ھاجى مۇختار خېلىل بۇغرا - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

شەيدائىي مەدەنى..
قەدىمدىن تارتىپ..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ..
مەھمۇد قەشقەرى ..
   ئاۋات تېمىلار

 

مۇھەممەتجان ساد..
دۇنياۋى داڭلىق ..
‹‹بىر كىتاپ-بىر..
مەھمۇدجان خوجا ..
ھاجى مۇختار خېل..
مەشھۇر ئالىم ئې..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ھاجى مۇختار خېلىل بۇغرا


 

 
تۇلۇق ئىسمى :ھاجى مۇختار خېلىل بۇغرا
 
كىتابلىرى :«ئۈمىد يۇلتۇزى»،«قوش مېغىز»،«ئاخشامقى لىرىكا »،«قۇم پەسلى»،«تېكەن پەسلى»،«بەشىنچى پەسىل»،«ئارمان چوققىسى»‹قىرغىزچە›،«بۈيۈك قۇم پەسلى»‹خەنزۇچە›
 
ئاھاڭ ئىشلەنگەن شېئىرلىرى:800پارچىغا يېقىن.
 
رېژسسورلۇق قىلغان فىلىملىرى :«زەرەپشان ساداسى»،«ئاتۇش باراۋەت مەشرپى»،«ئىراق مۇقامى»،«ئاقتۇغ مەشرىپى»،«نورۇزنامە»،روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت ۋە مەشرەپ پىروگىراممىسنىڭ 30دىن ئارتۇق سانى . 10دىن ئارتۇق MTVپىلاستىنكىسى . 
 
 
سەنئەت يولى –ئارمان يولىدۇر
مۇھەممەد ئىمىن

 


 

مۇختەر بۇغرانىڭ بەختلىك ئائىلىسى 
ئەسسالام سەھەر –يېڭى ھايات
 
شائىر ئويغاندى ،ئورنىدىن دەس تۇردى ، ئۈمىد ھاسىرىغىنچە يۇمشاق لەۋلىرىدە شائىرنىڭ كۆزلىرىگە سۆيەتتى .
 
يىراق-يىراقلاردىن مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى ...شائىر يەنە پايانسىز خىيال باياۋانلىرىغا ئات سالدى .ئۈمىدنىڭ تىنىقىدىن گۈپۈلدەپ ھايات پۇرىقى كېلەتتى . خىيال ئۇچماقتا ، شائىرنىڭ خىياللرىغا يول باشلىماقتا . ئەنە سۇتۇق بۇغراخان ،ئۆلۈمگە مەغرۇر كېتىۋاتقان ئابدۇخالىق، سايرامدا تۇلپىرىنى سۇغىرىۋاتقان سادىر ، ئەجنەبىيچىلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان سۈكۈتتىكى مىڭئۆي ، تاشقا ئايلانغان ئاتۇش ئادىمى ، كەز كۈزدە يېلىڭ كىينىپ ئوغلىنى ئىزدەپ چىققان ئانا،ئاتسىز قالغان قۇشلار ، تىكىندىن ئايرىلغان گۈللەر ، بەشىنچى پەسلىگە قاراپ ئۇچقان تۇرنا ، قەشقەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدا تېنەپ يۈرگەن ھايات. ئۆكسۈپ شېئىر ئوقۇۋاتقان قۇملۇق بوز تورغايدەك يۇم-يۇم يىغلاۋاتقان ناخشا ،«تەڭرىتاغ»ژۇرنىلدىكى ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇيۇلغان ئاپئاق بەتلەر ، ئۇنى باغرىغا چىللاۋاتقان ساھىبجامال ئېتىز ....نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ئۇنىڭ يېنىدىن لىپ-لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.گويا يەنە بىر زامان ئۆتكەندەك....
ئۇ ئاخىر خىيالدىن قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ سۈبھىگىچە يۇمۇلمىغان كۆزلىرىدە سەھەر جىلۋە قىلاتتى .ئۇ ئۇپۇق ئانىغا قاراپ :«مەرھابا ھايات »دەپ شىۋىرلايتتى.
ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئۆلۈم ساھىلدىن ھايات دېڭىزىغا قايتىپ كەلگەنلىكنى بىلدى . يەنە تاڭلارنىڭ ئاتقانلىقنى ، تۈنلەرنىڭ ئۆتكەنلىكنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى....
 
 
ۋىسال دېگەن ياپياش ، ھەم قېرى قاقباش
 
ئوخشايدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم .«ئىجادىمدىن چاچارمەن نۇر »،«ئۈمىد يۇلتۇزى »،«قوش مېغىز »لار يېراق تاغلىق يېزىدىكى بىر مۇئەللىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسا ....«دېرىزەڭنى ئېچىۋەت »كە كەلگەندە ھەربىر كۈيخۇمار ۋۇجۇد ئىگىسى بۇ كۈيگە ئۆزىنىڭ قەلىب دېرىزىسنى ھەم ئىشىكنى قوشۇپ ئېچىۋەتتى.
ياشلىقتىكى سۆيگۈ –مۇھەببەت بىر جۈپ ياشنىڭ ئىككى دېرىزىسدىن باشلىنىپ سۆيگۈ رىشتىلىرىنى مەھكەم ئۇلىۋىدى،«دېرىزەڭنى ئېچىۋەت »نىڭ ساھىبىي ئۆز-قەلبىدىكى ھېسلارنى كەڭ ئېچىپ كۆپچىلىككە نامايەن قىلغىندەك باشقا دېرىزىلەرمۇ سۆيگۈدىن سېھىرلىنىپ ئېچىلىپ كەتتى ...دېرىزلەر ، ئىشىكلەر ئېچىلدى . ئاندىن يوللارمۇ ئېچىلىشقا باشلىدى . مۇھىمى ، ئۇنىڭ ئىجاد بۇلاقلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلدى . بۇ بۇلاقتىن شېرىن نەزمىلەر بۇلدۇقلاپ چىقىپ قەلىبلەرگە سىرغىشقا باشلىدى .
 
