7- چېسىلا كەچتە، جۇڭگو بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 5- ئايلانمىسىدا ماھىرىمىز بارى توپ تېپىۋاتقان خاڭجۇ لۈچېڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئانېلكا يېتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي شېڭخۇا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 1 دە 1 تەڭلىشىپ قالدى.
سۈرەتتە: بارى توپ كونترول قىلماقتا.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاڭجۇ كوماندىسى بارىنى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقاردى. شاڭخەي شېڭخۇا كوماندىسىدىكى ئانېلكا 8 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزدى.بىر مىنۇت ئۆتمەي خاڭجۇ كوماندىسى بولسا بارى ناھايىتى چىرايلىق تاشلىغان بىر پاسنى رىنادىنىئونىڭ ئەپچىللىك بىلەن كىرگۈزىشى بىلەن نەتىجىنى 1 دە 1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ماھىرىمىز بارىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىر قانچە قېتىم ياخشى ھۇجۇم پۇرسىتى ياراتتى.