جۇڭگو دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرى يېقىندا باشلىنىدۇ، بۇ كوماندىدا ئىككى ئەزا كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى بەكرەك تارتىدۇ، ئۇلار دەل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىن كەلگەن بارى (مىكرو بىلوگىنى كۆرۈڭ) بىلەن مىرئەخمەتجاندۇر، بۈگۈن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) بۇ ئىككى ئۇيغۈر توپچىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلدى.FIFA ئاۋال ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدى: بارى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدا ئاساسلىقى ئالدى مەيداندا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، مىرئەخمەتجان بولسا لۇنىڭ كوماندىسىدا مۇداپىئە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇلارنىڭ كولوبدىكى ئىپادىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك، بۇ ئىككى ئۇيغۇر توپچى جۇڭگو دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرىشىدەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号