 
ئىزچۈشمىگەن چاتقاللىقلاردىن يېڭى يول تېپىش مۇمكىن
 
ئۇ ئېقىمغا ئەگشىشىنى خالىمىدى .ئۇ«ئادەم تۈز يولدا ئېزىپ قېلشى مۇمكىن»دەيدۇ. دائىم ئۇنىڭ ئىجاد بۇلقىنىڭ سۇلىرى يېڭى تۇپراققا ، سۇ بارمىغان جايلاغا ، سۇغا تەشنالارغا ئېقىپ كەلدى . سۇلار تارام-تارام ئېقىنلارنى ياساپ ھەر تەرەپلەرگە ئاقتى .«شېئىرلىرىمدىكى يوشۇرۇن ئشەنچ-ماڭا ئۆمۈرلۈك يول خېتى »دېدى ، ئۇ.بۇ ئىشەنچ ئۇنى جاسارەتكە ئىگە قىلدى .خۇددى تەجىرىبىلىك رېژىسسور بىر ئارتىسنىڭ باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان تەرەپلىرىنى بايقاپ ، ئۆزگىچە نۇقتىدىن سۈرەتكە ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك ، ئۇ قەلىمىدىكى «ئاتا تەدبىرى»مۇشۇ پىكىرىمىزنى دەلىللىدى.«ئاتا تەدبىرى »ئاتا بالىلارئوتتۇرسىدىكى رېئال چۈشەنچىلەرنى تېرەن مەنىسى بىلەن نامايەن قىلدى . ئۇ تۇرمۇشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلاپ،ئاتا-بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ كۆيۈمچانلىق ، مېھىر-مۇھەببەت تەرىپىنىلا كۆرۈپ قالماستىن ، ئۇنىڭغا زىت بولغان يەنە بىر تىراگېدىيەلىك تەرىپىدىنمۇ بېشارەت بەردى ، بەزى پەرزەنتىلەرنىڭ ئاتا-ئانغا يۆلىنۋېلىشتىن ئىبارەت بېقىندىلىق خاھىشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكنىمۇ كۆردى .‹مىرزاھىد كېرىمنىڭ قارشى ›
 
«سۆيەي سېنى سەن سۆيمە » ‹ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئورۇنلىغان ›- بۇ تولمۇ ئۆزگىچە ھەم «غەلىتە »پىكىر بولدى –دە؟
سۆيمىسەڭمۇ مەن سۆيەي ، ئامرىقىم بول سالامەت ،
تىكەن ئۈنسۈن تېنىمدىن ،كۆرسە گۈلۈڭ مالامەت .
 
بۇ يەردىكى ئېتىراپ قىلىش ، مۇھەببەتتىكى بىر ئاشىقنىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلشى بولۇپ ، بىز بۇنى مۇھەببەتتىن ھالقىپ كىشلىك ھاياتتىكى باشقا تەرەپلەرگە تەققاسلاپ باقساقمۇ بولىدۇ .كىشلىك مۇناسىۋەتتە ، دوسىتلار ئارسىدا بۇ خىل مەردانىلىك بولسا ، بۇ ، ۋىجداننى تەكىتلەپ سەمىميىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شېئىرنىڭ ئىدىيەسى بۇنىڭدىنمۇ كەڭ ھەم چوڭقۇر .
 
قىز تىلدىن يېزىلغان :«ئادەممۇ مەن پەرىزات »دېگەن شېئىرمۇ قارشى نۇقتىدىن چىقىپ يېزىلغان ھەم قىزنىڭ قۇرۇق مەدھىيە تەسەللىدىن ئۆزىگە خوشاللىق ئىزدىمەيدىغانلىقى ، ۋىجدان ، سەمىمىي راسىتچىلىققا ئىنتىلدىغانلىقى قەيىت قىلغان . «بارمۇ مەن »دېگەن شېئىردا ئۇ مۇنداق يازىدۇ:
 
مەن .ئۆزۈمنى يوقاتتىم . تاپالمىدىم ئاختۇرۇپ ،
تەبىئەتتىن ئىزدىدىم ، پىغان چېكىپ ئاھ ئۇرۇپ .
 
بۇ شېئىر پىكىرىنىڭ يېڭىلقى ، ئىپادىلەش شەكىلنىڭ ئىخچاملىقى ۋە مەندارلىقى بىلەن ناخشىچلارنىڭ دىققىتنى قوزغاپ ئىككى خىلغا ئاھاڭغا سېلىندى ‹بىرنى پەرىخە يۈسۈپ، يەنە بىرنى ئەركىن ئابدۇللا ئورۇنلىدى ›يېڭلىق –ئىجادىيەتنىڭ جېنى.ئۆزگىچە بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان تۆۋەندىكى مىسرالارغا قارايلى :
تېيىلغاق چىغىر يوللار ، چۆچەكلەر قوينىغا باشلىدى مېنى ،
ئاتلاندىم قۇرۇق قوللا ، قىرىق بىر قاراقچىمۇ توسمىدى مېنى .
ياغاچ ئات ، ئۇچار گېلەم ، ئاي تۈگۈل تېرەككە ئەپچىقالمىدى ،ئۇر توقماق ، غازات ئەلەم ، چۆچەكلەر قەنىتنى چاقالمىدى .«چىغىر يوللار چۆچىكى »
ھازىرقى چۆچەكنى باشلىغىن يوللار ، بۇرۇنقى زاماننى تاشلىغىن يوللار .
مانا بۇ ئون مىسرالىق مۇكەممەل ، ئىخچام قۇرۇلمىغا ئىگە شېئىردىن بىز كونىلىق بىلەن يېڭلىقنىڭ . بېكىنىش بىلەن تەرەققىياتىنىڭ ، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ ، بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ روشەن پەرق سېلىشتۇرمىسنى ، دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ روھىيتىنى ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئىنتىلىشنى ، چەكسىز ئۈمىدۋارلىققا تولغان جۇشقۇن ۋە جەڭگىۋار ئوبرازىنى كۆرگەندەك بولمىز .‹ياسىن مۇخبۇلنىڭ قارشى ، مىھىرگۈل بۇرھان ئورۇنلىغان ›
 

ئۇ«تىكەن پەسلى »دە مۇنداق يازىدۇ :
نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا ،
تاشلاپ كەتسە مېنى تۇپراققا ،
غۇرۇرۇمنى ساقلاپ قالماقتا ،
ئايلىنارمەن تىكەن-يانتاققا .
 
راسىت، قۇسۇرچى نائەھلىلەر يامىراپ كېتىۋاتقان ، ھېسيات قۇرۇۋاتقان زاماندا گۈللەر ئۇلارنىڭ ئايغى ئاستىدا دەپسەندە بولىدۇ. شۇڭا ، گۈل بولماقچى بولغان شائىر غۇرۇرنى ساقلاش ئۈچۈن تىكەنگە ئايلىنىپ بىپەرۋا كۆزلەرگە قادىلىدۇ ۋە ئۆزىنى قوغدايدۇ .بىراق ، يەنىلا ئۆزشەيدالىرى ئۈچۈن تاڭدا ئېچىلىپ گۈپۈلدەپ خۇشپۇراق چاچىدۇ . شۇڭا بىز بۇ شېئىرنى مۇھەببەتكە باي قەلبتىن ئۇرغۇغان ۋىجدان خىتابى ، شائىرنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات مىزانى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .
 
سۇغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ قان-ئاقار ئېگىزگە .‹يەتتە قىز›
 
بۇ ياشلىق دېگەن تونۇر ، گويا ، مەن چوغدۇرمەن ، سەن قارا كۆسەي ‹قارا گۈزىلىم›
ئاشۇ سوئاللار جاۋابسىز قېلىپ تېپىلمىغان ئامال ‹يول›
 
مەدھىيەگە ھەمراھدۇر غەيۋەت ‹ قوشماق›
بارچە قۇشلار ئۆز-ئارا قۇش تىلنى بىلىدۇ ‹پەرۋاز›.
مەن ئىكەنمەن ئەسلىدە سەن ئۇچارغان بىر لەگلەك ‹تاڭدا كۆرگەن چۈش ›
گۈل توزۇشتىن ئەنسىرەيمەن ، كىر قونۇشتىن ئەنسىرەيمەن ‹ئەنسىرەيمەن ›
مەن بىر كۈن قاتلىنارمەن كىتاب بېتىدەك ‹كىتاب قىزى ›
تەبەسسۇم كۆلىدە يىغا كېمىسى ‹كۈلكىگە يوشۇرۇنغان يىغا›.
 
 
ئۇيەنە«كاۋاپچى ناخشىسى »،«ئاپتوبۇس»،«تەڭتۇشلار»،«قەرزدارمەن»،« پۇتبول ناخشسى»،«دۆڭكۆۋرۈك»،«ئەر قانىتى-ئات»،«مۇئەللىم »،«قېرىنداش بىز»،«سوۋغات»،«ئىت مىجەزىلەر»،«ياۋا ناخشا »،«ئويغاتما»،«ئوسما»،«ئىشەندۈر، ئىشەن » قاتارلىق يېڭى ھەم ئۆزگىچە شېئىرلارنى يېزىپ چىقتى . بۇ شېئىرلار كۈيلەر بىلەن قېتىلىپ ، خەلىق ئارسىغا تاراپ كەتتى .
 
«ئەدەم تۈز يولدا تەمتىرەپ قالىدىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ .لېكىن چاتقاللىقلار ئىچىدىن يېڭى يول تېپىلىپ تۇرىدۇ».ئۇ شەيئىلەرگە قارىتا دائىم ئۇنىڭ قارشى تەرىپىنى كۆزىتىشكە ئادەتلەنگەن . ئۇ بىر شەيئىنىڭ كەينىدە چۇقۇم بىر گەپ بار دەپ قارايدۇ.
دەريانىڭ تاغ بېشىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . بىز نېمىشقا دەريانىڭ باشلىنىش نۇقتىسنى قاردىن ، يامغۇردىن ، كۆكتىن ئىزدەپ باقمايمىز ؟ بىز دەريانى ئاقىدۇ دەيمىز . ئەمما يۇلتۇزمۇ ئاقدىغۇ؟ قۇلاقمۇ ئاقىدىغۇ ؟ ھەتتا يانار تاغمۇ ئاقدىغۇ ؟ ھەتتا پولات ، تۆمۈرمۇ ئاقدىغۇ؟ مانا بۇ ئېقىننىڭ نەقەدەر كۆپلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . مېنىڭچە ، ئۇ دەل مۇشۇنداق كۆزىتىشتىن كەلگەن ھاسىلاتلىرىنى بەدىئىي ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، شېئىرى تىل بىلەن بېزىيەلەنگەن . شۇڭا ئۇنىڭ «ئىجادىيەتلىرى تېما دائىرىسنىڭ كەڭلىكى ، ئىپادىلەش شەكىلىنىڭ كۆپ تەرەپلىملىكى ، تىلنىڭ جانلىق ۋە چۈچۈكلىكى كۆپ تەرەپلىملىكى ، تىلنىڭ جانلىق ۋە چۈچۈكلۈكى بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا بىر قەدەر چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە .
تەبىئەت شىددەتتە بۇزۇلماقتا
 
ئۇ تەبىئەت ھەققىدە توختىلىپ كەلدى .يۇرت ، ۋەتەن ھەققىدە ، مىللەت ، تەقدىر ، ئەخلاق ھەققىدە توختىلىپ كەلدى.«تەبىئەت ئانام ».«توغراق »،«يەر مۇقەددەس »،«تەكلىماكان ».«يار»،كىروران ئانا »، تەكلىماكاندىكى چۈش »،«سايرام كۆلى»،«ئاتۇش ئادىمى»،«ساختا ئاداش »، «ئەخلاق»قاتارلىق شېئىرلار كۈيلەرگە سېلنىپ ، كىشلەر قەلبىگە مەنىۋى زوق بېغىشلىدى .ئۇ ئانا تەبىئەت بىلەن ئىنسان تەبىئىتنىڭ دىيالېكتىك مۇناسۋىتنى ئۆزگىچە يوسۇندا چۈشىندىغانلىقنى شېئىرلىرىدا ئىزھار قىلىپ كەلدى .
 
ئادەم تەبىئەتتىن ئايرىلالمايدۇ . بىر تۈپ دەرەخ كېسىۋېتىلسە تەبىئىي ھالدا كۆڭۈل غەش بولىدۇ .قاقاسلىققا بىر تۈپ كۆچەت تىكىلسە ، تەبىئەت خۇش بولىدۇ . ئادەمنىڭ تەبىئىتى بوزۇلسا ئادەم نېمە بولىدۇ ؟ كېسەل بولىدۇ . ئانا تەبىئەت بوزۇلسىمۇ كېسەل بولىدۇ .ھازىر يازدا قار يېغىۋاتىدۇ . قىشتا كەلكۈن كېلۋاتىدۇ . مۇز-تاغلار ئېرىپ كېتىۋاتىدۇ . يەر تەۋرەش ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ ...ئادەمنىڭ تەبىئىتمۇ ئالدىراش بۇزۇلىۋاتىدۇ . شۇڭا ،«ئانا تەبىئەتتىكى ‹تەبىئەت ›دېگەن ئوقۇم ، ئادەم تەبىئىتىدكى ‹ تەبىئەت ›تىن كەلگەنمىكىن دەپ ئويلاپ قالمەن»دەيدۇ شائىر .\
شۇڭا ئۇ تەبىئەت تېمىسىدا مۇنداق يازدى :
ئەكېلسەن نەۋ باھار ،
گۈل بولۇپ ئېچىلماقچى بولسام مەن ئەگەر ،
جىسمىڭدىن ھايات بەردىڭ ،
تېنىمدا ئاقار سۈيۈڭ گويا ئاق سۈتتەك ،
قۇچاقىڭدا يايرايمەن ، تەقدىرىم چىڭ چېتىلغان تەليىڭ بىلەن .‹تەبىئەت ئانام . ئادىلە ئورۇنلىغان ›
كىشىنى ئويلاندۇرىدىغنى بۇ شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسى ، تەبىئەت بىزگە ھەممىنى بېرىپتۇ ، كۈن ، سۇ ،ھاۋا ، ھەتتا ناخشىلارنىمۇ ئۆگتىپتۇ . بىراق ، ئادەملەر ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئانا تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى رىشتىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا .
ئىجادكار يەنە تەبىئەتتىن «ئەركەك سۇ » ئىزدىسە ،«ئاتۇش ئادىمى »،«سادىر پالۋان »، «مەختۇمسۇلا »،«چىن تۆمۈر »لەردىن ئادەم تەبىئىتىگە دورا ئىزدەەيدۇ . كىشلەرنى ئەخلاق توسقىدىن چىقىپ كەتمەسلىككە ئۈندەيدۇ : «ئويۇندىن قۇيۇن چىقسا بولۇپ قالما كاج تەلەي ، بۇ دۇنياغا بىز مېھمان !». ئۇنىڭ تەبىئەت بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى تولمۇ جانلىق ھەم سىرلىق ھالدا ئىپادىلگەن يەنە بىر شېئىرى بار . ئۇ بولسىمۇ «يار ». مېنىڭچە بۇ شېئىردىكى پەلسەپەنى ، دىيالېكتىك مۇناسىۋەتنى ، ھېسياتىنى ئېكولوگىيەلىك قاراشلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەك .
 

 

 

ېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات

 

««شائىر مۈدۈرىدۇ، لېكىن مۈگدىمەيدۇ».ئۇ بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق – سوغۇقلارنى ، ئاچچىق –تاتلىقلارنى ، ئۆمۈر مۇساپىسىدە كۆرگەن – بىلگەن ۋە يەكۈنلىگەن تەجىرىبە- ساۋاقلارنى ھامان ئۆزىنىڭ سەمىمىي قەلىمىدە «ھايات»تېمىسىدا خاتىرىلەپ كەلدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ھاياتنىڭ نېمىلىكنى ، ئەھمىيتىنى ، ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكنى بارغانچە چوڭقۇر چۈشنىپ باردى .«گۆدەك ھايات »،«چاقچاقچى ھايات »،«ئالدامچى ھايات »،«ھايات يولى»،«ھايات شاخلىرى »،«ھاياتىم كۈلەر»، «ھايات تېپىشماق »... ھايات ھەققىدە باشقىلار بۇنچە كۆپ مىسرا پۈتمىگەن بولسا كېرەك .

«بېكەت ، تۇرالغۇ ، نان تېپىپ يېيىش ،

ئۆزى قايناپ تاشقان چۆگۈندۇر گويا »

....

 

پۇل ھەلەكچىلكى ، قاتلاڭ سۆيگۈ ،

ھايات باشاقلىرىنى پايخان قىلىدۇ .

پىلسىراتتىن ئۆتكەن بولسىمۇ ئادەم ،

ئۆكتەم ھاياتلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ .

 

مېنىڭچە بۇ مىسرالاردا ھاياتنىڭ تەبىرى ، ئىنساننىڭ ئاداققى خارەكتېرى ، يەنى ھاياتنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ئىنساننىڭ تويماس خارەكتېرى مەركەزلىك، جانىلق ، قايىل قىلارلىق ھەم ئىخچام ئىپادىلەنگەن .

«ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئسىتېرېئولۇق تەپەككۇر بىلەن ئوبراز ياراتقان بولغاچقا ، ئوقۇغان كىشىدە ئويلىنىش پەيدا قىلىدۇ . ئۇ شېئىرلىرىدا ھاياتتىكى مۇرەككەپ ئېلېمېنىتلارنى ، ئادەم بولماقنىڭ ناھايتتى تەس ئىكەنلىكنى ، تېراگېدىيەلىك قاراشلارنى بايان قىلغان »‹ئىمىن ئەھمىدنىڭ قارشى›.

«شۇنداق دېيىشكە بولدۇكى ، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى بىھۇدە ، ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كېتىپ بارغان بۇ جەرياندا ئۇلار ۋاقىتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكنى ھېس قىلماسلىق مۇمكىن . ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھاياتنىڭ ئاخىرقى چېكىنى بايقاپ قالسا ، ئۇ چاغدا قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ بارلىقنى ،دۇنيا ۋە تەكرارلانماس ھەر بىر دەقىقىنىڭ قىممەتلىك ، گۈزەل ئىكەنلىكنى يۈرىكى بىلەن ھېس قىلىدۇ ...ئىنسان ھاياتى كۆپىنچە پۇشايمان بىلەن تولغان بولىدۇ . ھەر كىم مۇراد ئىستەيدۇ»«بۇغدا ئابدۇللا .«مۇختار بۇغرا شېئىرلىرىدىكى ھالقىش »، «بەشىنچى پەسىل »‹5-6بەتلەر ›ئۇ ھايات ھەققىدە نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىنسان قەلبىدىكى خۇنۈكلۈك ، ياخشىلىق ، مىللەت ئىچىدىكى بەزىبىر ئىللەتلەرنى دادىللىق بىلەن يېڭى ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا چىقاردى .

ئېگىز ئۆسكەن تېرەكمۇ ، خالىي بولماس پۇتاقتىن ،

تۇغۇلسىكەن مىللىتىم ، پەقەت بىرلا قورساقتىن .

«ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق »ناملىق ناخشىنىڭ ئاخىرقى كۈپلېتىدىكى ئەنئەنىۋى قوشاق شەكىلدە يېزىلغان بۇ مىسرالاردىن بىز تەنقىد ، تەسەللىي ۋە ئۈمىد يۇغۇرۇلغان سەمىمىي ئارزۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز ، «ھايۋانلارنىڭ ئىشلىرى »،«بىپەرۋا كۆزلەرگە »،«قېيىداش»،«شېئىرىي پاجىئە»، «ھۈنىرىم »،«ئەۋلىيا دوستۇم ،«ئىت مىجەزىلەر »،«ساختا ئاداش » قاتارلىق شېئىرلاردا ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىدىكى بەزى دېتاللاردىنمۇ يۇرۇقلۇق ئىزدىگەن . مۇئەييەن كۆلەمدە يۇرتۋازلىق ، گورۇھۋازلىق ، ھەسەتخورلۇق ، ۋاپاسىزلىق ، پىتنە –پاسات ، غەيۋەت-ئاھانەت يامراپ تۇرغان جەمئىيتىمىزدىكى مەلۇم يىرگىنچىلىك كۆرۈنۈشلەرنى دىققەت نەزىرىدىن ساقىت قىلماي ، ئۆزىنىڭ خەلق ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان . ھەر قاچان ماختاشلارغا كۆنۈپ قالغان بىر قىسىم ئەتىۋارلىقلىرىمىزنىڭ زەربە بېرىشلىرىگىمۇ ، يېڭى پىكىرلەرنى دەماللىققا چۈشنىپ يېتەلمەيدىغان بىر قىسىم نادانلىرىمىزنىڭ ئەيىبلەشلىرىگىمۇ پىسەنىت قىلماي ئۆز-پىكىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان .‹ياسىن مۇخبۇلنىڭ قارشى ›

