يانغىن يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇھەببەت مەكتۇپلىرى

مۇھەببەت مەكتۇپلىرى

ۋاقتى: 2015-11-02 ئاۋاتلىقى: 2920 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇھەببەت مەكتۇپلىرى 
«لىرىك نەسىر»
ئەزىز ئىمىر يانغىن 
(1) 
سۆيگۈ قىيناقلىرى سېنىمۇ ماڭا ئوخشاش دوزاق دەشتىگە گىرىپتار قىلمىسىكەن دەيمەن . مەن ئازاب گۈلخانلىرى ئىچىدىن سېنى ھېچ يەردىن تاپالماي خۇداغا ئۈن - تىنسىز نالە قىلىمەن. تىلىم دىلىم بىلەن پىنھان ۋە ئۈنسىز پىچىرلىشىدۇ. كۆلگە قاراپ سەن خۇسۇسىدا نۇرغۇن قىسىلەرنى سۆزلىگۈم كېلىدۇ. بەزىدە قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىن ئىككىمىزنىڭ قىسمىتى توغرىسىدا بىر تالاي سوئاللارنى سورايمەن. ئۇلار بىزنىڭ مەڭگۈلۈك قۇشۇلۇپ كېتىشىمىزنىڭ مۇقەددەس گۇۋاھچىلىرىدىن ئىدىغۇ ؟! ئەمدى ئۇلار نە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىۋالىدۇ.
سەھەر سەلكىنگىنە ئايلىنىپ كۆڭۈل روجەكلىرىمدىن مارىلايمەن. مەن ئۇيقۇ قەلئەيىمدىن چىقىپ قۇشلار ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان ئىگىز چوققىلارغا چىقىپ سېنى ئىزدەيمەن. يىراق ئۇپۇقلار تامان باقىمەن. سەن ھامان ھېچيەردە يوق . تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز شاھىدى بۇلۇپ تاتلىق كۈلكىلىرىڭىنى سېغىنىمەن . بەزەن -بەزىدە شامنىڭ بىرخىل رىتىمدا چىرىسلاپ يېنىشلىرىدا مۇڭلۇق قاراشلىرىڭ بىلەن كۆڭۈل دالايىمدا پارلاپ كۈرۈنىسەنۇ ، يەنە ئۈن -تىنسىز غايىپ بۇلىسەن . كۆزۈمدە قېتىپ قالغان پەرىشتە مۇزلىغان قەلب دۇنيارىمغا گۈلخان ياقىدۇ . قېنى ئاشۇ بەختىيار تىنىقلار ؟!... قارا باسقان چىغىر يولنى بويلاپ كىتىۋاتقان سەلكىن قەدەملەر ، ئايرىلىشقا بەردەم بىرەلمەي تاراملاپ تۈكىلىۋاتقان ھىجران ياشلىرى ... 
ئاشۇ تەقدىم خاتىرىسىگە يېزىلغان مەڭگۈ ئۆڭمەس بەتلەر ئەمەسمۇ ؟ سەن كۆڭلۈم ئىزلىگەن ساماۋى ھۇزۇر ئىدىڭ ، روھىمنىڭ جەننىتى ئىدىڭ جېنىم . 
ساڭا بولغان سۆيگۈم كۆككە باغرىنى يېقىپ ياتقان مۇزتاغ ئۈستىدىكى پاك قارلارغا ئوخشايتتى . سېنىڭ ئىسىمڭنى زىكرى قىلغىنىمچە سۈكۈت ۋە ئۇلۇغلۇق ئىچىدە مەڭگۈلۈك ياشايتتى جېنىم . 
بىر لاۋا تەپتىدە ئاجايىپ بىر قۇدرەتنى ھېس قىلغانلىقىڭ ئۈستىدە بايان قىلىسەن جېنىم . سۆيگۈ - يۈرەكلەرگە تىلسىم قىلىنغان مۆجىزە ، ئۇ ۋاقتى كەلگەندە زىمىننى بىر سىقىم كۈلگە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدىغان ئوت -دېڭىزغا ئايلىنالايدۇ . شىر -يولۋاسلار ھۇۋلىشىپ يۈرگەن چۆل -جەزىرلەرنى ، قاغا -قۇزغۇنلار مالىمان قىلغان تۇمانلىق ئاسماننى ساداقەت ، مىھرى جەننىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ . شۇڭا مەن ئۇنى ئۇلۇغ دەيمەن جېنىم . 
