يانغىن يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سېغىنىش ئىزتىراپلىرى

سېغىنىش ئىزتىراپلىرى

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 1984 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سېغىنىش ئىزتىراپلىرى
 
قەدىرلىكىم ، سەن مۇزىكا ئالىمىنىڭ ئادەم قەلبىگە لەززەت بىغىشلايدىغان ئارامبەخش ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باققانمىدىڭ ؟ ئەلۋەتتە ، مۇزىكا -ھەر قانداق بىر ئىنسانغا نىسبەتەن ئورتاق بىر ئۇقۇم. ئۇنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئارا ھەر كىم ئۆز- ئارا ئورتاقلىشالايدۇ. ئۇنىڭ دۇنياسىدا دۇنيانى كېزىدۇ ، شاتلىق مۇيەسسەر بولالايدۇ. قەلبىدىكى قايغۇ تۇمانلىرىنى يوققا چىقرالايدۇ. ئاسماندىن شارقىراپ تۆكۈلىۋاتقان رىىتمسىز يامغۇردىمۇ ئاجايىپ بىر خىل سېھرى كۈچ بار ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھىسيات دولقۇنى يۇشۇرۇنغان. 
مانا شۇتاپتا سىرتتا كۈچلۈك يامغۇر ئۆز ۋەھىمىسنى كۆرسەتمەكتە . ئەمما ئۇ مىنىڭ قەلبىمگە ئەنسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى قۇيۇق رومانتىك تۇيغۇ ئاتا قىلىدى. ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان رومانىتىكلىققا ئىرشمەكتىمەن. سۆيۈش - سۆيۈلۈشتىن ئىبارەت ھاياتتىكى ئۇلۇغ روھنى يەنىلا يامغۇر ئارقىلىق ھېس قىلدىم . چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىر تامچىلىرى لەۋلىرىمدىن ئۆتۈپ يۈرىكىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ قەلبىمدىكى ساڭا بولغان ساداقەتنى تېخمۇ دولقۇنلاتتى . 
ياققىن يامغۇر ، توختىماي ياققىن ! بارچە ئىلھاملىرىمنى سەن كەبى زىمىن قوينىغا تۈكەي. مىنىڭ غۇبارسىز ، پاك ھېسلىرىم سىڭگەن تۇپراق باغرىدىن مۇھەببەت گۈللىرىم پورەكلەپ ئېچىلىسۇن!!!
 
بىلەمسەن قەدىرلىكىم ،سېغىنىش-ئۇ ئىنسان قەلبىگە مۇجەسسەملىنىپ كەتكەن بىرخىل زوق -سېغىنىش . ئۇ ئىنسان يۈرۈكىدە يالقۇنجاۋاتقان ئوت. 
ھىجران ئازابىدا تولغۇنىۋاتقان ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ سېغىنىشىغا مۇھتاج ، سېغىنىش- ئۇ رىشتە باغلىغانلار ئۈچۈن قەلىبنى يېقىنلاشتۇرغۇچى قەلب زەنجىرى،بۇزەنجىر شۇنچىلىك ئۇزۇنكى،سېغىنىش قانچىلىك ئۇزاققا بارسا بۇزەنجىر يەنە يېقىنلاشتۇرالايدۇ . 
سېغىنىش-ئۇ شۇنداق سىرلىقكى  دىللار -دىللارنى سېغىنغاندا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل تىترەك سىزىمنى باشلاپ قارا كۆزلەردىن ياش ئاققۇزالايدۇ.سىغىنىش-ئۇ ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى زوق. سېغىنىش- ئۇ ھەرقانداق سېغىنغۇچى دىللارنى ئۈزىگە تارتىدۇ، ھەم سېغىنىش ئوتىدا كۈيىۋاتقان ئوتلۇق يۈرەكنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. 
