈزىنى ئاستا - ئاستا يۇشۇرۇشقا باشلىدى...مەنمۇ ھاردىم، چارچىدىم بولغاي قەلەملىرىم گاللاشتى . كېچە شاملىى يۈزىمنى تاتلىقىنە سۆيۈپ ئۆتتى ، ۋۇجۇدىمىدا ساڭا بولغان ئىسيانكار سېغىنش ئەۋجىگە كۆتۈرىلىشتىن بۇرۇن مەنمۇ تۇيغۇلار قۇينىدىن ئايرىلىپ دېرىزەمنى ئاستا يىپىۋالاي.  
ياستۇقىم چۈشلەر دۇنياسىغا ئوخشايدۇ ، ساماۋىي دۇنيادا سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى...خوش مەنمۇ ياستۇققا بېشمىنى قۇياي. ئەمدى  قۇياش ئۇپۇق يىرىپ چىققانغا ، سىرتقى مۇھىت تاتلىق ئۇيقۇمغا ھەسەت قىلمىغانغا قەدەر سەن بىلەن بىللە بۇلاي ، كەلگىن !   
(3)
قەلب ھىسياتلىرىمىنى دەريا بۇژغۇنلىرىدەك چاچرىتىپ تەپەككۈر ئالىمىدە ، ئىلھام دېڭىزىدا ئۈزمەكتىمەن. بىر كىملەر كۆڭۈل ئاسمىنىمدا چاراقلاپ ياندى. بىردەملىك چاقىغان نۇرلار سەزگۈلىرىمنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، مەندە چەكسىز مۇھەببەت ئــويغـاتتى.  
كۆك قوينىدا ئىللىق نۇر چىچىۋاتقان قۇياشنى جىمى بەختىنىڭ سىموۋلى دەپ بىلىپ ، ھارارىتىگە ، مىھرىگە تەشنا بولدۇم. ئازابلىق يېشىنى ئانا تۇپراققا تۆكىۋاتقان يامغۇرنى كۆزيېشىم دەپ بىلدىم . كېچە قوينىدا جىمىرلاپ كۆز قىسىۋاتقان چولپان يۇلتۇزلارنى سىردىشىم دەپ بىلدىم. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يالغۇر ھېس قىلىۋىدىم ، ئەمما ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەر ھەمراھ ئىكەن.  
مەن ئۆز تەقدىرىم، يالغۇزلىقىم ئۈستىدىن قۇرۇقتىن - قۇرۇق شىكايەت قىلىپ ، بىر كىملەرنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۋاتقان ئۈشبۇ كۈنلەردە مىنىڭمۇ ئەتراپىمنى تالاي بەختلەرنىڭ چۆرگىلەپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاستا - ئاستا ھىس قىلشىقا باشلىدىم .  
بۈگۈنۈم مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت. مەن بۈگۈندىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىقىمىنى ئەتە ئۈچۈن دەسمايە قىلدىم. بۈگۈن تەنتەكلىك قىلىپ كىملەرنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىدا ئۈزگەن بولسام، ئەتە يەنە بىر كىملەرنىڭ مۇھەببەت ئوكياندا تەمتىرمەي ئۈزەلىشىم مۇمكىن.  
مانا بۈگۈن سەن يىراققا، تولىمۇ يىراققا كېتىش ئالدىدا تۇرىسەن. سىنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىڭدا تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك چاڭقىدىم . نە ئۈچۈن ماڭا ئۇسسۇزلۇق بەرمىگىنىڭنى بىلىپ يەتمىدىم. سەن ئۈن -تىنسىزلا كىتىپ قالدىڭ ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ «خەير- خوش!» دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىيالمىغانلىقىمدىن بىردە ئېچىنسام، بىردە سىنىڭ مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ئىمتھان مەيدانى ، سورۇنى ھازىرلاپ بىرىپ كەتكىنىڭدىن خوش بولدۇم ... سەن ماڭا شۇنى تۇنۇتقان ئىدىڭ ، سەندىكى مۇھەببەتكە بولغان تۇنۇش ناھايىتى ئاجىز ئىكەن .  
تاڭ سەھەر گۈل بەرگىگە قونغان شەبنەمنىڭ شۇنچىلىك پاك بۇلىشى نايتايىن ، ئەلۋەتتە ئۇمۇ مۇھىتنىڭ بۇلغىمىلىرىغا ئۇچرايدۇ ئەمەسمۇ.  
ئىنساندا بۇلىدىغان زىيادە ئىشىنشمۇ ئاقىۋەتتە پۇشايمان قاچىسىنى ئالدىمىزغا قۇيۇپ قويىدىكەن. ئىنسان بۇ دۇنيادا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈچىدۇر. ھەر قېتىملىق خاتا باسقان قەدەملىرىمىزدىن كېيىن ئېغىر خۇرسىنغان ، ئۇھسىنغان ھالدا نەپەس چىقىرىمىز. مانا بۇلار ئىنسان روھىيتىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا.  