خىيال باياۋانلىرىدا مەنزىلسىز يۈرگەنلىرىمدە تەپەككۈر ئالىمىمگە ھۈكۈمران ئىدىڭ . مەن قەلبىمدىكى سۆيگۈ ۋە سېغىنىش قىيانلىرىغا توغان سالدىم . قارىسام ئوچۇمۇمدا يۈرىكىم لاۋاسىدىن قالغان يۈرەك كۈلۈم ... شۇندىن كىيىن پىنھان ھىجرانىم بىلەن تەقدىرداش بۇلۇپ بىچارە بۇلۇپ ياشىماقتىمەن . پەقەت چۈش ، چۈشلىرىملا ماڭا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ . مەن ئۇنىڭ قوينىدا پەسىل قۇشلىرىغا ، جەننەت قۇشلىرىغا دان سېلىپ ، بالا چىلەكلىرىمدە گۈل سۇغۇرۇپ يۈرەتتىم . پەرىشتىلەر قىلغىنىمنىڭ ۋەجىنى سورىغىنىدا : زىمىندىكى بىر پەرىشتە ئۈچۈن ، بەخت تىلەش ئۈچۈن دەپ جاۋاب بەرگۈدەكمەن چۈش ئىلكىدە .  
ئايرىلىش - ئىنساننىڭ ئېتىقادىنى ، ساداقىتىنى سىنايدىغان ئىمتىھان . مەن ئۇنىڭ مۈشكۈل سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ كەلدىم . مەن ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلگەن ئىدىم . تۈن پەرىسى قارا پەرىجە ئىچىدىن نازلىق بېقىپ يۇلۇمنى تۇسۇپ قويماقچى بۇلىدۇ . يول بۇيىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر ماڭا بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بۇلىدۇ . قۇم -بوران قار -يامغۇرلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولمايدۇ . كۆڭۈل كۆكىمدىكى يىگانە بىر ئۇچقۇن مېنى مېڭىشقا توختىماستىن ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدۇ .  
سەدىقە تىلەۋاتقان تىلەمچىدەك ئىشىكمۇ -ئىشىك يۈرۈپ ئاخىرى سېنى ئىزدەپ تاپقىنىمدا سەن مېنى تۇنىمىدىڭمۇ ؟ياكى قەستەن تۇنىماسقا سالغانمىدىڭ ؟... 
يۈرەكتە قىيامەت ، ئازاب دەشتىدە قان تامچىيدۇ . لىق توشقۇزۇلغان رومكا زەھەر ئېقىنى بىلەن دەرتلىك يۈرەك بىردەملىك ساختا تەسەللىي تاپىدۇ . لىكىن ئاشۇ كۈنى قارلىق دالىدىكى نىشانسىز سۈرۈلگەن ئىزنىڭ نەگىچە داۋاملاشقىنى بىر تەڭرىگە ، بىر ئۆزۈڭگە سىر ئەمەسقۇ ؟ ئۈنسىز سېغىنىشلىرىم ، كىچە قوينىدا يۈرىكىمنى قەغەز قىلىپ پارچە پۈتكەنلىرىم ، ئالدامچى ئۈمىد ئىلكىدە مامۇق تۈشىكىمدە ، ھاممامدەك ئىسىق ئۈيۈمدە بىدار يېتىپ ، تۈننى تاڭغا ئۇلىيالماي ھىجران ئازابىدا سەھەرنىڭ ئىللىق قۇياشىغا تەقەززا 
بولغان ئۇيقۇسىز كىچىلەر ئەمدى ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتتى . مەن ئۆكۈنمەيمەن دەپ تۇرۇپ ئۆكۈندۈم ، يىغلىمايمەن دەپ تۇرۇپ يامغۇردەك تۈكۈلدۈم . مەجرۇھ ئەسلىملەردە لىقلا ئازاب ، ئۆكسۈشلىرىمدە يۈرىكىمنىڭ ساڭا قۇت تىلەشلىرى ...بۇلار مېنىڭ بايلىقىم جېنىم . 


(2) 
كەچۈر ، ئەمدى ساڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلالمىدىم . قەلب ئىشىكىمنىمۇ ئاچالمىدىم . يامغۇر بۇلۇپ دېرىزە چىكىشلىرىڭ جاۋابسىز قالدى . نىمىشقا دىسەڭ ، ئازابتىن چاك -چاك يېرىلغان يۈرىكىم مۇقەددەس خارابىغا ئايلانمىدىمۇ ، ساڭا ئاتاپ تىزغان دەستە -دەستە گۈلدەستىلەر خازان بولمىدىمۇ ، سېنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىزلىرىمدا سانسىز قەبرىلەر پەيدا بولمىدىمۇ ؟... 
كەت ، كەت گۈلۈم ! يۈرىكىڭدىن ياش تامچىلاۋىتىپتۇ . دۇنيانى ئىرغىتىۋىتىدىغاندەك ئېغىر خۇرسىنما . يامغۇرلۇق گۇگۇمغا سىڭىپ كەتكەن قەدەملىرىڭدە دۇنيا مۇسىبەتكە غەرق بولدى . خىرەلەشكەن ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىق كوچىسىدا يەنە شۇ كونا ناخشا ، ناخشا ئىچىدە ئىككىمىز . سەن ئۈچۈن پىراق چىكىۋاتقان مەن ، پەرۋاسىز كىتىۋاتقان سەن . كۆڭلۈمنىڭ ساڭا ئاتالغان سۆيگۈسىدەك بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاق بۇيىدا لەۋلەرنىڭ تەشنالىق ئۇچۇشلىرى ، تەڭرىنى تەسىرلەندۇرىدىغان قەسەملىك ئەھدىلەر ، ئەمما سېنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭ ... 
سەن ئۈچۈن چۆللەردە سەيياھ بۇلۇشقا رازى ئىدىم ، سەن ئۈچۈن تاغ يېرىشقا رازى ئىدىم جېنىم . ئەمما ، ماڭا ھىدايەت ئوڭ كۆزىدە باقمىدى . ئۇزۇن سەپەرلەردە ئۇرۇق يەلكىلىرىم سېنىڭ يۇمشاق -يۇمشاق ياستۇقۇڭ ئەمەسمىدى ؟ ھايات سەپىرىدە سەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرگە مېڭىش ، مېنىڭ ساماۋىي خىياللىرىم ئىدى . لىكىن سەن مېنىڭ بارلىق ئۈمىد -ئىستەكلىرىمنى ساختا قەسەملەر بىلەن پايخان قىلدىڭ جېنىم . 
خوش گۈلۈم ! مەن ئەمدى ساڭا شۇنداق دىيەلەيمەن : 
__ سېنى سۈيەتتىم ، تا ئۆلگىچە سۈيەتتىم ! ئەمما سېنىڭ ئاۋازىڭ يول بۇيىدىكى تىلەمچىلەرنىڭكىدەك ھەم زەئىپ ، ھەم ئېتىبارسىز ئىدى. 


(3) 
سەن كۆڭۈل خانەمنىڭ تۇنجى مېھمىنى بولغىنىڭدا يىللار ھەممىنى باشقىدىن ئاپىرىدە قىلغان بولسا كىرەك . ھايات ئۇلۇغ دەپ پىچىرلىغان ئىدىم . سەن 18ياشلىق يىگىتنى مۇڭلاندۇرۇپ قويدۇڭ . گىتتارنىڭ مۇڭى يۇشۇرۇنغان تارىلىرى بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىنى يارا قىلاتتى . كىچىلەردە روجەكلىرىمدىن مارىلاۋاتقان قەمەر چولپانلىرى بىلەن سىردىشىپ چىقاتتىم . 
ھاياتىم باغ ئىدى ، سەن باغۋەن بۇلۇپ كۆڭۈل بېغىمنى سانسىز ، رەڭدار ، خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن بىزىگەن ئىدىڭ . سەن بىلەن يۈرگەن دەملەردە ئەتراپىمنى ھەرزامان رەڭدار گۈللەر ئوراپ تۇراتتى . بىز بەخت قۇشىغا ئايلىنىپ چىمەنلەر ئارىسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلاتتۇق . مانا شۇ ئەسلىمىلەر يىراق ئۆتمۈش ئىچىدە يەنىلا رەڭگىنى يوقاتماپتۇ . ھەرقېتىم بىز تۇنجى كۈرىشكەندىكى ئىللىق چىھرىڭ كۆز ئالدىمغا كەلسە ، ياشلىقنىڭ ئويناق ھىسلىرى كەيپىدە ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىم، سۆيگۈگە بولغان ئوتتەك تەشنالىقىم ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ . قاش قارىيىشى بىلەن ھۈپپىدە ئېچىلغان ناماز شام گۈللەر ئارىسىدىكى ئويغاق چۈشلىرىم خىيال جەننىتىمنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ . 
بىز بىر مەكتەپ ، ئىككى بىنادا ئىدۇق . خۇددى كاككۇك بىلەن زەينەپ بىر دۇنيا ، ئىككى قىتئەدە بولغانغا ئوخشاش . تارتىنىش ، قۇرۇنۇش ئىچىدە تاۋلىنىۋاتقان مۇھەببىتىمىز نەقەدەر پاك ، غۇبارسىز ، ئۇچرىشىشلىرىمىز تۇلىمۇ قىسقا ، ئەمما رومانتىك ئەمەسمىدى ؟..ھەپتىدە ئىككى كۈن نىسىپ بۇلىدىغان كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتقاندىكى يېرىم سائەتلىك ئۇچرىشىش ، مەكتەپ بېغىدىكى ھېلىقى بىر بۈرجىكى سۇنۇق تاش ئۇرۇندۇقتىكى كەلگۈسىگە باغلانغان ئارمانلىرىمىز قانچىلىك ئۇلۇغ ئىدى ھە ؟!... 
ئەپسۇس ، يۇرتلىرىمىز ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ ئىككى قىتئەدە ئەمەس ئىدىغۇ ؟ كۆزلىرىڭگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ ، ماڭا شىرىن ئازابتىن پۈتكەن تاتلىق ئەسلىملەرنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ . مەن سېنى كىلىدۇ دىگەن ئىدىم ، شۇ ئوي بىلەن ئۆزەمنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرەتتىم ، لىكىن سەن كەلمىدىڭ ، تىنىقلىرىمىز قايتا ئۇچرىشالمىدى . خۇددى كاككۇك بىلەن زەينەپ بىر دۇنيا ئىككى قىتئەدە مەڭگۈ ئۇچرىشالمىغىنىغا ئوخشاش ... 


(4) 
سىم - سىم يامغۇرلۇق ئاقسۇ ۋوگزالى مېنى كەتكۈزۋىتىشكە ئالدىرايدۇ . مەڭزىڭدە ئالماستەك يالتىراپ تۇرغان ياشلىرىڭنى ئالقانلىرىم بىلەن سۈرتۈپ ، تەسەللىي بەرگەن ئازابلىق مىنۇتلارنىڭ چىرقىراشلىرىدا روھىي دۇنيارىم مۇسىبەتلىك پۇشۇلدايدۇ .  
ئايدىڭ دالىدا سەن بىلەن مۈرىدىشىپ كىتىۋاتقان شۇ دەمدە سېنىڭ مېنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىڭنى بىلگەن ئىدىم . ئەتراپىمىزدىكى سوغۇق مۇھىتنىڭ مۇھاسىرسى ۋە بېسىملىرىدىن ھالقىشقا كۆزۈڭ يەتمىگەنمىدى ؟ مەنمۇ ياخشى كۈرۈش پەقەت پۇشايمان ۋە ئاچچىق ھەسرەت ئېلىپ كىلىدىكەن دەپ ئويلىدىم . ئويلىغىن جېنىم ، ئاشۇ ئوي ۋە ئىدراكلىرىمىز ئىككىمىزنىڭ ۋىسال بۇسۇغىسىنى داۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىكەن . 


(5) 
ئەي كۆز نۇرۇم ، قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ مېنىڭ ھەر دەقىقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ دىمىگەنمىدىڭ ؟ توي تەكلىپنامەڭگە ئىسمىمنى يېزىش -يازماسلىق ئۈستىدە تەكرار تېڭىرقاشلىرىڭدا نىمىشقا ئۇنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرەلمەيسەن ؟ چۈش سەن ئۈچۈن جەننەت ئىدى ، سەن تاڭ شەپىقىدە تاۋلىنىپ تۇرغان بىر دەستە چوغلۇقتەك كىلىن تۆشىكىڭدە كىيىنكى تۇرمۇشۇڭ ئۈستىدە تاتلىق خىيال سۈرەتتىڭ . 
مەن شۇنداقلا ئۇنتۇلۇپ كىتەرمەنمۇ ؟ جازاسىنى تارتقان ئىزھارسىز سۆيگۈ مېنى يەنە قاچانغىچە ئازابلار ؟ ھەقىقەت ، مەن سېنى ئۇنتۇش سەپىرىگە ئاتلاندىم . سەن بىلەن يۈرگەن يوللاردىن ئامال قىلىپ ماڭماسلىققا ، ھېچ بولمىغاندا ئىككىمىز بىللە ئىز سالمىغان جايلارنى ئىزدەپ مېڭىشقا ئۇرۇناتتىم . ۋھالەنكى ، ئۇنتاي دەپ تۇرۇپ ئەسلەش بىزنىڭ ئورتاقلىقىمىز بولسا كىرەك . بولمىسا سېنىڭ خالتا كوچاڭغا كىرىپ قالماس ئىدىم . دۇقۇرشۇپ قالغان قىسقا نەزەرلەردىن سېھىرلىنىپ ، بەش يىل ئىلگىركى سايىلەر جۈپلەشكەن يۇلتۇزلۇق كېچە قوينىغا قايتقاندەك بۇلىمەن . سېنى كۈرۈش بىلەن ئەسلىملىرىمىزدىكى سادا ، مۇقەددەس پىچىرلاشلار ئېسىمگە كىلىدۇ . لىكىن ھازىر ئىسەنلىك سوراشقىمۇ بىزدە ئىمكان يوق . تېخىچە بىر -بىرىنى ئۇنتۇشقا قادىر بۇلالمىغان ئىككى يۈرەكنىڭ ئىنتىزارلىق ئىلكىدىكى ئىككى جۈپ كۆزنىڭ بىر -بىرىگە يېقىنلىشىىشىغا ئەمدى يول يوق . قەدەملەر ئامالسىز ، ھامان ئەگىپ كىتىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ . 
بىر يېنىڭدا بىر جۈپ كۆز ، بىر يېنىمدا بىر جۈپ كۆز ، ساڭا تەلپۈنۈپ تىپىرلەۋاتقان يۈرىكىم ، تىركىشىۋاتقان ئارمانلىرىم ، سېنىڭ يىغلاۋاتقان يۈرىكىڭ ، مۇڭلىنىۋاتقان ھىجرانىڭ ... 
يېنىڭدىكى قەھرى يېنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز ئىگىسىنىڭ ، بوينۇڭغا باغلانغان كۈرۈنمەس رەشىك زەنجىرىنى زەرىپ بىلەن تارتىشى بىلەن كىتىۋاتىسەن . 
ۋەدىلىرىمىزدىكى ۋىسال ، تەسەۋرۇرىمىزدىكى جەننەتكە ئىرىشەلمىدۇق . شۇڭا بىز ، بىزگە ئىرىشكەن ئىككى گەۋدىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىشكە ، قۇتىنىڭ ئىچىدە ساقلانغان ياقۇتتەك ئەتىۋارلىنىشىغا ، بايقۇت قىلىنىشىغا مەجبۇرمىز . 
قار لەپىلدەپ چۈشمەكتە . مەن مەقسەتسىز ھالدا ئۆيۈڭنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن. سەن ئوغلۇڭ بىلەن گۈرجەك -سۈپۈرگىلەرنى ئىشقا سېلىپ قار بوۋاي ياساۋىتىپسەن . ئېھتىمال سەن كۆڭلۈڭدىكى ئازابلىرىڭنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانسەن . بىر - بىرىمىزگە يۆلىنىپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشكەن ھېلىقى قارلىق شەنبىدىكى گۈزەل كۈرنۈشلەر ھېلىھەم ئىسىڭدىكەن ھە ؟ ... 


(6) 
بىر دەستە گۈل ئەمەس ، ھەتتا تېرىق چاغلىق ماددىيەت تەمە قىلمىغان ئىدىم . يامغۇرلۇق چۈشتىكى چاڭقاق كۈتۈشلىرىم قاچانغىچە داۋاملاشقىنى ئىسىمدە يوق . بىر لەھزى يېنىمغا كەلگەن بولساڭ نىمە دەي ، پۈتۈشكەن گۈللۈك بۇيىغا كەلگەن تۇرۇقلۇق يېقىنلاشمايلا ئۈن -تىنسىز ئەگىپ ئۈتۈپ كەتكىنىڭنى نىمە دەپ چۈشىنەي ؟ تايىنلىق كەلمىگەن بولساڭمۇ ئۇنچە رەنجىپ كەتمەس ئىدىم . سەن مىنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ دەريا بۇيى بويلىغان شۇ كۈنى قەلبىمگە مۇھەببەت ئوتىنى ياققان ئىدىڭ . كۆڭۈل چىرىغىمىز بىز كىتىۋاتقان چىغىر يولنى يۇرۇتقان ئاشۇ توپا ياققان كىچە ھېلىھەم قەلب خاتىرەمدىن ئۆچكىنى يوق ... 
سەن مېنى مىسكىنلىك ئىچىدە چەكسىز كۈتۈشلەرگە قالدۇرۇپ كىتىپ قالدىڭ ، سەن بەرگەن مەنىۋى قۇدرەت مېنى سەن بىلەن بىر يەردە ، مەڭگۈ بىر يەردە نەپەسلىنىۋاتىمىز دەپ تەسەۋۋۇر قىلدۇراتتى . 
تويدىن كىينكى سۈنئىي باھاردىن كىيىن ساڭا ئۈششۈك تەگدى جېنىم ، ساختا ۋەدە ، ئالدىنىشلار ئىچىدە چاڭقاپ ئۈتىدىغىنىڭ ئۆزۈڭگە ئايان ئەمەسمىدى ؟ ئۈمىد يىپلىرىم ئۈزۈلدى ، لىققىدە سۆيگۈگە تولغان يۈرىكىم جاراھەتلەندى . خەيرىيەت ، ئىسىت سېنىڭ رەڭدار ۋەدىلىرىڭ ، مېنىڭ مەسۇم كۈتۈشلىرىم ، ئاخىرى ھەممىسى جاۋابسىز قالدى . يىگىتلىك قەدىر -قىممىتىم ھەرىدەلگەن دەرەختەك يىقىلدى . 
نۇرغۇن يىللار ئۈتۈپ كەتتى . بالىلىرىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ رەستىلەرنى ئارلاۋاتقىنىمىزدا دۇقۇرۇشۇپمۇ قالىمىز . كۆزلىرىڭدە ھاياجانلىق ، خىجىللىق بالقىيدۇ ، ھالرەڭ يۈزلىرىڭ بۇلۇت كەينىگە يۇشۇرۇنۇشقا ئالدىرىغان ئايغا ئوخشايدۇ . 
بىز ھايات چاقچاقلىرىغا گول بۇلۇپ تاسادىپىي پۇرسەتتە يەنە قايتا ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمىزدا ، سېنىڭ ئۈمىدسىز كۆزلىرىڭدىكى پۇشايمان تارىخىنى تەل تۈكۈس ئۇقۇپ ئۈلگۈردۈم . لىكىن ھېچقانداق بىر كۈچ ئۆتكەن كۈنلەرنى قايتۇرۇپ بىرەلمەيتتى . ئەستىكىلەر سەن بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن مۇقەددەس ناخشىغا ئوخشايدۇ ، شۇنداق ئازابلىق كەچمىشلەر پات -پات كۆڭۈل قۇۋىقىمنىڭ ئالتۇن ھالقىلىرىنى دەھشەت بىلەن تاراڭشىتىپ قاقىدۇ . 


(7) 
ۋىسال دەملىرىگە قاچانمۇ ئۇلىشارمىز دەيتتۇق . ئىشەنچىمىز ئاجايىپ مۇستەھكەم ئىدى . بىر مەزگىللىك مۇساپىدىن كىيىن ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىگە بىر -بىرىمىزگە مەڭگۈلۈك سەپەرداش بۇلالمايدىغانلىقىمىز ئاستا -ئاستا ئايان بۇلۇشقا باشلىدى . قانداقلا بولمىسۇن ، بىز بىر-بىرىمىزگە بىر مەزگىل ھەمراھ بولغان ، يۇلىمىزنىڭ داۋامى چىقماي تۇرۇپ ، ئالتۇندەك سارغايغان كۈز پەسلىدە ئەنە شۇنداق ئاسانلا ئايرىلىپ كەتتۇق .  بۇ ئىككىمىزنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس ، مەن ئۈچۈن قىلغان ئەقىدەڭگە رازىلىق بەرسەڭكەن جېنىم ! خەير ، قۇللىرىمىز ئاستا -ئاستا ئاجرىدى ، ئىككىمىز ئىككى تەرەپكە قاراپ ئاستا -ئاستا سۈرۈلدۇق . كەينىمدە بىر جۈپ كۆزنىڭ قىيالماسلىق بىلەن قاراۋاتقىنىنى كۆڭۈل كۆزۈم ئېنىق كۈرۈپ تۇرسىمۇ بەرىبىر رىئاللىق جاللاتتەك رەھىمسىز ئىدى . شۇڭا كەينىمگە قايرىلىق قارىيالمىدىم . سېنى داۋالغۇپ تۇرغان دەريا دولقۇنىدەك كۆز يېشى ئىچىدە قۇيۇپ جۇدالىقنىڭ گىرىمسەن ئۇپۇقلىرىغا سىڭىپ كەتتىم . 


(8) 
قېنى ئورمانزارلاردا رەڭدار قۇشلىرىنى سۈكۈتكە كۆمگەن سىھىرلىك سادالارنىڭ ئەبەدىيتى ؟ 
گۈزەل ئىستەكلەرنىڭ تەپتى ئۆچتىمۇ ؟ نەپەسلىرىمنىڭ سېغىنىشى ئىچىدە بىر پارچە سۈرەتكە ئايلىنىپ كىتىۋاتىمەن .  باراقسان مۇڭزارلىقىمدا خىيالەن سۈيۈشلەر ئىسىمدە. كۆزلىرىڭ ھەرقاچان كۆز ئالدىمدا ، شۇڭا سېنى ئۇنتالمىدىم . قەلب كىملا بولسا قۇبۇل قىلىدىغان مىھمانساراي ئەمەس .    تىنىقى قۇشۇلمىغان سۆيگۈمىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا ئالتۇندىن پۈتكەن يادىنامە قۇيىدۇ . بىز ھېيت -بايرام ، قۇتلۇق كۈنلەردە تېلفۇننىڭ كۆزىگە كۈرۈنمەس دولقۇنلىرى ئارقىلىق  بۈگۈنكىدەك دىدارلىشىپ تۇرىمىز .    سەن ھامان كۆز ئالدىمدا ، پات -پات تۇقۇمىچى يۇلتۇزدىن ،  لەھەل يۇلتۇزدىن سېنى سوراپ جاۋاھىرەت چېچىلغان كۆك دۇنياسىدىن سېنى ئىزدەيمەن . سېنى ئىزدەشلىرىم ،سېغىنىشلىرىم بىلەنلا بوران -چاقماقلار ئارىسىدا قالىمەن . زىمىن تىترەپ دەھشەتلىك زىلزىلە ئىچىدە كۆز ئاچقان چاغدا سىنى ھەسرەت بىلەن ئەسكە ئالىمەن . دېرىزەم سىرتىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ، ئۇنتۇلغان ئايرىلىش گۇدۇكى يۈرەكتىن قان ئاقتۇرىدۇ . لاۋا ۋاراقلاۋاتقان نىپىز لەۋلەرنىڭ ھىدى ھېلىھىمۇ ماڭا يېڭىچە ھايات بەخشەندە قىلىدۇ . قوللىرىڭ سىلكىنىشلىرىدە پۈتۈن ئالەم ماتەمگە چۆمگەن ، چاناقلىرىڭ لەملىنىپ ، ئەتراپ يامغۇرلۇق تۈن ئىچىگە غەرق بولغان ئەمەسمىدى ؟    چىدام - سۆيگۈ دىمەكتۇر . سېغىنىشلىرىم ئىچىدە كۈتمەكتىمەن . ئاھ ، لەۋلەرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا كۆزلىرىڭنى ھىم يۇمىۋالغىنىڭنىڭ ۋەجى نىمىدىن جېنىم ؟   سېنى كۈتىۋاتىمەن ، بەرق ئۇرىۋاتقان ھاياجىنىم ئىچىدە سەن كۆز ئالدىمدا ، مەن سېنىڭ چوغدەك قىزىق قوللىرىڭنى تۇتۇپ كەلگۈسى ھايات يۇلىمىزنىڭ يېڭى تاغلىرىنى چۈشىمەكتىمەن ... 


(9) 
سەن سۆيگۈ  پەسلىمدىكى تۇنجى ۋە ئاداققى گۈلۈمسەن . ئىزدەشنىڭ خىلۋەت چەكسىزلىكىدىن سېنى تېپىۋىلىپ ئەڭ ئىزگۈ ئارمانلار بىلەن سۆيگەن ئىكەنمەن جېنىم .ئىھ ، شاۋقۇن باسقان ئۆمچۈك تورىدەك چىگىش يوللاردا مېنى باشلاپ يىراق -يىراقلارغا ئېلىپ كىتىۋاتقىنىڭدا نادامەت بىكىتىدە كۈتىۋاتقان تەنھالىقىمنى تامان ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن . شىددەتلىك ۋاقىت ئېقىنى ماڭا سەندىن كەلگەن بەخت شادلىقىنى ئېلىپ كەتتى . ئاشۇ چاغلاردا ئۆزلۈك نەپسىمنىمۇ سەن ئارقىلىق ئېلىۋاتقاندەك ھىس قىلغان ئىدىم . سەن نىمىشقىمۇ كۆڭۈل خانەمگە تۇيدۇرمايلا كىلىپ روھىمغا لەڭگەر تاشلىغانسەن ؟ قېنى ساڭا قېتىلىپ كەتكەن ساياق ئۆزۈم ؟... ئىزدەشلەرنىڭ قىيام دەشتىدە مەجنۇن مىسالى يۈرىمەن . تاراسلاپ تۈكىلىۋاتقان ئاسمان يېشى يوللىرىمدا كىرىستال پايانداز بۇلىدۇ . پاكلىق سۇلىرىدا بېلىق بۇلۇپ ئۈزگىنىمچە ئاشىق كۈيلىرىگە كىرىپ كېتىمەن . ئەمدى بىلسەم سېنىڭ سۆيگۈڭدىن قايتا ئاپىرىدە بۇلۇپتىمەن ،  بىر قۇش بۇلۇپ سىنىڭدىن يىراققا ھالقىيالمايدىغان ...   ۋىسال سەپىرىدە ئۇچىۋاتىمەن ، سېنىڭ ئىزلىرىڭ تامان . شۇنداق بىر ئۇۋا باركى زىمىندا ، سېنىڭ يۈرىكىڭ شۇ تىلسىملار بىلەن قورشالغان . دوزاخقا كىرسەممۇ رازى ئىدىم بىر ئۆمۈر ، كۈلرەڭ ئوت پۈركۈپ تۇرغان ئاشۇ ئۇۋا مېنىڭ ماكانىم بۇلىدىغانلا بولسا ... 


