ساقايماس كېسەل يىگىتنىڭ نىكاھلىنىشىغا ئاق كۆڭۈل تورداشلار يىگىرمە مىڭ فوندستېرلىڭ خالىس ياردەم قىلدى
ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەنگلىيىلىك يىگىت تام ئاق كۆڭۈل تورداشنىڭ ياردىمىدە قىز دوستى بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەنگلىيىلىك يىگىت تام قىز دوستى بىلەن توي قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى تەشەببۇس قىلغان،ھەمدە ئاق كۆڭۈل تورداشلارنىڭ سېخىيلىق بىلەن قىلغان ئىئانىسى - يىگىرمە مىڭ فوندستېرلىڭ بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشچە،25 ياشلىق تام راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇلۇپ،كىسىلىنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ،داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغاچقا، بارلىق كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان .ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزوسى قىز دوستى بىلەن رەسمىي يوسۇندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۇش ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Facebook تا ئىئانە توپلاش پائالىيىتنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە،تورداشلار ئۇنىڭ ئىئانە توپلاش تەشەببۇسىنى كۆرگەندىن كېيىن بەس-بەستە ياردەم قۇلىنى سۇنۇشقان،ۋە قىسقىغىنە 4 كۈن ئىچىدىلا،ئۇنىڭ توي مۇراسىمى ئۈچۈن يىگىرمە مىڭ فوندستېرلىڭ پۇل جەملەنگەن.