سېغىنىش- ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا تۇرىۋاتقان بىباھا گۆھەر،ئىنسان ئۆزقەلبىنى باشقا بىر ئىنساننىڭ قەلبى بىلەن باغلاش ئۈچۈن، شۇ ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى قەلب دەرۋازىسىنى چەككەن چاغدا بۇ قەلبنى كۈتىۋالغىلى چىققىنى يەنىلا ---سېغىنىشتىن ئىبارەت .
 
شۇنىمۇ بىلەمسەن   قەدىرلىكىم ، ھىجران - بىزنى سەكراتتا جان تالىشىۋاتقان ئادەمدەك تىپىرلىتىدىكەن . قوللىرىم ئاشۇ خىل تۇيغۇدىن تىترەۋاتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جۇدالىق دەردىگە بەرداشلىق بىرشى تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەن. ئۆتكەن كۈنلىرىم مۇڭ باسقان قەلبىمنى توختاۋسىز غاجىلماقتا ، كۆزلىرىمنى ھەسرەت ياشلىرى داغلىماقتا . ساڭا راست گەپنى قىلسام ، بەزىدە مۇز بولۇپ قېتىۋاتقان بۇدۇنيادىن تۇيۇپمۇ قالمەن ، ئۈلۈمنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە يات ئىتىپمۇ قالىمەن. لىكىن بىر دوستۇمنىڭ <<ئۈلىۋىلىش -ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پەسكەش ئاجىزلىقنى ئاشكارلايدىغان شەرمەندىچلىك بىلەن تولغان..>> دىگەن سۆزلىرنى ئەسلەپ بۇ مۇدھىش خىيالىمدىن تېزلا ۋاز كېچىمەن . بۇ ماكاندىن ئۇچۇپ يىراق -يىراقلارغا كەتكۈم كىلىدۇ. لىكىن مۇھەببەتكە ۋە ھەقىقى مۇھەببەتكە يىتىشىم ئۈچۈن ھىجران، ئايرىلىش ، جۇدالىق دەردىگە بەرداشلىق بىرىشىم كىرەككەن. قەدىرلىكىم ، مىنى چۈشەنگەن بولسىاڭ قانچىلىك خۇشال بولاتتىم ھە! سەن كىتىۋىدىڭ ، يۈرۈگۈم يېرىلىپ كىتەيلا دېدى. ساڭا چەكسىز سېغىنىش ئىلكىدە تەلمۈرۈش ماڭا يار بولدى. نە ئامال ئادەم بۇدۇنياغا يىغلاپ كىلىپ ھەسرەت، ئارمان بىلەن كىتىدىكەن ئەمەسمۇ ؟!..
بۇلۇتنى ئۆزىگە دالدا قىلىپ مۆكىمۈكىلەڭ ئويناۋاتقان تولۇن ئايغا قاراپ شۇنچىلىك ئارامبەخىش تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم ... دۈپدۈگىلەك چىققان تۇلۇن ئاي زىمىنغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بېقىۋاتىدۇ .خۇددى سەلكىن شامالنىڭ يىنىك پەپىلىشىدە مەستخۇش بۇلۇپ شىرىن مۇھەببەت قوينىغا جۆر بولغان ئاشىقلارغا ھەۋەس قىلغاندەك ... چۈنكى ئاي ئۆزى يالغۇز بولغاچ ، جۈپ -جۈپلەرنىڭ بەختىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتىدۇ. 
يېنىمدا توختىماي سايرىشىۋاتقان تۇمۇزغا كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ، قايناق ھاياتىنى ئىپادە قىلغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى . 
ئاي شۇقەدەر جەزبىدار ئىدىكى ئۇنىڭغا قارىغانسىرىم ئۇ بىردە شۇنچىلىك بەختىلىك ،يەنە بىردە شۇنچىلىك مەيۈس، بىچارە ھالاتتە كۆزۈمگە چېلىقتى . شۇنداق ، يالغۇزلۇق- چەكسىز بەخت ھەم ئېغىر ئازاپ ئىكەن ... 
شۇنچە كۆپ ئادەملەر توپى ئىچرە ياشاپمۇ مىنى تەنھالىق ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى. خۇددى بۇ ماڭا بىرىلگەن ئىنئامدەك ... دېرىزىدىن كىرگەن ئاي نۇرى غېرىپ خانەمنى ئاجىز نۇر تالالىرىغا چۆمدۈردى. ئادەمىنى خىيال قۇينىغا باشلايدىغان سەلكىن شامال قۇلاق تۈۋىمدىن غۇژۇلداپ ئۆتتى ... ئايغا قاراپ يەنە شۇ روھىمغا ئۇزۇق بۇلىدىغان شىرىن خىياللانى سۈرۈشكە باشلىدىم . بەزىدە خىيال سۈرۈشنىڭمۇ ئۆزگىچەلەززىتى بار . بۇ گەرچە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولسىمۇ ، ئەمما يۈرەك قېتىمغا ئورنىغان كۆڭۈللۈك دەقىقىلەر يەنىلا ماڭا شاتلىق ئاتا قىلىدۇ . 
كۆزلىرىمدە مۇڭ ، تىنىقلىرىمدا مۇڭ ، سوغۇق كېچىدە جاراڭلاۋاتقان كۈيلىرىمدە مۇڭ .. رومانتىك تۇيغۇلار بىلەن مۇڭلىرىمغا مۇڭ قېتىلدى. قىنى قايسى بىر ئاشىق مەندەك مۇڭلارغا چۆكۈپ باقمىغان، ھىجران ئازابىنى تارتىپ باقمىغان ...
 
قەدىرلىكىم ، ئىسىڭدىمۇ ؟ شۇ گۈزەل رومانتىك كېچىدە سەن تۇلۇنئايغا قاراپ ، ئويغا چۆكىنىڭچە ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى ھىكايەڭ ؟! ...ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ ، بۈگۈن تۇرۇپلا شۇلارنى ئەسلەپ قالدىم : 
بىر قىز مۇھەببەتتە ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتۇ . قىزنىڭ قەلبى قاتتىق ئازار يىگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۆزىدىن يۈز ئۆرىگەندەكلا ھېس قىلىدىكەن ، ھەتتا ئۆلۈپلا بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپتۇ . بۇ ئۆمرىدە ئىككىنچى مۇھەببەتلەشمەسلىككە قەسەم قىلىپ، بۇ خەۋەرنى بىر يېقىن دوستى ھىسابلانغان يىگىتكە ئېيتىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يىگىت كۈندە توختىماستىن قىزغا تەسەللىي بېرىپ ، قىزنى رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. ھەركۈنى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى يېزىپ قىزغا ئەۋەتىپ قىزنى كۈلدۈرىدىكەن، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋال قىزغا ياخشى چۈشلەرنىڭ يار بۇلىشىنى تىلەيدىكەن ... 
مانا مۇشۇنداق قىلىپ، قىز ئاستا-ئاستا ئازاپتىن قۇتۇلۇپ، بۇرۇنقى شوخ، ئۇماق ھالىتىگە قايتىپتۇ. 
يىگىت يەنىلا ھەركۈنى ئاخشىمى قىزغا ياخشى چۈش تىلەيدىكەن، قىز مانا مۇشۇ گۈزەل تىلەكلەر ئىچىدە شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدىكەن. بىراق بىر كۈنى قىز يىگىتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالالماي كۆڭلى بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ۋە ئەنسىزلىككە تۇلۇپتۇ. 
«ئەجىبا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ؟» دەپ سوراپتۇ قىز ئۆز-ئۆزىدىن . 
قىز بۇرۇن قىلغان قەسىمىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى يىگىتنى ئويلىماسلىققا مەجبۇرلاپتۇ ، بىراق يىگىتنىڭ سايىسى يەنىلا قىزنىڭ كاللىسىدىن ئەگىپ كەتمەيدىكەن. 
