ئايخان تۇردى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت تۆھپىكارلىرىمىز
سەنئەتكارلىرىمىز
خەتتاتلىق
رەسساملىق
كۆرگەزمە
 مەدەنىيەت ئۇچۇرى
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى  
   تەۋسىيە تېمىلار

 

شەيدائىي مەدەنى..
قەدىمدىن تارتىپ..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ..
مەھمۇد قەشقەرى ..
   ئاۋات تېمىلار

 

مۇھەممەتجان ساد..
دۇنياۋى داڭلىق ..
‹‹بىر كىتاپ-بىر..
مەھمۇدجان خوجا ..
ھاجى مۇختار خېل..
مەشھۇر ئالىم ئې..
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئايخان تۇردى

ئايخان تۇردى (1882-1942-يىلى ) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كىشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21-باشلانغۇچ مەكتەپ)،ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى »دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى _ دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر.
ئايخان ئانىنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى. كېيىن،ئايخان ئانا ئىنتايىن غېرىبسىنىپ قالغان. ئۇ جەمئىيەتتىكى كوچىدا قالغان بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنى بېقىۋېلىپ ئوقۇتۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. يولدىشى ۋە دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولىدۇ . 1934-يىلى ئۆزىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى قورۇسىدا يېتىم بالىلار مەكتىپى ئېچىپ ،ئۇنىڭغا «خەيرىيە » مەكتىپى دەپ ئىسىم قويىدۇ. كېيىن مەھەللىدىكى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان » مەكتىپى دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئەينى چاغدىكى فىئودال مۇستەبىت كۈچلەر ئىنتايىن جاھىل بولغاچقا، ئاياللارنىڭ مەكتەپ ئېچىشىغا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان. بەزى بايلار :« بۇ دۆت ئايال بىر توپ بالىلارنى بېقىۋېلىپ بىكاردىن-بىكار پۇل خەجلەۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشقان. ئەمما بۇلار ئايخان ئانىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىنى قىلچىمۇ تەۋرىتەلمىگەن.
   رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن« ئاپرېل سىياسىي ئۆزگۈرۈشى»نىڭ سىياسىي تەسىرىدە، ئايخان ئانىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان. ئەينى چاغدا مەكتەپتىكى يېتىم بالىلار 300 نەچچىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق كوپتا ۋە زىغزىق تۇتۇلغان بۇرۇلكا كىيگەچكە كوچىدا ماڭسا، ھەممەيلەن ئۇلارنى ئايخان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ بىلەتتى .
   ئايخان ئانا مەكتەپتىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭمۇ ھامىيسى بولغان. ئۇ بالىلارنى تەربىيىلەپلا قالماي، چوڭ بولۇپ قالغان بالىلارنى ئۆي ئوچاقلىق قىلىپ قويغان. شۇڭلاشقا، مەكتەپتىكى بالىلار ئۇنى « ئايخان ئانا » دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن، بەزى ئىلغار ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئاتىلار كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇرغۇن پەننىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان.
   1934-يىلدىن 1937-يىلىغىچە، ئەينى چاغدىكى « ئىلى دەريا » ژورنىلىنىڭ قوشۇمچە سانىدا «ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئايخان ئانا »، «خەيرىيە مەكتەپكە مەدھىيە »، « يېتىم بالىلارنىڭ ئانىسى ئايخان »، « ئۇيغۇر قىزى »، «ئايخان خانىم » قاتارلىق نۇرغۇن شېئىر ۋە ئوبزۇرلار ئېلان قىلىنىپ، ئايخان ئانىنىڭ مەرىپەت سۆيەر روھى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلەنگەن.

 ئاۋاتلىغى : 748  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-2-20 18:07:53 
 
 

  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682