2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى مەدەنىيەت بوستانى پىروگىراممىسىدا <<يېڭى يىلدىكى كونا يېڭى پاراڭلار>> تىمىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بىرىلدى . سۆھبەتكە قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇربانجان روزى شەيدائىي ۋە باشقا كەسىپتىكى 2 نەپەر داڭلىق شەخىسلەر قاتناشقان بولۇپ ، ئۇلار ئاساسلىقى 2010 - يىلى ئۆز كەسپى دائىرىسىدە كۆرنەرلىك نەتىجە قازانغان . سۆھبەتتە خەتتات شەيدائىنىڭ 2010 - يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجخلىرى ، تا ھازىرغا قەدەر 8 قىتىم كۆرگەزمە ئىچىپ 4 قىتىم يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى ، قايسى ، نىمە سەۋەبتىن، قانداق ئىلھام تۈپەيلى <<قۇتادغۇبىلىك>> تىن ئىبارەت بۈيۈك ئەسەرنى قوليازما قىلىشنى ئويلاپ قالغانلىقى ، 2010 - يىلىدىكى ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىك ... قاتارلىق تىمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى . بۇ قىتىملىق سۆھبەت 2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 -كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا شىنجاڭ تېلېۋىزيە ئىستانسس 5 - قانالدا تېلېۋىزۇردا قويۇلماقچى . |