قىزغا بۇ خىل سېغىنىش غەلىتە بىلىنىپتۇ ، مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكى سېغىنىشى يالقۇنلۇق ئوتقا ئوخشاش بولۇپ، توختىماستىن يېلىنجاپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يۈتۈپ، پۈتۈن ئەس يادىنى ئىگەللىۋىلىپ، سېغىنىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىكەن. بىراق ھازىرقى بۇ سېغىنىشنى قىزمۇ ئېنىق ھىس قىلالماپتۇ . ئۇ ھېچقاچان بۇ خىل سېغىنىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئىكەن. 
قىز ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ. بىر كۈنى يىگىت قىزغا تېلىفۇن قىلىپ، يېقىندىن بېرى كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، خۇشال ياكى خۇشال ئەمەسلىكىنى سوراپتۇ. پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ قىز تۇيۇقسىز يىگىتتىن قىز دوستى بار يوقلىقىنى، يوق بولسا ئۆزىنىڭ بىرسىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ سۇئال سورىغان چاغدا يۈرىكى دۈپۈلدەپ قاتتىق سوقۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چاندۇرماي، چاقچاق قىلغان قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. يىگىتكە شۇنداق بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. يىگىت ئۈندىمەپتۇ ، قىز نەلەردىندۇر كەلگەن بىر جاسارەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۇيۇقسىز <<ئۇنداقتا مېنى ئويلىشىپ باقسىڭىز قانداق؟>> دەپ ساپتۇ. 
يىگىت خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ كېتىپتۇ. قىز ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغانلىقىنى سېزىپ ، ئاستا -ئاستا بىر نېمىلەرنى يوقىتىپ قويىۋاتقاندەك ھىس قىلىپتۇ . يىگىت خېلىدىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ << بىز يەنىلا مۇشۇنداق دوست بولۇپ ئۆتسەك ياخشى >> دەپتۇ. 
«نېمىشقا؟ مېنىڭ نەرىمنى ياقتۇرمايسىز؟» دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ قىز يىگىتتىن ئالاقزادىلىككە تولغان قىياپەتتە . يەنە ئۇزۇنغا سۇزۇلغان جىمجىتلىقتىن كېيىن، يىگىت ئاستا تەلەپپۇزدا، خۇددى ھەر بىر ئىغىز سۆزى قىزنىڭ يۈرىكىگە بارسۇن دېگەندەك ، دانە - دانە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: 
«بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەببەت ئوڭۇشسىزلىقىغا ئۇچرىسىڭىز، تەسەللىي بېرىدىغان ئادەم قالماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن.»
كۆز ياشلار ئېتىلىپ چىقىپتۇ. قىز ئاخىرى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.... بىر خىل سېغىنىش بار بولۇپ، ئۇ مۇھەببەت ئەمەسكەن.... شۇنداق قەدىرلىكىم ، سەن بۇنى چۈشىنىسەن . بىر خىل سېغىنىش بار، ئۇ مۇھەببەت ئەمەس. بۇ خىل سېغىنىش ئىللىق، سىلىق، ھېچقانداق باشقىچە نىيەتلەر ئارىلاشمىغان، ئالاھىدە تەمىمۇ يوق، شۇنداقلا ئىگەللىۋىلىش خاھىشىمۇ يوق... 
قىز يىگىتنىڭ بۇرۇن دۇنيادا پەقەت ئۈچلا خىل رەڭ بار دېگىنىنى ئەسكە ئاپتۇ: 
قىزىل - ئوتلۇق ھېسيات ۋە قىزغىنلىق، بارچە نەرسنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەلەيدىغان كۈچ. 
كۆك - ئازاپ ۋە مەيۈسلۈك، ھەممە نەرسىنى سوۋۇتالايدىغان كۈچ. 
يېشىل- ئىللىقلىق ۋە تەمكىنلىك، بارچە نەرسىگە تەسەللىي بېرەلەيدىغان كۈچ.