ئۇ خۇددى بوۋاق سۆيگۈگە ئىنتىزار بولغاندەك ھاياتنىڭ ھامان سۆيگۈنى قوبۇل قىلدىغانلىقىغا ئىشنىپ كەلدى . شۇڭا ئۇ شېئىر ئارقىلىق سۆيگۈ ۋە مېھىرىنى كۈيلەپ ئۇنىڭ ئارمانلىرى شۇ قەدەر ساددا ،شۇ قەدەر تاتلىق ۋە ئۈمىدۋاركى ، ئۇ سۆيگۈ-مېھىرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن بەشىنچى پەسىلنىڭ قۇچاق ئاچدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمىدى .ئۇنىڭ كىشلەرنى مېھىر-سۆيگۈگە چاقىرىپ، ئۇنى چىن مەنىسىدىن كۈيلەپ يازغان مىسرالىرى «مېھىر-شەپقەت »،«مەدەتكار دوستلۇق »،«قېرىنداش بىز»،«دوستۇمغا»«كەل مۇھەببەت »،«دوستلۇق يۇلتۇزى »،«ئاق يول»،«تىلەك».«قاناتلىق ناخشا »،«ۋاپا»،«دوستلار»،«سوۋغات»،«ئەركەم»،«ئايەم خاسىيىتى»،«ئۈمىدگۈلى»،«ئىناق ئائىلە»قاتارلىق تېمىلاردا روياپقا چىقتى . تۆۋەندىكى مىسرالاردىن قەلبىمىز ئىللىماي قالمايدۇ:

ئىشقىڭ بىلەن دوستۇم گۈلخانغا ئايلاندىم ،

رىشتىڭ بىلەن دوستۇم گۈلخانغا ئايلاندىم ،

يالغۇز شاخ ئىدىم گويا بوستانغا ئايلاندىم ،

‹ «دوستۇمغا»،ئادىلە ئابلىز ئورۇنلىغان ›

«قىزارتىپ يۈزۈڭنى ، نان ياقساڭ قۇياشقا ....

يېسەم توقاچنى ، يەيسەن قۇياشنى ».

«يېغىپلا تۇرسا مېھىر يامغۇرى ،

يۈرىكى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس ،

ئىنسانىي سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك ،

قايسىبىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس»

 

 

«نەغمە بولسىلا ئېچىلماس كىشى

توقلۇق بولمىسا مېھىر شەپقەتتىن.

تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوستۇم،

دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن...»

 

-‹ «مېھىر-شەپقەت» ›

 

«قوچقار سويدۇق قىلىپ قۇربانلىق ، قېرىنداشلارغا تىلەپ] ئامانلىق »،‹ھېيىت ناخشىسى ›،«ساڭا مەدەت تىلەپ ھەر زامان »،«دوستۇڭ يۈرەر يۈرىكى پارە »،‹مەدەتكار دوستلۇق›«تەنگە سىڭەر تەڭ كۆرگەن شادلىق»،‹ئاق يول›،«تىلەيمەن ھەرگىز ، كۆرمىگىن كۈلپەت ، كۈلكىدىن سۆيگۈ ئاچىدۇ چېچەك »،‹تىلەك ›،«جاننى جانغا ئۇلايلى دوستلار ، ئەقىل بىلەن كۈلەيلى دوستلار »،‹شېرىن چۈش ›،«بىرتال گۈل سورىساڭ بىر قۇچاق بېرەي »،‹سوۋغات ›...

 

 

 

 


«شېئىر ۋە مۇزىكا مېنىڭ بىرجۈپ قانىتىم !»

 

مەن بۇ يازمىدا ئۇنىڭ ئاھاڭ ئىشلەنگەن شېئىرلىرىنى كۆپ تىلغا ئالدىم . ئەمما بۇ يەردە مەن شېئىر ناخشا تېكىستى ئەمەس ، ناخشا تېكىستىمۇ شېئىردىن پەرقلىندۇ ، دېگەندەك قاتمال قاراش نۇقتىسىدىن بۇنداق قىلغىنىم يوق . مېنىڭچە ، شېئىر دېگەن شېئىر . ناخشا تېكىستىمۇ شېئىر ، ھەم شېئىر بولۇشى كېرەك .ئەمما ھازىرقى ناخشا تېكىسىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى شېئىر دېگلى بولمايدۇ . شۇنداق، شېئىر ئەمەس ناخشا تېكىستىلىرىنى ناخشا قىلىۋالغانلارمۇ بۇ نۇقتىنى بىلگەچكە «سۆزى پالانچىنىڭ »دەپ ئېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . بىراق ، ئېسىل شېئىرلار ئىشلىتىلگەن ناخشىلارغا «سۆزى»دەپ يېزىلسا ، بۇ ھال ئادەمنى بىئارام قىلماي قالمايدۇ .

\ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس مۇزىكىسى بار . بۇ مۇزىكىنى يا كەچتە يالغۇز يول يۈرگەندە غىڭشىيسەن ، يا چۈشۈڭدە ئاڭلايسەن ، ياكى بىر يەردىن ئەكىس ساداسى كەلگەندەك بولىدۇ . بۇ مۇزىكا تەن بىلەن روھنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسە بولۇپ ، بۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى تۇيغۇ . ئەگەر مۇشۇ مۇزىكاڭنى تۇتۇۋالساڭ ياخشى بىر مۇزىكىنى يېزىپ چىقالايسەن . بۇ مۇزىكا چۇقۇم ئادەمنى ھاياجانغا سالالايدىغان ھەقىقىي ئەسەر بولۇپ قالىدۇ .چۈنكى مەن بەشىنچى پەسىلگە ئىنتىلمەن . بۇ بەلكىم ياراشقاندۇ ياكى ياراشمىغاندۇ . ھەر كىمنىڭ قارىشى ،تۇيغۇسىدىكى مەسىلە。.ئەمدى ئۇنى مۇزىكا دەپ ئاتاپ، ، مەنبەسىنى ئىزدىسەڭ، بۇ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ روھىدىن، مۇھەببىتىدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا تارقىلىپ كەلگەن . بۇ مۇزىكىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىسىملىرى بار . يەنى، ئاھاڭ ، ھېسسىيات، شېئىر سۆيگۈ ، سەۋدا ، تەسەۋۋۇر دېگەندەك.

شېئىرنى يازىمەن دەپلا يازغىلى بولمايدۇ . شېئىر ئۆزى يېتىپ كېلىدۇ . ئۇ كەلگەندە مېنىڭ كۆز-ئالدىمغا چەكسىز كەتكەن مۇزىكزارلىق كېلىدۇ. توختىماي تېپىرلاۋاتقان يۈرەك تۇيغۇنىڭ يېتەكلىشىدە ئۇ مۇزىكزارلىقنىڭ مەلۇم قىسمىدا ، يەنى تۇيغۇنىڭ يېتەكلىگەن مەنزىلىدە روياپقا چىقىدۇ . بولاردىن مۇزىكىزارلىق پەيدا بولىدۇ

سەنئەت ئەسىرنىڭ قىممىتنىڭ چەكسىز بولۇشى ئۇنىڭ ھەر كىمگە ھەرخىل بەدىئىي زوق بېرەلگەنلىكىدە . مەن نۇرغۇن شېئىرلىرىمنىڭ مۇزىكىسنى ئىشلىۋېتىشىم مۇمكىن . كومپوزىتورلارشائىر ، مەنمۇ بەلكىم مۇزىكانت . ھېكىم ھەسەن ، ياسىن مۇخبۇل ، ئابلاق ئاۋامىسلىملار بىلەن شۇنداق ھەمكارلىشىپ كەلگەنمەن . دېمەك ھەممىلا ئادەمدە بار ھېلقى تۇيغۇنى ئىپادىلىيەلىگەنلەر ئىجادكار بولغىنىدەك ، بەزىلەر .ئۆزپېتى ساقلاپ قېلشى مۇمكىن . ئىجادىيەتتىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەملەرنى خەلىقمىز «ئىشقى يوق ئېشەك ، دەردى يوق كېسەك »دەپ ئاتاپ كەلدى. ئەمدى شېئىرغا كەلسەك ، مېنىڭ شېئىرلىرىمدا چۇقۇم بىر خىل قوپاللىق بار . كۈي شېئىرلىرىمدا بىر خىل نەپىسلىك بار . بۇلار ئۇلارنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. مەن ھېلقى تۇيغۇنى شېئىرىي قان دەپ ئاتىدىم . ئادەمدە O,AB,B,Aقانلاردىن باشقا شېئىرىي قانمۇ بولۇشى كېرەك . مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ، مۇزىكىزارلىقنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق يېرى ،ئوتتۇرسىغا قاراپ ئىلگىرلەپ ، ئىچكىرلەپ كىرىش ،گۈزەللىكنى ئاشۇرۇش دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . يېزىپ بۇلۇنغان ئاھاڭغا كۈي شېئىرى يازغاندىچۇ؟بۇ چاغدا چۇقۇم مۇزىكىنىڭ قىممىتنى ئاشۇردىغان ھەم ماسلىشىدىغان كۈي شېئىرى يېزىش كېرەك . مۇزىكىدىكى ھېسىياتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ . دېمەك ، شېئىرلىرىم مېنىڭ ئۆزلۈكۈم ، شۇنداقلا شېئىر ۋە مۇزىكا مىنىڭ بىر جۇپ قانىتىم !-دەيدۇ شائىر .

 

 

مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالىسىغا

 

-«كىچىك بالا ئەمەسمەن »

 

ئۇ ئۇ بالىلار ئۈچۈنمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەرنى قىلدى . ئۇنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان «كىچىك بالا ئەمەسمەن »،«يىغلاڭغۇ بالا»،«ئانام ھۆرمىتى»،«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم »،«چۆچەك ئائىلىسى »،«بالا بولماق تەس»،«ئاناسۆيگۈسى»،«كىم كېرەك»،«باھارغا سۆز»قاتارلىق كۈي –شېئىرلىرىدا بالىلارنىڭ تۇيغۇسى ، قەلبى ئىنچىكە ھەم روشەن يورۇتۇلغان . ئەڭ مۇھىمى ئۇ، باشقا شائىرلارغا ئوخشاش بالىلارنىڭ يۇقىرىقى جەھەتلەردىكى ئالاھىدىىكلىرىنى ئۆزگىچە يوسۇندا يۇرۇتۇپلا قالماي ، بالىلاردىن زوق ئۈمىدلەرنى كۈتكەن. بۇنى بېشارەتلىك ھالدا ئاتا-ئانىلار ، مۇئەللىملەر ۋە باللارغا يۈكلەپ تۇرۇپ ئۆزئارزۇ –ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان .

مەسلەن:«ئانام ھۆرمىتى»دە، بالنىڭ ئانىسى تىكىپ بەرگەن چىمەن دوپپىنى كىيىپ چەكسىز خوشاللانغان ھەمدە ئانغا ھۆرمىتى قوزغالغانلىقى يېزىلغان ، بۇ ھال ئاندا سۆيۈنۈش پەيدا قىلمامدۇ ؟«ئانا قوزام دېمىگىن »دە ،«بىر چىرايلىق ئىسىم بار ، پاقلان قوزام دېمىگىن ، ئادەم بولاي مەن ياراملىق ، ئانا ، شۇنى تىلگىن »دەپ يېزىلغان بۇ ھال ئاندا قايىللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلمامدۇ ؟«چۆچەك ئائىلىسى » دە، «كەلمەي تۇرغىن غېرىب-سەنەم ، كەل ئاڭلايلى بىز جەڭنامە »دەپ يېزىلغان . بۇ ھال بىزدە ئويلىنىش پەيدا قىلمامدۇ ؟«كىم كېرەك»تە«بىزلەرنى باغاشلىغان، پەپىلەپ ھاپاشلىغان ، گۈزەل تاڭغا باشلىغان جان-ئاتا-ئانا كېرەك!»دەپ يېزىلغان. بۇ ھال بىزدە مېھىر-مۇھەببەت پەيدا قىلمامدۇ؟«دېمە، مېنى بىر بالا»دا، ئەنسىرەيسەم مېنىڭدىن بولارمۇ دەپ كېرەكلىك ، مانا ئەتە جانا ئاتا ، بولمەن سەن دېمەتلىك دەپ يېزىلغان .بۇ ھال بىزدە ئۈمىد پەيدا قىلمامدۇ ؟...بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلار تىلدىن يېزىلغان . ئۇ يەنە چوڭلارنىڭ تىلدىن،ئەۋلاتلاردىن ئۈمىد ، ئىقبال كۈتۈپ «ئوغلۇم»،«ئەتىۋار بالام »،«دادام بالام»،«ئالتۇن بالىلار »،«ئانائارزۇسى»قاتارلىق شېئىرلارنى يازدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ تېمىدا ھەم مۇشۇنداق بالىلار تىلدىن ۋە چوڭلار تىلدىن باشقىلار يازمىغان نۇقتىلاردىن يازدى؟بۇنىڭ جاۋابى :«مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالسىغا !»بۇ گەپ قارىماققا نۇقۇل ئاتا-بالىلق مۇناسىۋەتتە كۆرۈندۇ. بىراق بۇنىڭ كەينىدە چوڭقۇر ماھىيەت بار.

