ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى
تۈزگۈچىلەر: غەيرەتجان ئوسمان، ئەشرەپ ئابدۇللاھ
مەھمۇد قەشقەرى (؟20 / 1019 — ؟4 / 1113)نىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ئەل ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئەل كاشغەرى . مەھمۇد قەشقەرى قەشقەر (كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ) ئوپال يېزىسى ئازىق (بۇ كەنت كېيىنچە قۇمباغ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان) كەنتىدە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ ئائىلىدە تۇغۇلغان ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەكتەپلەردە ئالغان . كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ، ئۇ يەردە ئوقۇپ ، داۋاملىق بىلىم ئاشۇرغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلار خانلىقىغا تەۋە يېزا – قىشلاقلار ، شەھەر – بازارلارنى ، ئۇرۇق – قەبىلە ، ئايماقلارنى تەخمىنەن ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ ، مول تىل ۋە فولكلور ماتېرىياللىرىنى توپلاپ ، ئاندىن ئاغدادقا بېرىپ ، مىلادىيە (1077 – 1072 – يىللىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى») ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان . بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي نامى «كىتابۇ دىۋانى لۇغەت تۈرك» دۇر .
«دىۋان»غا تەخمىنەن 7500 پارچىدىن ئارتۇق سۆزلەم (سۆز ۋە ئىبارە) ، 242 پارچە شېئىر – قوشاق ، 200 پارچىگە يېقىن ماقال – تەمسىل ، 10 نەچچە پارچە ئەپسانە ، رىۋايەت ۋە داستان ، ئېپوسلاردىن پارچە كىرگۈزۈلگەن . تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى سۆزلەم ، ماقال – تەمسىل ۋە قوشاق (داستان ، ئېپوسلاردىن پارچىلار بۇنىڭ ئىچىدە)لارنى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىپ ، ئۇلارنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلىغان ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئالىم كىتابىنى ئەرەب تىلىدا يازغان . مىلادىيە ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەركىزى باغدادتا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تەسىرى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە «تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» ھالەت شەكىللەنگەن ، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئەرەبلەرنىڭ «ئۆز دەردىنى ئېيتىشى ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق» ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىققان . «دىۋان» ئىككى تىلنىڭ ، يەنى تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئاددىيلا سېلىشتۇرما لۇغىتى ئەمەس ، شۇنداقلا ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈپ قويۇلغان ئاددىي سۆزلۈكمۇ ئەمەس ، بەلكى ئېنسكىلوپېدىيە شەرتىگە يېقىن بولغان لۇغەت . ئۇ ئۈچ جىلد (ئۈچ توم) ۋە 10 بۆلۈمدىن ئىبارەت . ھەم بىر بۆلۈمى ئۆز نۆۋىتىدە بىرقانچە باب ھەم قوشۇمچە چاتاق (پاراگراف)قا بۆلۈنگەن . «دىۋان»دىكى شېئىر – قوشاقلار ئىچىدە بىلىم ئۆگىنىشكە ، ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىرى كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ .
ئەردەم تىلە ئۆگرەنىپەن بولما كۈۋەز ، ئەردەمسىزىن ئۆگۈنسە ئەڭمە گۈزە ئەگەر .
[ئىلىم – ھېكمەت ئىزدە ، ئۆگىنىشتىن چېكىنمە ، غادايما ، بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان كىشى سىناقتا ھودۇقۇپ قالىدۇ .]
ئالغىل ئۆگۈت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە . بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇپ بىلكىڭ ئۇلە . |