ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 4-ئاپرىل مۇنۇلارنى جاكارلىدى:ئالاقىدار تەرەپلەر ھەربىي ئىشلار سوتىغا 11-سىنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمقىلىش ۋەقەسىدىكى بەش نەپەر ئاساسلىق جىنايەتچىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى خالىد شەيىخ مۇھەممەدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.ئەگەر جىنايەت بېكىتىلسە بۇ بەش نەپەر جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇھەممەدتىن باشقا شىكايەت قىلىنغۇچىلاردىن يەنە ۋالىد ئاتەش،ئەلى ئابدۇللا ئاچىزى ئالى،مۇستافا ئەھمەد خۇساۋى ۋە رامۇچ بىنارشىبۇ قاتارلىقلار بار ئىكەن.شىكايەت ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا،بۇ بەش نەپەر كىشى 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈز بەرگەن نىيۇيورك،ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇنى شۇنداقلا پېنسىلۋانىيە ئشتاتىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلاپ ۋە ئىجرا قىلىپ 2976 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ بەش كىشىنىڭ جىنايىتى تېرورلۇق،ئايرۇپىلان بۇلاش،قەستلەپ ئۆلتۈرۈش،ئاددىي پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش،قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش ۋە مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش بولۇپ،بەش بۈرجەكلىك بىنا تەرەپ بۇ بەش كىشىگە بىرلىشىپ سوتلاش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.2009-يىلى ماقۇللانغان<<ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قانۇنى>>غا ئاساسلانغاندا،ئۇلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن.مەزكۈر لايىھىگە ئاساسلانغاندا،بۇ دېلونى سوتلاشقا مەسئۇل ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەرەپ بىر نەپەر ھەربىي سوتچىنى دېلونى سوتلاشقا بەلگىلىگەن شۇنداقلا 30 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيىسى گۇەنتانامو تۈرمىسىدە سوتلاش تەرتىپلىرىنى باشلايدىكەن.بەش بۈرجەكلىك بىنا تەرەپ مۇنداق دېدى:بۇ بەش كىشى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىسى بولغان ئادۋۇكات بىلەن تەمىنلەندى. شۇ كۈنى كەچتە،ئاقساراي باياناتچىسى مۇنداق دېدى:زۇڭتۇڭ ئوباما 9-سىنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمنى پەيدا قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى.ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوبامانىڭ كەلگۈسىدە گۇەنتانامو تۇرمىسىنى تاقاشقا كۈچ چىقارماقتا. ئامېرىكا تەرەپ ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،مۇھەممەد 9-سىنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغانلىقىنى، بىن ئاتەش ھۇجۇم قىلىش ئالدىدىكى ئايرۇدورۇم ۋە ئايرۇپىلان بېخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماترىياللىرىنى ئاختۇرشقا،بىنارشىبۇ ئامېرىكىغا كىرىپ ئايرۇپىلان بۇلاشقا مەسئۇل بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.باھالاشن ئىسپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن چەتئەلدىن ھۇجۇم قىلىشقا كېرەكلىك خىراجەت يۆتكەپ كەلگەن،ئالى ھۇجۇم قىلىش خىراجىتى توپلىغان،خۇساۋى ئايرۇپىلان بۇلىغۇچىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە ۋە خىراجەت بىلەن تەملىنلەشكە ياردەملەشكەن.مەنبە: roll.sohu.com
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号