ھىندونىزىيەدە كىچىك تىپلىق بىر ئايروپىلان نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
شىنخۇا تورى جاكارتا 8- ئاپرىل تېلىگىراممىسى: ھىندونىزىيە يەرلىك ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ كىچىك تىپلىق بىر يۇلۇچىلار ئايرۇپىلانى 8- ئاپرىل شەرقىي قىسىمدىكى پاپۇئا ئۆلكىسىدە قونۇۋاتقاندا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئادەم ئۆلۈپ، 4 ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، پاپۇئا ئۆلكىسى پۇنكات جايا ناھىيىسى مۇلىيا ئايرودرۇمىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن بىر كىشى قونۇۋاتقان بۇ ئايرۇپىلاننى ئوققا تۇتقان، كىيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. تاراتقۇلار مۇنداق خەۋەر بەرگەن: ۋەقە يۈز بەرگەندە ئايروپىلاندا ئايروپىلان خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەم بار ئىكەن، ئايرۇپىلان باشلىقى ۋە بىر ئۇچقۇچى يارىلانغانلىقتىن، ئايروپىلان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسىنىڭ يېنىدىكى بىر بىناغا سوقۇلغان، بىر يولۇچى بۇ ۋەقەدە قازا قىلغان.
ھىندۇنىزىيە ساقچى تەرەپ باياناتچىسى ئوسمان شىنخۇا ئاگىنتلىقى مۇخبىرىغا بەزىلەرنىڭ ئايرۇدرۇم ئەتراپىدىكى تاغقا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئايروپىلاننى ئوققا تۇتقانلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. شۇ جايدىكى ساقچىلار ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرى نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكەن.
ۋەقەدىن كىيىن بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇلىيا ئايرۇدرۇمى بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.