ئافىغانىستانلىق قىزنىڭ ئولىمپىك چۈشى |


ئافغانىستان قىز تەنھەركەتچىسى بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە
20 ياشلىق ئافىغانىستانلىق قىز شەبنەم 16-يانۋار خەلق تورىنىڭ موخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا موخبىرغا:«مەن لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىنىپ بولدۇم،ئۆزۈمنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىدا ۋەتىنىم ئۈچۈن مىدال ئالالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل» دىدى.ئۇ ھازىر كابۇلدىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا بوكىس تۈرىدە تەربىيلىنىۋاتقان بولۇپ،ئەگەر ئۆزى ئافغانىستان قىز ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشالىسا چەكسىز ئىپتىخارلىق ھىس قىلدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
10يىلنىڭ ئالدىدىكى تالىبان دەۋرىدە ئافغانىستاندا قىز ئاياللارنىڭ تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قەتئى چەكلىنەتتى.بۇ ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايتى.تالىبان 1996-يىلى كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن،مەملىكەت زىمىنىنىڭ %90 گە ھۆكۈمىرانلىق قىلىشنى باشلىغان.ھەمدە ئىنتايىن قاتتىق دىنى سىياسەتنى يولغا قويۇپ،ئافغانىستاننىڭ ئىجدىمائى ئوبرازىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن.
تالىبان ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن،ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان،كۆپلىگەن ئافغان ئاياللىرى ئوقۇش،خىزمەت شارائىتىغا ئىرىشىپ،بارا-بارا ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان،ئەزەلدىن ئەرلەر شۇغۇللىنىپ كەلگەن تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن ئاياللارمۇ شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.شەبنەم بۇنىڭ تىپىك مىسالى،ھازىر شەبنەم بىلەن بىللە مەشىق ئافغانىستانلىق قىزلار 20 دىن ئارتۇق بولۇپ،ئۇلار تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىپ مەشىق قىلماقتا.مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە شەبنەمنىڭ ئاچىسى سادامۇ بوكسىيۇر مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ،ئۇ:«لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش مەن ئۈچۈن غايەت زور شەرەپ» دىدى.
ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن تالىبان دەۋرىدە ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ،ئىرانغا بىرىپ پاناھلانغان،4 يىلدىن بىرى ئۇلار ئىزچىل بوكسىيۇر مەشىقى قىلىپ كەلمەكتە،بىراق ئۇلار بەزى تۇغقانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.ھەتتا بەزىلەر تېلفۇندا ئۇلارغا تەھدىت سالغان.شەبنەمنىڭ ئىيتىشىچە،ناتونۇش بىر ئەر ئۇنىڭ دادىسىغا تېلفۇن بىرىپ،قىزىنىڭ داۋاملىق تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللانسا،ئىغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىغى توغرىسىدا تەھدىت سالغان،بىراق شەبنەمنىڭ دادىسى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ.شەبنەم بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن خەلقئارالىق قىز-ئاياللار بوكىس مۇسابىقىللىرىگە قاتنىشىپ،نۇرغۇن قىتىم موكاپاتلانغان بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ۋەتىنى ئۈچۈن قىممەتلىك مىدالنى چوقۇم ئالالايدىغانلىغىنى ئىيتتى.
تالىبان ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان،ئافغانىستاننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى زور نەتىجىلەرگە ئىرىشتى.2008-يىلدىكى بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدائافغانىستان ماھىرى تەيچۈانداۋ تۈرىنىڭ 58 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسىدە بىر دانە مىس مىدالغا ئىرىشىپ،ئافغانىستان تارىخدىكى تۇنجى ئولىمپىك مىدالىنى قولغا كەلتۈردى.ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئافغانىستان پالاق توپ كوماندىسى نىپالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا پالاق توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ،30 يىللىق مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ دۆلەتتە چوڭ داغدۇغا قوزغىدى.
شەبنەمنىڭ تېرىنىرى سابىر مۇنداق دىدى:«ئافغانىستاندا مەشىق مەيدان سارايلىرى ئەسلىھەلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئەنئەنىۋى قائىدە يوسۇنلارنىڭ يول قويماسلىغى ئاياللارنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغان قاتنىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ» .شەبنەم توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دىدى:«شەبنەم ئاچا-سىڭىللار ئافغانىستاندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى قىزلار بوكس ماھىرلىرى ھىساپلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-1-17 19:43:11 كۆرۈلۈشى : 1213 قېتىم] |
|