 
قەدىرلىكىم ، يۈرۈكۈمدە بىر ئوت يېلىنجايدۇ ، بۇ سېنىڭ ئوتۇڭ، بۇ سەن سالغان ھەۋەس. مەن بۇ ھەۋەس ، ئوت ئۈچۈن، كۆيۈشكە ھەتتا ۋەيران بولۇشقا رازى. ئادەم نېمە ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ؟ ئەجىبا چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن بارلىقىنى بەدەل قىلالمىسا، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىيەلمىسە ئۇنىڭ ئىنسانلىق تۇيغۇسى، ئورنى نەدە قالىدۇ؟ ئادەم سۆيگەنلىكى ۋە سۆيدۈرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەزىز ۋە قەدىرلىكتۇر. مەن سېنى گەرچە سەن خالىغىن ياكى خالىمىغىن، سۆيگەنلىكىمگە پەخىرلىنىمەن. بىراق ئىنسان ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلالماسلىقتىنمۇ ئېغىر ئازاب بارمۇ؟ سېنى سۆيسەممۇ، ئەمما سېنىڭ كۆڭلۈڭنىڭ نېمىنى خىيال قىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىم مېنى قاتتىق ئازابلايدۇ. سېنى خىيال قىلىش بىلەن تەنلىرىم بەزىدە يايرايدۇ. جىسمىم ئېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالسىمۇ، بەزىدە سېنى خىيال قىلىش بىلەن كۆزۈمگە مۆللىدە ياش كېلىدۇ. بىلسەڭ ئىدى كۆڭۈلدىن-كۆڭۈل سۇ ئىچمەسلىكتىن ئېغىر ئازاب يوق ئىكەن ... 
قاچانلاردىن بىر چاغلاردا توردىن مۇھاببەت قاينىمىغا چۈشۈپ قالغان بىر يىگىتنىڭ ئاچچىق نىداسىنى كۆرگەن ئىدىم. << پۈتۈن ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىملىق ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قېتىمى بولمىغان ئۈچ قېتىملىق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم. بىرىنچىسى، سېنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىقىم كېرەك ئىدى. ئىككىنچىسى ، ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن سەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئۈچىنچىسى، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېىيىن سېنى سېغىنماسلىقىم كېرەك ئىدى>> ئەينى چاغدا بۇ سۆزگە ئۇنچىۋالا ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. مانا ھازىر سېنى خىيال قىلسام تەنلىرىم تىترەيدۇ. سەندىن ئاڭلىغان ھەربىر سۆزنى تەكرار تەھلىل قىلىپ، ھەرخىل ئويلاپ باقىمەن. بىراق ئۆزۈم ئۈچۈن سېنىڭ مۇھىملىقىڭنى، سېنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمايدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلمايمەن. سەن بۇرۇنلا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمىغا، تۇرمۇشۇمنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ بولدۇڭ... 
 
قەدىرلىكىم ، سەن بىلەن ئايرىلغىنىمىزغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ماڭا يەنىلا تاتلىق ھەم ئاچچىق تۇيغۇلار ھەمراھ بولۇپ كەلدى. مانا مۇشۇ تۇيغۇلار قەلبىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدنىڭ ئۈچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەت بۇلۇپ كەلدى. 
ساڭا بولغان چەكسىز سېغىنىش ئىلكىدە ھەر قېتىم ھاياجان تىنىقلىرىم ئارلاشقان مۇڭلۇق لىرىكىلارنى پۈتتۈم ، بۇنى قۇلۇم ئەمەس بەلكى يۈرىكىم يازدى... 
ھەممە ئېغىر ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئۈشبۇ دەقىقىلەردە رومانتىك كېچىنىڭ گۈزەللىكىدىن زوق ئىلىپ مۇھەببەت ئۈچۈن ئىلھام ئىزدىدىم. چۈشلىرىڭگىمۇ يېقىن بېرىپ قالدىم ئېھتىمال... ئەمما سەن مىنىڭ رىئاللىقىمدا، ئىلھام ئىزدىگەن كېچىدە ماڭا يەنىلا ھەمرا ... 
يۈرىكىم ماڭا توختىماي رىتىملىق ھالدا سىنى سېغىنغانلىقىنى سۆزلەيدۇ ... 
كېچە جىمجىتلىقى يەنە شۇ پېتى ... شۇنچىلىك جىمجىت ،شۇنچىلىك يىقىملىق ، شۇنچىلىك رومانتىك، شۇنچىلىك مۇلايىم ، شۇنچىلىك ئېغىر بىسىق ... مەن كېچىنى شۇنچىلىك ياخىشى كۆرىمەن ھەم سىنىڭ مۇشۇ كېچىدەك بۇلۇشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن. 
ئاي بۇلۇتلار قوينىغا شۇڭغۇشقا باشلىدى . خۇددى ئازابلانغان ئاشىقتەك ماڭا ناھايىتى بىچارە كۆرۈندى. ئۇ يۈزىنى ئاستا -ئاستا يۇشۇرۇشقا باشلىدى...مەنمۇ ھاردىم ، چارچىدىم بولغاي، قەلەملىرىم گاللاشتى . كېچە شامىلى يۈزىمنى تاتلىققىنە سۆيۈپ ئۆتتى. ۋۇجۇدىمىدا ساڭا بولغان ئىسيانكار سېغىنش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن مەنمۇ تۇيغۇلار قوينىدىن ئايرىلىپ دېرىزەمنى ئاستا يىپىۋالاي. 
ياستۇقۇم چۈشلەر دۇنياسىغا ئوخشايدۇ. ساماۋىي دۇنيادا سەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىممۇ بۇلۇپ قالدى...خوش قەدىرلىكىم ، مەنمۇ ياستۇققا بېشمنى قۇياي. ئەمدى سەن بىلەن تەڭ قۇياش ئۇپۇق يىرىپ چىققانغا ، سىرتقى مۇھىت تاتلىق ئۇيقۇمغا ھەسەت قىلمىغانغا قەدەر سەن بىللە مەن شىرىن چۈشلەر قوينىدا بىللە بۇلاي !!... 
 
دېكابىرنىڭ قار ياققان كۈنى ، 
يىراقلاردىن ئاڭلىنار مۇڭلۇق، 
مەشۇقى يوق ئاشىقنىڭ ئۈنى. 
بىر غېرىپلىق تۇرار پەپىلەپ، 
ئەللەي ئېتىپ تەنھا ئۆزۈمنى. 
تەنھالىقنىڭ قىيانى كېلەر، 
قاغجىرىغان ھوجرامغا ھەر كۈن. 
تەسەللىيدىن ئىلھام ئىزدەيمەن ، 
ئۇخلىماستىن ھەر كېچە - ھەر تۈن. 
يېشىلمىگەچ قەلبىمدە تۈگۈن. 
ئىزاھاتسىز كەچمىشلىرىمنىڭ، 
بەتلىرىدە يوق قىستۇرما سۆرەت. 
ياق دەپ داجىپ تۇرساممۇ يەنە، 
چىڭ قۇچاقلاپ تۇرىدۇ قىسمەت. 
قىيان كېلىپ تۇرسىمۇ ئەنە. 
ھەي، بولدىلا سەرسان خىيالىم، 
مەن ئۆزەملا ئۆزەم بوپ ئۆتەي. 
قەلەم ئېلىپ قولۇمغا ئەمدى، 
مىسرالاردىن ئۈنچىلەر پۈتەي . 
ئۆلۈپ كەتكەن شېئىرىم كەينىدىن، 
جىمجىتقىنىە ئۇيقىغا كېتەي. 

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يانبىلوگ. يانبىلوگ ئەسەرلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم ئىزلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردۇر. ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق جايدا يوللاشقا، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى