جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ30-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسەن بەرگەن خەۋىرى: بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن لادىننىڭ ئەڭ ياش خوتۇنى ھامەل يېقىندا پاكىستان ئەمەلدارلىرىغا ئۆزىنىڭ بىن لادىن بىلەن قېچىپ يۈرگەن مەزگىلدە 4 پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بالىنى پاكىستاندىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا يەڭگىگەنلىكىنى، لېكىن دوختۇرخانىدا پەقەت 2~3 سائەتلا تۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ھامەل 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بىن لادىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، سەرگەردان-قاچقۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ئېيتقان.ئۇ ئاۋۋال پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىگە بېرىپ پاناھلانغاندىن كېيىن. پېشاۋۇرغا بېرىپ بىن لادىن بىلەن ئۇچراشقان، ئاندىن ئۇلار يەنە سىۋات جىلغىسىغا بېرىپ تۇرغان. ئەڭ ئاخىرى 2005-يىلى ئابۇتابادقا ماكانلاشقان.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھامەل يەمەنلىك بولۇپ، ئائىلىسىدە 17 قېرىندىشى بار ئىكەن. ئۇ《ئىزچىل بىر غازاتچىغا ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن》 بىن لادىنغا ياتلىق بولغانىكەن.