|
|
ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان بەش خىل تەدبىرى |

مەنبە: news.xinhuanet.com
1.ئوباما <پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغۇچى >
<پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغۇچى >بۇ بىر جۈملە سۆز 2011-يىلى رىئان.لىزانىڭ <نيويورۇك ئادىمى >ناملىق ژۇرنالدا يازغان بىر ماقالىسىدە زور مۇنازىرە پەيدا قىلغان . بۇ سۆز ئەڭ ئاۋۋال ئاق سارايدىكى مەلۇم بىر خىزمەتچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ بىر جۈملە سۆز ئوباما ھۆكمىتىنىڭ لىۋىيە خەلقئارالىق ھەرىكىتىگە بولغان سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن . بۇ زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان مۇئامىلىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەڭ مېغىزلىق سۆز ھېسابلىنىدۇ . ئوباما ھەقىقەتەن <پەردا ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغۇچى >بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنى بەلكى ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ياكى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالدا تۇرۇپ يۈرگۈزگەن بولۇشى مۇمكىن . يەنى :ئەگەر ۋاشىنگتون مىسىر ئىنقىلابىدا ئەڭ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرمىسا ،ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قانۇنلۇقلىقىدىن مەھرۇم قالىدۇ . مەسىلەن ،لىۋىيە ئىنقىلابىغا نىسبەتەن ، ياۋروپانىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىشى بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىدى . ئەمما ئامېرىكا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئانچە چوڭ پايدا -زىيان مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي قىسىم لىۋىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ھەربىي قىسمىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەت قوللىنىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك .ئۇنىڭ نەتىجىسى بولسا ، تېزلىك بىلەن قەبىھ مۇستەبىتنى ئۆرۈۋېتىپ ، تۆلىگەن بەدەل ئاز بولغان . ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىكى خەۋپتە قالغان پەيتتە ھەمدە ئامېرىكىنىڭ چارە -تەدبىر قوللىنىش ئىقتىدارى بار ۋاقىتتا ،ئوباما ئادەتتە ئىنتايىن كەسكىن ھەمدە ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىدۇ . <بازا>تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتۈپ كەتكەن 18ئاي ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق بولغان . ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى كۈچەيتىشى باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى خاتىرجەم قىلغان ،شۇنداقلا جۇڭگونى :ئامېرىكىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان .
2.ئوباما ئامېرىكىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك.
بۇ بىر جۈملە سۆز جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلام رىقابەتچىسىنىڭ تۇنجى سايلام مەزگىلىدە كۆپ تىلغا ئالغان ئەيىبلەش سۆزى .بۇ ئوبامانىڭ 2008-يىلىدىكى سايلام رىقابىتى مەزگىلىدىن كەلگەن باياندۇر . ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بايانى ئاڭلاشقا ئۇ ئىران ۋە چاۋشيەن رەھبىرىگە ئوخشاش ،ھەممىسى ئامېرىكا بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ، كىچىك بوشنىڭ سىياسىتىگە دۆڭگەپ قويماقچى بولغاندەك تۇيۇلغان . ئەيىبلەش پىكرىدە بولغۇچى يەنە زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ 2009-يىلى 6-ئايدا قاھىرەگە شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان بىر قېتىملىق نۇتۇق بايانىنى تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن كەچۈرۈم سورىشىنىڭ يەنە بىر مىسالى دېدى . گەرچە ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە خاتىرىسىدە يەنە مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نۇقتىلار بولسىمۇ لېكىن بۇنداق ئالاھىدە كۆز قاراش يەنىلا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ . گەرچە ئۇ قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن، باشقا سورۇنلاردا ،مەسىلەن ،2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوسلۇدا نوبېل مۇكاپاتى ۋە تىنچلىق مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەندە ،پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىگە ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى قوغداش ھەمدە قىلچە خىجىللىق ھېس قىلماي تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان . ئۇ قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خاتالىقلارنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ ، پەقەت ئامېرىكىدىن كەچۈرۈم سوراشنىلا مەقسەت قىلمىغان . بۇنداق كۆز -قاراش، نۇتۇقنىڭ ئاساسىي مەركىزى بولغان ئامېرىكا قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشتا بەكرەك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە .
3.ئوباما ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئورنىنى روشەن كۆتۈرگەن .
گەرچە ئۇ قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلىگەن بولسىمۇ ، ھىندونېزىيىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ ، ئىراقتىن ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشنى جاكارلىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئوباما داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىشى ،كىچىك زۇڭتۇڭ بوشنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدىكى ئەھۋاللار بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىگەن . بۇنداق ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ ، مەسىلەن ئامېرىكا كۇبادىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئەزەلدىن ئەتمىگەن ، ئادەمسىز ئايروپىلان ئىشلىتىپ <بازا >تەشكىلاتىنىڭ نىشانىنى بەربات قىلىش قاتارلىقلار . بۇنداق مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ يەنە باشقا سەۋەبلىرى بولسا ،ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيىگە بولغان سىياسىتىدە نۇقسان بارلىقىدۇر .بۇنداق سىياسەت ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىن يىراقلىشىش ئارقىلىق ،ئەرەب دۇنياسىغا يېقىنلىشىشىغا بېقىنغان . لېكىن ،ئەرەپلىكلەر ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ،ئىسرائىلىيىنى پايدىلىق بولغان يول قۇيۇشقا مەجبۇر قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان . ئەمما ،ئامېرىكا بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پەلەستىنگە دۆلەت قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق تەكلىپنى رەت قىلغان .
4.ئوباما كىچىك بوشنىڭ قارىمۇ -قارشى تەرىپى
بۇ نۇقتىنى كىم ئويلاپ يېتەلىگەن ؟ 2008-يىللىق سايلام رىقابىتىدە ئوباما گەرچە كىچىك بوشنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى مەسخىرە قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن ،بۇ ئىككىيلەننىڭ مەلۇم جەھەتلەردە ئانچە چوڭ بولمىغان پەرقى بار . ئالدى بىلەن ئوباما كىچىك بوش ھۆكمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گەييتىسنى ئېلىپ قالغان . بۇ يېڭى زۇڭتۇڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال.ئۇ يەنە گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى بايقىغان . سايلام رىقابىتى جەريانىدا 16ئاي ئىچىدە ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ، ئوباما ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئىراقتا يەنە داۋاملىق 3يىل تۇرغۇزۇپ ،ئاخىرىدا كىچىك بوشنىڭ ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۈزىگەن ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ئەسكەرلەرنى ئىراقتىن چېكىندۈرگەن. ئىران ۋە چاۋشيەن مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغاندىن كېيىن ،ئوباما ئۇلارغا بولغان جازا چارىسىنى قوللىنىپ ، كىچىك بوش بار ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك قاتتىق قول بولدى . جۇڭگو ۋە ھىندىستان مەسىلىسىدە ئۇ داۋاملىق ئىلگىرىكى بوش ھۆكمىتىنىڭ يېقىنلىشىش سىياسىتىنى قوللانغان .ئوباما گەرچە باشلىنىشتا كىچىك بوشنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە نىسبەتەن گۇمان نەزىرىدە بولغان بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە ئېلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى قوللىغان .
5.ئوباما ئىران يادرو مەسىلىسىدە چەتتە قاراپ تۇرۇش مۇئامىلىسىدە بولغان .
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بەزى زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى بۇنداق ئەيىبلەش ئوبامانىڭ ئىراقنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىزدەش خەلقئارا ئىتتىپاقىغا قارىتا تەشكىللىشىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان دەپ قارىغان .ئۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا قاراتقان قاتتىق جازالاش قارارىمۇ بار . لېكىن ئوبامۇ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان . گەرچە ئۇ <بارلىق لايىھە ئويلىشىش باسقۇچىدا >دەپ ئېيتقان بولسىمۇ لېكىن ،ئۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر خىل لاھىيەنى ئويلاشقان يەنى چەكلەش .بۇ شۇنى چۈشەندۈردىكى ،ئوبامانىڭ ئۇسۇلى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان . يەنى ئىران سۆھبەت ئارقىلىق يادرو قورالىغا ئېرىشىش نىيىتىدىن يېنىش ، بولمىسا ئامېرىكا ئەڭ قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، چەكلەش كۈچى ئارقىلىق يادرو ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلىدۇ .بۇ ھەرگىزمۇ تەسلىمچىلىك سىياسىتى ئەمەس .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-4-6 11:15:13 كۆرۈلۈشى : 367 قېتىم] |
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى
(2010 - 5 - 17)
, خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn ,
ئالاقە QQ نۇمۇرى :
396896928 ,
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ,
新ICP备10201682号 |
|