(10) 
يامغۇرلۇق كېچىلەردىكى مۇناجەتلىرىمنى ئاڭلاۋاتامسىەن جېنىم ؟ كۆزلىرىمنى ئوۋلىۋالغان كۆزلىرىڭنى مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقىرالمايمەن .  كۆزلىرىمنىڭ مۇئەمماسىدەك يىتۈكمەن . سېنىڭدىن ئايرىلساملا ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى تامان ئۇنتۇپ مۇڭلۇق ھەم خىيالچان بۇلۇپ قالىمەن . خۇددى سەن كۆرمەسكە سېلىپ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن ئۈتۈپ كەتكىنىڭگە ئوخشاش ...   ئېغىر قەدەملىرىمىزنى سۆرەپ ئىككى ياققا ئايرىلغىنىمىزنى كۈرۈپ زەر نۇرلىرىنى ئەۋەتىپ ماڭا ھىسداشلىق قىلىۋاتقان تۇلۇنئايدىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات مەن ئۈچۈن يېقىمسىز .  سوغۇق سىياقتا ھىجران تۈنلىرى يەنە ھۇۋلاپ مېنى قوغلاپ كىلىدۇ ، ماڭا يىتىشىۋالسىلا ھەممە تامام ئۆتمۈش خارابىسىگە ئايلىنىدۇ . ئارقاڭغا قايت !  قايتىپ كەل جېنىم ! قوللىرىمنى تۇت ،بىز ئەركىن شامال كەبى يىراقلارغا ، بەكمۇ يىراققا ئۇچۇپ كىتەيلى ،   ھەتتا دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە بولسىمۇ مېڭىۋىرەيلى!  كەل  جېنىم ، ۋىسال ناخشىسىنى بىر گە ئېيتايلى ، قولۇمنى مەھكەم تۇت ، لەرزان كۈيلىرىمىز سۆيگۈ چەكسىزلىكىگە سىڭىپ كەتسۇن ... 
 
(11) 
سانسىز كۆزلەر ئىچىدىن مېنى تېپىۋىلىپ ، دېڭىز بۇيىدا قۇلۇلە قېپى تېپىۋالغان سەبىي قىزدەك شوخلۇق بىلەن ئېيتقان ناخشاڭنى كىملەر ئاڭلاپ قالغان بولغىيتتى ھە ؟ مېنى سۆيمەيمەن دەيسەن يۈرىكىڭگە ئاسىيلىق قىلىپ ، كىچىلىرى يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ ، مېنى ئىزدىگەنلىكلىرىڭنى چۈش خاتىرەڭ ئاشكارلاپ تۇرمامدۇ ؟!      مېنى ئەمدى ئىزدىمەيمەن دەيسەنيۇ ، ئۇماق لەۋلىرىڭ جۇدۇندا قالغان رەيھان گۈلنىڭ بەرگىدەك ئەلەملىك تىترەيدۇ . كۆزلىرىڭدە زىمىن سەھنىسىگە پاتمىغۇدەك دەريا ئۆركەشلەيدۇ ...      قارلىق سەھەردە سەن نىمىدەپ ماڭا ئۇچراشقان ، سوغۇق شامال نىمىشقىمۇ تىنىقلىرىڭنى دىماقلىرىمغا سۆيدۈرۈپ روھىمنى كەيىپ قىلغان بولغىيتتى ؟  <<يىگىت دىگەن قەلبىدە پەيدا بولغان چوغنى يەنە قەلبىگە كۈمىۋىتەلىشى كېرەك .>>دىسەم ، سەن << سۆيگۈ دىگەن قەلبتە قانچە ئۇزۇن ، پىنھان ساقلىغانسىرى شۇنچە ئازابلىق بۇلىدۇ ، ئەمما تاۋلىنىدۇ .>>دىگەن ئىدىڭ . ئىككىمىزنىڭ <<سېنى سۆيىمەن >> دەپ ئېيتالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بەلكىم شۇ بولسا كىرەك ... 
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى يانبىلوگ. يانبىلوگ ئەسەرلىرى ھەممىسى ئۆز قەلىمىم ئىزلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردۇر. ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ھەر قانداق جايدا يوللاشقا، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ يوللىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىمەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى