
ئۇنېۋېرسال چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرى،ئەنگلىيە«مۇستەقىل گېزىتى» ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،رۇسىيەنىڭ گۈزەل ئايال جاسۇس ئەننا.چاپمەن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى ئەمەلدارىنى «ئۆزىگە قارىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى»ئېيىتقان.لېكىن قاراش ئامېرىكا فېدراتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىنكار قىلغان.
خەۋەردە دېيىشىچە،FBIنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىدىكى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فىرانك.فېلۇچ يېقىندا ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،FBIئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل چاپمەن تۇرۇشلۇق رۇسىيەدىكى جاسۇس شايكىلىرىنىڭ ھەرىكەت-پائالىيتىنى نازارەت قىلغانلىقى،ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبىنىڭ،ئۇلار بىر مەزگىل «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى ئەمەلدارىغا»ھەددىدىن زىيادە يېقىنلاشقانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان.
فېلۇچ ئېنىق قىلىپ قايسى رۇسىيە جاسۇسنىڭ قايسى ئامېرىكا يۇقىرى ئەمەلدارىغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيىتمىغان،لېكىن،ئايال جاسۇس چاپمەننى تىلغا ئالغاندا،فېلۇچ:«ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئەمەلدارى بىلەن مۇناسىۋىتى بارغانسىرى يېقىنلاپ باردى،ھەمدە ئۇنىڭ يېقىنلاشقان ئەمەلدارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرلاپ ماڭغانسىرى بىز بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدۇق»دېگەن.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،FBIنىڭ باياناتچىسى پاۋلو:بۇلېيسۇن ئامېرىكا «لىگاتۇرا»ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،فېلۇچنىڭ ھەقىقەتەن يۇقارقىلارنى بايان قىلغانلىقىنى،لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق «ھۆكۈم قىلىپ ياكى پۇرىتىپ»چاپمەن ياكى ئۇ تۇرۇشلۇق جاسۇس گۇرۇپپىسىدىكى مەلۇم جاسۇسنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئەمەلدارىنى «ئۆزىگە قارىتىش»قا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ئېيىتقان.
ئەمەلىيەتتە،لۇفېچ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا «ئۆزىگە قارىتىش»دېگەن سۆزنى ھەقىقەتەن تىلغا ئالمىغان،لېكىن ئۇ پەقەت ناھايىتى بىر تەنناز ئايال جاسۇسنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئەمەلدارىغا يەنە كېلىپ بارغانسىرى يۇقىرى مەنسەپلىك ئەمەلدارغا يېقىنلىشىشىقا»ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيىتقان.
بۇلېيسون ،ئاتالمىش رۇسىيە نازنىن جاسۇسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئەمەلدارىنى «ئۆزىگە قارىتىشقا»ئۇرۇنۇشى دېگەن بۇ گەپ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ لۇفېچنىڭ سۆزىنى «ئاشۇرۇپ چۈشەندۈرگەنلىكىدىندۇر» دېدى.
FBIنىڭ 2010-يىلى6-ئايدا چىقارغان دوكلاتىدا،چاپمەن تۇرۇشلۇق جاسۇس شايكىسى ئىچىدە،ھەقىقەتەن «بىر ئايال ئالاھىدە خادىم نىيويوركتىكى ناھايىتى داڭلىق تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچىغا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنغانلىقى»يېزىلغان،بۇ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچى نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئەمەلدارىنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكى يېزىلغان.ئەينى ۋاقىتتا جاكارلىغان بۇ ئايال ئالاھىدە خادىمنىڭ ئىسمى سىنىيا.موففې.چاپمەن ئىكەن.
بۇ ئايال ئالاھىدە خادىم ئىلگىرى يولدىشى رىچاردنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئۈچ نەپەر رۇسىيە جاسۇسى بىلەن ئامېرىكا يېڭى جېرسىي ئشىتاتىدا 15يىل تۇرغان،بۇ ئارىلىقتا ئىككى قىزىغا ئانا بولغان.رۇسىيەگە قايتۇرىۋىتىلگەندىن كېيىن،موففې ئامما ئالدىدا بارغانسىرى كۆرۈنمەيدىغان بولغان،لېكىن ئەننا.چاپمەن بۇنىڭ ئەكىسچە،ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ،يەنە تېخى زۇڭتۇڭ مېلدېۋېجنىڭ تارقاتقان مېدالىغا ئېرىشكەن.بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە تېخى تېلىۋىزور دىكتورلۇقى ھەم كىيىم-كېچەك مودېلى بولغان.

موففې