
خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، 4-ئاينىڭ12-كۈنى،مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ،شىنجاڭ بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن.چوڭ لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاسىيا رايون سالاھىيەت مۇسابىقىسى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ3-كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا باشلاندى،رايونىمىز ماھىرى مەمەتتۇرسۇن. چوڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن فىلىپىن ،قىرغىزىستان ۋەئىران ماھىرلىرىنى يېڭىپ 69 كېلوگىراملار تۈرى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ،لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
مەمەتتۇرسۇن.چوڭ 1988-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان،كاندىدات پارتىيە ئەزاسى،ھازىرقى دۆلەتلىك مەشىق كوماندىسى ئەزاسى،دۆلەت دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرى،2006-يىلى دۆلەتكە ۋاكالىتەن بوكس دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ بەشىنچى بولغان ،11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان،2007-يىلى،2011-دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى،2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان،2011-يىلى ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.