پاكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن ھىندىستان زۇڭلىسى چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولماقچى
يەر شارى تورى خەۋىرى: پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى 8- ئاپرىل ھىندىستانغا قىلغان بىر كۈنلۈك ”خۇسۇسىي زىيارىتى“ نى باشلىدى. ھىندىستان zeenews تور بېكىتىنىڭ 8- ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، زەردارى چۈشلۈك تاماقتا ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى بىلەن بىللە تاماقلانماقچى ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلار ئاشكارىلاپ مۇنداق دىگەن: زەردارىغا ئۇنىڭ 24 ياشلىق ئوغلى بىلاۋار ھەمراھ بولغان بولۇپ، بىلاۋار 19 يېشىدىلا پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
ھىندىستان 《 ئىقتىساد گېزىتى 》نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى، زەردارى زوڭتۇڭ جىلانى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى كايانى قاتارلىقلار بىلەن 7- ئاپرىل كەچتە ئۇچراشقان ھەمدە بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە كېڭەشكەن. زەردارىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى دىگەن.