تېڭشۈن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈندىكى تەنتەربىيە خەۋىرى، 29 ياشقا كىرگەن كاكا ئىككىنچى بالىسىنى كۈتۈۋالغان ۋاقىتتا، مېستاللا 3 كە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ۋالېنكىيانى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىسىدە مېھمان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەزگىلىنى تاماملىغانىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس مۇسابىقە بولۇپ، برازىلىيە تەڭرىقۇتىنىڭ كىرگەن ئىككى توپقا چىقارغان ياردەمچى ھۇجۇمى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئەڭ ئۆلچەملىك جاۋابنى بەردى. ئەمما مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ تەبرىكلەشكە ئۈلگۈرمەيلا ئايروپىلان بىلەن برازىلىيىگە قايتتى. چۈنكى مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، كاكانىڭ ئىككىنچى بالىسى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانىدى.
بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدا كاكا ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن ۋاقتىدا كارولىنې ئۆزىگە بىر قىز تۇغۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. ئەمما يېقىندا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئىشلىرى كۆپىيىپ قالغانلىقتىن، ئۇ داۋاملىق بىرازىلىيەدە تۇرۇپ، ئايالىغا ھەمراھ بولالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن كاكا تۇغۇلماقچى بولغان بالىغا ئالدىن ئىسابېللا (Isabella) دېگەن ئىسىمنى بېكىتىپ قويغانىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقى 3.2Kg بولۇپ ئېگىزلىكى 48cm ئىكەن.
كاكا برازىلىيىگە قايتقاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئايالى يەڭگىگەن دوختۇرخانىغا كېلىشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كىچىك ئىسابېللانىڭ رەسىمى برازىلىيە دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇ رەسىملەرنىڭ ئۇنىڭ يالغۇز رەسىملىرىدىن باشقا يەنە بىر ئائىلىلىك كىشىلىرىنىڭ نەق مەيدان خاتىرە رەسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
كاكانىڭ ئوغلى لۇكا 2008-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، تېخى ئۈچ ياشقا توشمىغاچقا، ئۇ دوختۇرخانىغا كېلەلمىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كاكا ئائىلىسىنىڭ تۆت كىشىلىك خاتىرە رەسىمىگە شۇنچە ئىنتىزار بولغان، ئەمما بۇ يەنىلا بەلگىلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن ئىسابېللا تېخى كۆزىنى ئاچمىغان بولۇپ، ئۇ تېخىچە ئۆزىنىڭ بىر داڭلىق ئاتىسىنىڭ ۋە گۈزەل ئاپىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ.