دۇنياۋى داڭلىق ئالىم ئېينىشتېيىننىڭ بارلىق مەخپىيەتلىكلىرى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

شەيدائىي مەدەنى..
قەدىمدىن تارتىپ..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ..
مەھمۇد قەشقەرى ..
   ئاۋات تېمىلار

 

مۇھەممەتجان ساد..
دۇنياۋى داڭلىق ..
‹‹بىر كىتاپ-بىر..
مەھمۇدجان خوجا ..
ھاجى مۇختار خېل..
مەشھۇر ئالىم ئې..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
دۇنياۋى داڭلىق ئالىم ئېينىشتېيىننىڭ بارلىق مەخپىيەتلىكلىرى
  • مەنبە: news.xinhuanet.com
  • 2012-03-21 01:09



  •   ئىسرائىلىيە ئىرۇسالىم ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى 19- مارت ئالبېرت. ئېينىشتىيىننىڭ توردىكى ئارخىبخانىسىنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئېينىشتىيىننىڭ قول يازمىسى ۋە خەت-چەك قاتارلىق ھۆججەتلىرىنى تورغا چىقارغان. بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدە ئۇ ئۆز قولى بىلەن يازغان 6 پارچە مۇھەببەت خېتى، ئانىسىغا بەرگەن ئاتكېرتكا ۋە داڭلىق نىسبىيلىك نەزەرىيسى قوليازمىسىنىڭ پۈتۈن ئارگېنالى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ ئالىمنىڭ تالانتىغا ئائىت نۇرغۇن ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.



       ھەقىقى مۇكەممەل ئېينىشتېيىن

       ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى مىناخىم.بىن.ساسون 19- مارت ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى 2000 پارچە چە ئېينىشتېيىنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئاللىقاچان توردىكى ئارخىپخانىدا ئېلان قىلىنىپ بولدى، بۇ ھۆججەتلەر تەتقىقات پائالىيىتى، يەھۇدىي مىللىتى، ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاممىۋى پائالىيەت ۋە شەخسى پائالىيەت قاتارلىق بەش تېمىغا يىغىنچاقلاندى دەپ كۆرسەتكەن.

       بېن.ساسون:« بۇ قېتىم كىشىلەر توردىكى ئارخىپخانا ئارقىلىق ھەقىقىي ئېينىشتېيىننى تونۇپ يېتەلەيدۇ، بىلىم يوشۇرۇن ساقلانماسلىقى، كۆپچىلىكككە ئاشكارىلىنىشى كېرەك» دىگەن.

       دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىبرانى ئۇنىۋېسىتېتى بارلىق يازما ھۆججەتلەرنى سان-سېفىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر قانچە يىل ئىشلەش ئارقىلىق، يۇقىرى پىكىسېللىق ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە تارتىپ، ئاندىن تورغا تارقاتماقچى ئىكەن.

        8 تۈمەن ھۆججەت ئار-ئارقىدىن تورغا چىقىرىلىدۇ

      ئېينىشتېيىن ئىرۇسالىم ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ ھايات چېغىدا ئۆزىنىڭ بارلىق قوليازما، شەخسى ماتېرىياللرى ۋە قىياپەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىلا بۇ ئالىي مەكتەپكە ھەدىيە قىلىۋەتكەن. ھازىر ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى ئېينىشتېيىن ئارخىپخانىسىدا 8 تۈمەن ئەتراپىدا ئىينىشتېيىنغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ئارخىپ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 4 تۈمەندىن كۆپرەكى ئېينىشتېيىن قوليازمىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئىكەن، بۇلار ئۇزۇنغا قالماي تورغا چىقىرىلىدىكەن.

      بۇ ئېينىشتېيىن قوليازمىسىنىڭ تورغا چىقىرىلىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس. 2003- يىلى «ئېينىشتېيىن ھۆججەت پىلانى» تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېينىشتېيىننىڭ 9000 پارچە قوليازما سكاننېېرىنى توردا ئاشكارىلىغان. بۇ ماتېرىيال تورغا چىقىرىلىپ بىر سائەت ئىچىدىلا 300 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك چېكىلگەن.

      ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئېينىشتېيىننىڭ تور ئارخىبىغا مەسئۇل خادىمىلىرىدىن دارىيە.مېندېلسون، ئىلگىرى توردا ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللار بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى بولسا، توردىكى ئارخىپخانا تەمىنلىگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدەش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى، قولايلىق. بۇنىڭدىن سىرت، ئېينىشتېيىن ئارگېنالى نېمىس تېلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، توردىكى ئارخىپخانا ئېلان قىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسمۇ بېرىلگەن.

       قىياپەتنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

      خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى ئېينىشتېيىننىڭ قىياپەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئېلان سودىگەرلىرىنىڭ ئېيىنىشتېيىن قىياپىتىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن. 2010- يىلى، ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەممىباپ ئاپتوموبىلى شىركىتىنى سوتقا چاقىرغان، بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىباپ ئاپتوموبىلى «شەخس» ژۇرنىلىدىكى بىر ئېلانىدا، ئېينىشتېيىننىڭ باش سۈرىتىنى كىيىم كىيمىگەن بىر ئەرنىڭ بەدىنىگە كىرىشتۈرۈلگەن مەزمۇن بار ئىكەن.

      1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گرمانىيىلىك يەھۇدىي ئالىم فىرىتىس.بوۋىر ئېينىشتېيىننىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن ئىئانە توپلىماقچى بولغىنىنى گرمانىيەگە ساتقىنلىق قىلغانلىق دەپ ئەيىپلىگەن.

      تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان بىر پارچە ھۆججەتتە، بۇنىڭغا جاۋابەن:«گەرچە مەندە خەلقئارالاشقان تەپەككۇر بولسىمۇ، ئەمما ئىمكانىيىتىم بولسىلا، يەنىلا، داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان، ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن سۆز قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن، مانا بۇ سادىقلىق، ساتقىنلىق ئەمەس» دەپ يازغان.

      ئارخىپخانا باشلىقى گروتس، بۇ خەتتىن ئېينىشتېيىننىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گرمانىيەدىكى شەرقىي ياۋروپا يەھۇدىيلىرى ئىچىدىكى نامراتلار ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەيتى، ئېينىشتېيىن بۇ ئادىللىق ئەمەس دەپ قارايتى، ئۇ گرمانىيىدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئامال قىلالمىغانلىقتىن، باشقا جايلارغا بېرىپ تىرىشىپ بېقىشنى ئويلىغان، مەسىلەن ياش يەھۇدىيلارنىڭ ئىرۇسالىمغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش دىگەندەك.....دىگەن.

       ئېينىشتېيىن خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە تۈرلۈك مۇھاكىمە مەسىلىلىرىگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا نىسبەتەن ئۇ باشقىچە كۆز قاراشتا ئىدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئېينىشتېيىن ئىلگىرى بىر ئەرەبكە خەت يازغان. بۇ خەت بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغام. خەتتە:«يەھۇدىي مىللىتىدىن بولغان ئېينىشتېيىن بىر پارچە «ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى خەرىتىسى» نى تۈزۈپ چىقتىم: ئالدى بىلەن ئەرەب ۋە ئىسرائىلىيە دوختۇرى، سوتچىسى، پوت ۋە ئىشچىلار ۋەكىلىدىن تەشكىللەنگەن بىر 8 كىشىلىك «مەخپىي كومىتېت» قۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ زىدىيىتى ھەل قىلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان.

        ئېينىشتېيىن 20 ياش ۋاقتىدا بىر ئالىمغا يازغان خېتىدە، ئېينىشتېيىننىڭ ياش ۋاقتىدىكى تەتقىقاتىنىڭمۇ ئىنتايىن ئىلغار ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

      بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغانلىرى ئىچىدە يەنە ئېينىشتېيىننىڭ 14 پارچە كىچىك يۇمىلاق خەتلىك تەتقىقات خاتىرىسىمۇ بار بولۇپ، نىسبىيلىك نەزەرىيىسى چۈشەندۈرۈلگەن، فىزىكا كەسپىدىكى بىرسىگە خەت يازغان مەزمۇن ھەمدە «E=mc2» نىڭ خۇلاسە ئارگىنالى بار ئىكەن.
     ئاۋاتلىغى : 1302  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2012-3-21 23:06:26 
     
     

      خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682