مېنىڭچە بۇ ماقالىدا دېيىلگىنى ئاتا-ئانا بالىسىغا كۆيۈنۈشنى بىلشى كېرەك ھەمدە بالسىغا ئۆز-بالىسىغا كۆيۈنۈشنى ئۆگتىشى كېرەك . بۇ يەردىكى «كۆيۈنۈش »نىڭ مەنە دائىرىسى كەڭ ، ئەلۋەتتە . بالىلارچە ئوينىسۇن ، بالىلارچە تەسەۋۋۇر قىلسۇن ، بالىلارچە سوئال سورىسۇن ، بالىلارچە نىدا قىلسۇن ،ئۆز-يېشى بىلەن تەڭ چوڭ بولسۇن ، چوڭ بولغاندابالىسىغا كۆيۈنۈشنى بىلسۇن ! مانا شۇندىلا ئەۋلادلىرىمىز ئوبدان يېتىلدۇ.

 


 

 
رېژسسورلۇق -سىرتماق
 
نورۇز – تۇركىي ، پارىسىي مىللەتلىرىنىڭ تارىخى تولمۇ ئۇزاق ئەنئەنۋى بايرىمى . بۇ بايرامنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ئېكرانلاشتۇرلۇشىدا مۇناسىۋەتلىك سەنئەتكارلار ، تېلېۋىزىيە خادىملىرىنىڭ تۆھپىسى كۆپ . شۇنداقلا بۇنىڭغا ئۇنىڭمۇ كۆپ ئەجىرى –تەرى سىڭگەن . 1990-يىللاردىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىشلەنگەن نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكلىرى ئاز ئەمەس . ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ بەدىئىي فىلىملىرىدىمۇ نورۇزغا ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىلگەن . ئۇنىڭ نورۇزغا بولغان ئالاھىدە مۇھەببىتنىڭ تەسىردىنمىكىن، ئۇنىڭغا نورۇزلۇق فىلىملەر نى ئىشلەش كۆپ نېسىپ بولدى ھەم ئۇ ئىشلىگەن فىلىملەر تېخىمۇ ئالقىشلاندى . رىژسسورلۇققا باغلىنىپ قالغانلىقى توغرسىدا مۇنداق دەيدۇ:
 
بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بولىدۇ . بىر رەسسام چىن مەنىسدىن شائىر بولالمايدىكەن ، مېنىڭچە ، ئۇنى ھەقىقىي رەسسام دېگلى بولمايدۇ . بىر كومپوزىتور ئۆز- نۆۋىتىدە رەسسام بولالمايدىكەن ئۇنىمۇ ھەقىقىي كومپوزىتور دېگلى بولمايدۇ . شائىر ئىنسان تىلنىڭ جارچىسى . چۈنكى سەنئەتنىڭ ھەممە تۈرى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ . مەن بىر شائىر بولۇش سۈپتىم بىلەن سەنئەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز-ئىچىگە مۇجەسسەملەنگەن رېژسسورلۇققا باغلاندىم . مېنى باغلىغان شۇ ئارقان ھەر سېكۇنت، ھەر دەقىقىدە مېنى قىيناپ كېلۋاتىدۇ. باشقا رېژسسورلار جاپا تارتىپ كۆپ ئىزدىنىپ بۇ فىلىمنى ئىشلەپ خەلقىمگە سۇندۇم ، دەپ خوشال بولۇپ ماختانسا ، مېنى باغلىغان ئارقان ئەكىسچە مېنى قىينىماقتا . بۇ ئارقان مەن ئۈچۈن دارغا ياكى سىرتماققا ئايلىنشى مۇمكىن . چۈنكى سەنئەت يولى- ئارمان يولىدۇر.
 
 
مەن بىر ئادەم ،يەنە كىلىپ بەدىئىي ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەلمىساقتىن تارتىپ ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلۋاتقان سەنئەتنىڭ بىر دىۋانىسىگە ئايلىنشى لايىق تاپتىم. رېژسسورلۇقتا نورۇزغا ، يېڭى كۈنگە يۈزلەندىم . مەشرەپكە يۈزلەندىم . نورۇزمۇ ، مەشرەپمۇ ،مۇقاممۇ مۇشۇ بەدئىي مىللەتنىڭ ئوغۇز نامىسى ، بۇغرا نامىسى ، مۇزىكنامىسدۇر .
 
 
مۇقام ئەسلىدىنلا ئاڭلاش سەنئىتى .ئاڭلاش سەنئىتنى كۆرۈش سەنئىتىگە ئايلاندۇرۇش – بىر رېژسسورنىڭ قابىليىتىگە باغلىق ئىش .«ئىراق مۇقامىدا توغراقنىڭ كۈيىنى ، يۇلغۇننىڭ پىچىرلىشىشنى ، دولان راۋابىنى، قۇملۇقنىڭ ئىڭرىشىنى، ئانا تارىمنىڭ ئەللەي ناخشىسنى، تەبىئەتنىڭ يۈرەك سۆزىنى بىر يىپقا باغلىدىم، جۇغلىدىم . ئېكراننىڭ ، جاھاننامىنىڭ كۆزىگە مۇجەسسەملەشكە تىرىشتىم . ھەزرىتى ئەلشىر نەۋائىي ، سەككاكى ، شاھ مەشرەپنىڭ ئىزىنى ھىدلاپ ، ئۇلارنىڭ شېئىرىغلا ئەمەس ، مۇزىكىسغا قۇلاق سالدىم . زومچەك- زومچەك قەبرىلەر ئاستىدىكى ئاتا-ئاغۇنلىرىمىزنىڭ ئات تۇيۇقىدقن چىققان ساداسىنى ، ئېكران تىلى ئارقىلىق ،ئەرلىرىمىز ئاۋۇپ ،ئەركەكلىرىمىز ئازىيىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ زامانغا باغلاشقا تىرىشتىم ....».مېنىڭچە ئۇ «ئىراق» مۇقامىغا كىرىشكەندە قىز-يىگىت غېرىب- سەنەملەرگە ئوخشىمغان ھالدىكى ئاشىق- مەشۇقلارنى چاھار باغلاردا قوغلاشتۇرۇپ ئەمەس، باشقا چوڭقۇر ماھىيەتلەرنى،توپا تىقىلغان كۆزلەرنىڭ قارىچۇقىدا ساقىلنىپ قالغان ئارمانلارنى ، مۇھەببەتنىڭ قانلىق چېھىرىنى، ئۇ چېھىردە قاتقان تەبەسسۇمنى ،ئەۋلادقا قىسسە سۆزلەۋاتقان بوۋاينىڭ ئاچچىق ئاھى قاتارلىقلارنى مۇقامىغا باغلاپ ھەر بىر يۈرەككە ئويلىنىش ، شېرىن ئازاب بەخىش ئېتىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك . شۇڭا ئۇ ئىراق مۇقامىغا ۋەقەلىك ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئېسىل رومان -«يېگانە ئارال »نى تاللىغان ھەمدە سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارغا :«بىزگە 12-مۇقام ، يەنى مۇقامنىڭ ئاخىرقىسى تەقسىم قىلنىپتۇ ، بىز كۈچەپ بۇنى بىرىچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۋېتەيلى !»دېيەلىگەن ھەم بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالغان . 
ھەممە مۇقامدا سۆزلىگىنى «غېرىب –سەنەم »ياكى شۇ تۈردىكى ئاشىق-مەشۇقلار ؛ۋە مۇھەببەت غەزەللىرى . ئەمما شۇنى تۇنۇش كېرەككى ، مۇقاملارنىڭ تېكىستىلىرىدىكى ھەممە مۇھەببەت مىسرالىرى نۇقۇل يار ،ئىشىق- مۇھەببەت ، ھىجران تېمىسىدىكى مىسرالارلا ئەمەس ، ئۇ مىسرالاردا چوڭقۇر مەزمۇن ، ئىلاھى ۋە سىموۋۇللۇق تېمىلا كۆپ . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ ئىراق مۇقامىنى مۇھەببەت فىلىملا قىلىپ قويمىغان. بۇ مۇقامدىكى مەزمۇن تولمۇ تېرەن . بىزگە :«غېرىب-سەنەم »مۇ كېرەك قەھرىمانلار قىسسەسى تېخىمۇ كېرەك .
 
 
 
گۈزەل دەيمەن
 
ئۇ كېندىك قېنى تۈكۈلگەن دىيارىنى گۈزەل دېدى. گۈزەل قىلغىننى ئەمگەكچى خەلقنىڭ تەرى دېدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىمۇ دىيارنىڭ كۈيلىرى ئۈچۈن «تەرى » نى تۆكتى .ئەجىرقىلدى . ئۇ دەسلەپتە «ئاتۇس سەيلىسى » ،«ئاتۇشتا نورۇز»،ئاقتۇ تاغ مەشرىپى»،«باراۋەت مەشرىپى»،«ئاتۇش ناخشىلىرىدىن 100تاللانما MTV»لار ئۈچۈن مېھنەت قىلغان بولسا ، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە «ئاتۇش ناخشىلىرىنىڭ شېئىرىي مەزمۇنى ، قۇرۇلمىسى ئۈستىدىمۇ ئەمگەك قىلدى . ئاتۇش ناخشىلىرى ئاھاڭ جەھەتتىن سىرتىدىن قارىسا تولمۇ شوخ، يەڭگىل ، ئەمما ئىچىگە كىرسە مۇڭلۇق ھەم غەمناك . شېئىر جەھەتتە ئاددىي ، ئەمما مەزمۇندار ، تىل، چوڭقۇر پىكىرلەردىن تەشكىل تاپقان . يەنەبىر جەھەتتىن قارىغاندا ئاتۇش ناخشىلىرىدا مەردانىلىك ، قەيسەرلىك بار . چەكسىز ئازاب، يۈرەكنى ئەزگۈدەك بەدىئىي تېراگېدىك ھېسلار بار . بۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ خارەكتېرى بىلەن يىلتىزداش ، قەيسەرلىك، تەۋەككۇلچىلىك ، يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتلىرى ، جۇشقۇن روھ، مەردانىلىك قاتارلىقلار ئاتۇش كىشلىرىنىڭ روھىدا ، ئاتۇش ناخشىلىرىنىڭ تومۇرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان»دەيدۇ ئۇ.ئاتۇش ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭى ، شېئىرى بىزنىڭ بۇ ئىجادكارغا پۈتمەس-تۈگمەس ئىلھام ۋە جاسارەتلەرنى ، ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئاتا قىلغان . شۇڭا ئۇمۇ ئۆز- نۆۋىتىدە ئاتۇش ناخشىلىرى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈردى ، تېكىستىلەرنى يېڭىلاپ رەتلىدى . ئىجادىي شېئىرلارنى يېزىپ سەپلىدى نەتىجىدە «ئەلانۇرخان»ناملىق ناخشا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى ھەققىدىكى يىرىك كۈيگە ئايلىنىپ كەتتى :«دادام كارۋان، ئانام قونخان»نىڭ شېئىرى تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە جەلىپكار بولدى .«دوسىت خېنىم »دىن «يېڭى دوست خېنىم »مەيدانغا كەلدى ، ھەم «بىر پەدە»،«ئىككى پەدە»،«پەش پەدە»لەر ۋۇجۇدقا چىقتى . ئۇ يەنە يېڭى ناخشىچلارنى تەربىيەلىدى ، قاتارغا قوشتى ، ھەتتا چاقناتتى . چۈنكى ،ئۇ ئۆز-يۇرتىنى ، يۇرتىنىڭ كۈيلىرىنى ، ئادەملىرىنى ، ئادەملىرىنىڭ خارەكتېرىنى بەكرەك چۈشىندۇ ، بىلىدۇ. باشقىمىزمۇ ئاۋۋال ئۆز-يۇرتمىزنىڭ غېمىنى يەپ باقايلى ، يۇرتلىرىمىزنى ھەقىقىي مەنىسىدىن كۈيلەپ باقايلى ، بولمايدىغان يەرلىرىنى ئوڭشاپ باقايلى . شۇ چاغدىلا ناخشىلارلا ئەمەس ،ئادەملەرمۇ ، يۇرتمۇ تۈزىلىدۇ . شۇ چاغدىلا ھەممە يۇرتلارنى ھەم يۇرتىمىزنى «گۈزەل دىيەلەيمىز!»

 

«بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ‹بازار›، ‹مۇزىكىزار ›،‹ئارتۇچزار›ناملىق .ئۈچ شېئىر –داستانلار توپلىمىنى نەشىردىن چىقارماقچى ، شۇڭا بازاردا ، مۇزىكىزارلىقتا ئارتۇچزارلىقتا كۆرۈشەيلى»دېدى ئۇ .«ئادەمنىڭ سۈكۈتتىكى تۇرۇۋالغان ۋاقتى بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقرىش مەقسىتىدىكى تەييارلىق ۋاقتىدۇر . خۇددى يىلان تۈرۈۋېلىپ تۇرۇپ، بىرلا ئېتىلىپ چىقىپ ئوۋقىلغاندەك . بەكمۇ جىمىپ كەتكەنىدىڭىز ، ئەمدى كىتابىڭىز چىقسا ،بۇ تولمۇ ياخشى بولغۇدەك»دېدىم مەن.

-«رەھمەت»،-دېدى، مۇختار بۇغرا

 ئاۋاتلىغى : 782  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2012-2-4 12:49:19 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682