كۆكتە قۇياش نۇر چىچىپ تۇرغاندا ئەلۋەتتە بىز يامغۇردىن قورقمايمىز . ئەمما تەبىئەت رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قارا بۇلۇتلار سايىسىنى تاشلىغاندا بولسا ئېھتىيات ئۈچۈن كۈنلۈك ئالمىغانلىقىمزغا پۇشايمان قىلىمىز. مانا بۇ ئاددىي مىساللار بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بۇلالايدۇ . كىشىلىك ھاياتتىكى ئىشلار پۇشايمان بىلەن مانا مۇشۇنداق باغلىنىشلىق. بۈگۈنىمىز ئەتە ئۈچۈن ساۋاق ھەم تارىخ. تارىخ قانداقمۇ كىشى قەلبىدىن تىزلا كۆتۈرۈلسۇن؟  
سەن بىلەن ئەشۇ كۈندىكى خوشلىشىشنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئەمدى سەن - تارىخىمدا ساقلىنىپ قالغان ئاداققى ئەسلىمە، شۇنداقلا يېنىپ ئۆچكەن نۇرلۇق چىراق... ھاياتتا ئەمدى قايتا ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكىنىمدە ئاچچىق بىر ئازاپ مىنى ئىسكەنجىسىگە ئالدى، ھەممە ئۆتمۈشكە ئايلاندى...  
كۈزنىڭ بىشارىتىنى بېرىپ يىراقتىن ھۇۋلاپ كەلگەن شاماللار ۋۇجۇدىمدا قىرتاق ھېسلارنى ئـويغاتتى. سۇسىز قاغجىراپ ۋاقىتىسىز تۆكۈلۈشكە باشلىغان نىمجان ياپراقلار ئاياق ئاستىمدا يىنىك پىچىرلاپ ياتىدۇ. ئۇنىڭغا چەكسىز مۇڭ ، ھەسرەت مۇجەسسەملەنگەن . مىنىڭ ساڭا بولغان ھېسلىرىممۇ ئاشۇ ياپراقلارغا ئوخشاش بالدۇر تۆكۈلگەن ، ئەنە شۇنداق ھالسىز خىتاب قىلىدۇ ...  
ساڭا بولغان ھسياتلىرىمنىڭ كۈز شاملىغا قۇشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كۈزگە تەلپۈندۇم. پات يىقىندا سىنتەبىرمۇ يېتىپ كىلىدۇ. رومانتىكىغا تۇيۇنغان كۈز ئايلىرىدا مىنىڭ قەلبىم رومانتىك كۈيىنى ئەمەس خوشلىشىش كۈيىنى چالىدۇ ، ھەممە ئېغىر سۈكۈتكە تولىدۇ... مەنمۇ ئەشۇ ۋاقىتتا قەلبىمدە ساقلانغان سۆيگۈم بىلەن ئەبەدىي خوشلىشىمەن...  
قېنى ۋاقىت ، سەن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق بەرگىن !...   


(4)
قۇياشنىڭ ئاداققى نورلىرى زىمىن قوينىغا چىچىلدى. مەن سېغىنشىمنى. ئازابىمنى ئاچچىق تىنىقىلىرىم ئارقىلىق چىقارماقچى بولغاندەك . ئېغىر - ئېغىر ئۇھسىنىپ كۆككە باقتىم.  
سەن بىلەن ئۆتكەن قىسقا ئەمما تولىمۇ شىرىن كۈنلەر ، سەن  قەلبىمگە قالدۇرغان شىرىن تۇيغۇلار تولىمۇ چەكسىىزلىككە سۇزۇلدى .  
سەن كەتتىڭ ، پەقەت ماڭا سېغىنىشتىن ئىبارەت شىرىن ھەم ئاچچىق تۇيغۇ ھەمراھ قىلىپ كەتتىڭ .  
مەيلى سەن قەيەردە بولما ، سەن ئۈچۈن ئۈنسىز خىتابىمنى يوللاپ تۇرىمەن. بۇ قەلب خىتابلىرىمنى ھەتتا چۈشۈڭ ئارقىلىقمۇ ئاڭلاپ قېلشىڭ مۇمكىن.  
شاماللار ھەر نەپەسلىرىمدىكى سېغىنىشىمىنى ساڭا پۇرىتىپ قۇيىشىىمۇ مۇمكىن.  
يىراقىتىن ھۇۋلاپ كەلگەن كۈز شاماللىرىدىن تەنلىرىم قۇرۇندى . ۋۇجۇدىمدا ھۆكۈم سۈرگەن سېغىنىش شاماللارغا قۇشۇلۇپ تېخىمۇ كۈچەيدى. ئاياق ئاستىمىدا نىمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ ياتقان كۈز پايرىقى ماڭا سەن ھەققىدە سۆزلەپ بىرىۋاتقاندەك پۈتۈن دىققىتىمنى مۈجەسسەملىدىم. قەدەملىرىم توختايدىغان ئەمەس ، ماڭماقتىمەن ، خىياللىرىم ماڭا بۇيسۇنمايدۇ. ئۇ يىراقىتىن ھۇۋلاپ كەلگەن كۈز شاماللىرىغا قۇشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچتى.  
مەنمۇ ھەم ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن خىيالىمىنى قوغلاپ يۈرۈپ كەتتىم...
2009-يىل 28-ئاپرىل چىڭدۇ

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يانبىلوگ. يانبىلوگ ئەسەرلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم ئىزلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردۇر. ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق جايدا يوللاشقا، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى