ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى
تۈزگۈچىلەر: غەيرەتجان ئوسمان، ئەشرەپ ئابدۇللاھ
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك»
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (20 / 1019 – 6 / 1085) قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسى (؟850 – 1212) دا ئۆتكەن مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپ ، بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، قەشقەردە ياشاپ ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان . يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانى 1069 – 1070 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان . 85 باب ، 290 ،13 مىسرا . «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، كۆپ دەۋرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىجتىھات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت دۇردانىسى . ئۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاۋاسىدا ، مەركەزلىك ھەم كونكرېت ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان ئورنىنى تىكلىگەن .
مەيلى ئىدىيىۋى مەزمۇن ، مەيلى بەدىئىي شەكىلدىن قارىغاندا ، «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىقى قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئومۇمەن ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قارشى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلغان . «قۇتادغۇبىلىك»تە ئادالەت گەۋدە قىلىنغان باراۋەر ، ئىناق ۋە خاتىرجەم غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن . خىسلەتلىك يېرى شۇكى ، مۇئەللىپ ئەسەردە مۇنداق غايىۋى جەمئىيەتنى سۈرەتلەش بىلەنلا قالماي ، يەنە بۇ غايىۋى جەمئىيەتكە بارىدىغان يول ئۈستىدە دادىل ئىزدەنگەن . بۇ يول قانۇن ، ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ئىبارەت . قانۇن — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان تېرەك . ئەخلاق — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە . بىلىم — قانۇننىڭ ئىشقا ئېشىشى ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ ئاساس .
داستان ۋەقەلىكى باشتىن – ئاخىر دېگۈدەك ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۆت پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە مۇنازىرىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، مۇئەللىپ مۇشۇنداق سۆزلىشىش ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان . جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تەبىقە ، گۇرۇڭلارنىڭ ئورنى ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى — ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىق رولىنى ئويناپ ، مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ چىققان . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شاھانە ئەسەر سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان . «قۇتادغۇبىلىك» تە مەركىزىي ئىدىيە مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش ئۈچۈن توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنتۇغدى ، ئايتولدى ، ئۆگدۈلمىش ، ئودغۇرمىش قاتارلىق تۆت نەپەر پېرسوناژ ئاساسىي ئوبراز بولۇپ ، ئۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي تەسۋىرلەر بېرىلگەن . كۈنتۇغدى قانۇن ، ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان . ئۇ بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ، ئىستېداتلىق ئادىل ھۆكۈمران ، «كىم ئەقىل – پاراسەتلىك بولسا ، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان» ، «ئەتراپىغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىدراكلىق ، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلانغان» ، «ئەلنى تۈزەپ ، ئوڭشاپ ن خەلقنى بېيىتقان ، ئۇنىڭ زامانىدا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچكەن» ئۇلۇغ شەخس سۈپىتىدە ئوقۇرمەن تەسەۋۋۇرىدا گەۋدىلىنىدۇ . |