جۇڭگو تور تېلېۋېزىيە ئىستانسسى خەۋىرى:جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ 31-مارت فېنۇمپىدا كامبۇدىژازنىڭ باش ۋەزىرى خوڭسىن بىلەن كۆرۈشتى.ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە رايۇن ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە بىردەك ھالدا جۇڭگو كامبۇدىژانىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىدۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى،ئىككى دۆلەت خەلقى ئەزەلدىن ياخشى قوشنا،ياخشى دوست،ياخشى بۇرادەر،ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ،ھەر ساھەنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ،2017-يىلىغا بارغاندا ئىككى دۆلەت سودا سوممىسى بىر قاتلىنىپ،بەش مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ. خۇجىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو كامبۇدىژانىڭ دوستلۇقى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن،دېپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان،ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن جۇڭگو كامبۇدىژا دوستلۇقى ۋاقىت ۋە خەلقئارا بوران-چاپقۇنى سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى.ئىككى دۆلەت ئومۇمىيۈزلۈك ئىستىراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىپ،سەمىمى ھەمكارلىشىپ،بىر-بىرىنى قوللاپ،ئورتاق تەرەققى قىلدى.جۇڭگو تەرەپ خۇڭسىن ۋەزىرنىڭ ئىزچىل ھالدا جۇڭگوغا بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىگە شۇنداقلا زور مەسلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا،جۇڭگو كامبۇدىژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشقانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. خۇجىنتاۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:نۆۋەتتە خەلقئارا ۋە رايۇن ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ.جۇڭگو كامبۇدىژا ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىستىراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ شۇنداقلا مەزكۈر رايۇننىڭ تىنچلىقى،مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.جۇڭگو تەرەپ كامبۇدىژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر يولدا تىرىشىپ،سىياسىي ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ،ئىناق ۋە دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. خۇجىنتاۋ جۇڭگو كامبۇدىژا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرشتا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى: بىرىنچى،قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ،ئىستىراتىگىيىلىك ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق جۇڭگو كامبۇدىژانىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىستىراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەركەت پىلانىنى ئورۇنتۇش. ئىككىنچى،پۇختا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىو،ھەر ئىككىلا تەرەپنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىش،ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىگە بىرلەشتۇرۇپ،يېزا-ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچى،بېخەتەر قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ،تېرورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىش. تۆتىنچى،كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ،ئۆز ئارا قوللاشنى كۈچەيتىش،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،شەرقى ئاسيا دۆلەتلىرى ،شەرقى ئىتتىپاق رايۇنلىرى مۇنبىرى ۋە مىكون دەرياسى رايۇن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى كۈچەيتىپ،ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك. خوڭسىن خۇجىنتاۋنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى ۋە تەكلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ مۇنداق دېدى:كامبۇدىژا جۇڭگو ئۇزاق مۇددەتلىك خوشنا ئەللەردىن بولۇپ،ئۆز ئارا ئىشىنىش،ئۆز ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ئاساسى پۇختا.كامبۇدىژا ھۆكۈمىتى ۋە خەلىقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن موھىم قوللاش ۋە ياردەملەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号