
1947-يىلى 7-ئايدا ،يېڭى مېكسىكا شتاتىنىڭ لوسۋېر رايونىنىڭ چەتتىكى قۇملۇق بەلۋېغىدا ،ئىنتايىن سىرلىق بىر ئۇچار جىسىم ئاسماندىن ئۇچۇپ چۈشكەن بولۇپ، دۇنياۋى خاراكتېرلىك پەرەز قىلىش ئۇنىڭدىن باشلانغان. ئاسماندىن چۈشكەن بۇ سىرلىق جىسىمدىكى ھەقىقەتەن تاشقى پلانېتا ئادىمىمۇ ؟ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئالدى -ئارقا زىددىيەتلىشىپ قالغان . ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر قورقۇپ بىر -بىرلەپ سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن . بۇنداق ھالەت كىشىنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم مۇتلەق مەخپىي سىر بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئويغا كەلتۈرىدۇ .
تاشقى پلانېتا ئادىمىنى ئاناتومىيە قىلىشنىڭ سىرى يېرىم ئەسىرگىچە ئېچىلمىغان .
1947-يىلى 7-ئايدا،<لوسۋېردىكى ئاسماندىن چۈشكەن جىسىم> ۋەقەسى دۇنيا كىشىلىرىنى چۆچۈتكەن بولۇپ، بۇ ئىش بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئۇچار تەخسىنىڭ پارچىلىرىنى تاپقاندىن سىرت يەنە بۇ تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ قارنىنى يېرىپ تەكشۈرگەن.
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ،ئامېرىكا ئۇچقۇچىسى تۇنجى قېتىم ئېنىق بولمىغان ئۇچار جىسىمنى ئۇچراتقان .
ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئېنىق بولمىغان ئۇچار جىسىملارغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيدى .1947-يىلى 5-ئايدىن تارتىپ 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 12ئېنىق بولمىغان ئاسمان جىسمى بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇنازىرە قوزغاپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى <لوسۋېردىكى ئاسماندىن چۈشكەن ئۇچار جىسىم>.
1947-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ،ئاز كۆرۈلىدىغان گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياققان بولۇپ، 49ياشلىق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى مەيك.بۇلازېر گۈلدۈرمامىدىنمۇ كۈچلۈك پارتلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان .ئىككىنچى كۈنى ئۇ لوسۋېنىڭ غەربىي شىمالىغا 75ئىنگلىزلىسى كېلىدىغان جايدىكى فۇست چارۋىچىلىق مەيدانىدا ،دائىرىسى 400 مېتىر كېلىدىغان مېتال پارچىلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق ئالاھىدە مېتاللارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . ئىككى كۈندىن كېيىن بۇ مېتال بۇيۇملارنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن .
بۇ ۋەقە ئەينى يىللاردا 7-ئاينىڭ8-كۈنىدىكى خەۋەرنىڭ باش بېتىگە چىققان بولۇپ، <لوسۋېردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ ئاممىۋى ئىشلارغا مەسئۇل مايور جىش.مابىر چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى بىر ئىشچىنىڭ قولىدىن بۇ ئۇچار جىسىمنى ئېلىۋالغان ،ھەمدە ئۇنى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 8-جۈنىنىڭ باش شتابىغا تاپشۇرغان . > دەپ يېزىلغان ئىدى .بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان .6سائەتتىن كېيىن ،ھاۋا ئارمىيە 8-جۈنىنىڭ باش قوماندانى لوجې.لېيمىننىڭ باياناتى جېش.مابىر مايورنىڭ سۆزىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇۋەتكەن .ئۇ :<مابىر مايورنىڭ ئېرىشكىنى ئۇچار جىسىم بولماستىن بەلكى مېتېئورولوگىيە شارىنىڭ قالدۇقى .>دېگەن .7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى يەنە بىر خەۋەردە چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى ئەزەلدىن بۇنداق ئۇچار جىسىمنى كۆرۈپ باقمىغان شۇنداقلا پارتلىغان ئاۋازنىمۇ ئاڭلىمىغان دەپ خەۋەر بەرگەن. بۇنداق ئالدى - ئارقا ماس كەلمىگەن خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان .
<موگىر پىلانى >ئامېرىكىنىڭ 1947-يىلى 6-7-ئاي مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان مۇتلەق مەخپىي بولغان ھەربىي ئىشلار تەجرىبىسى بولۇپ ، مەقسىتى گۈلدۈرماما پەيدا قىلالايدىغان ۋە ئاۋاز شەكىللەندۈرەلەيدىغان شارنى قويۇپ بېرىپ ،بۇ شاردىن پايدىلىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو تەجرىبىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن زەربىسىنى تەكشۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى يادرو پارتلاشنى سىناق قىلىشتىن ئىبارەت .
1947-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ،زىممىسىگە سىرلىق ۋەزىپىنى ئارتىۋالغان تەكشۈرۈش شارى ، ئالامود قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى ۋە ۋېيت ئارىلىدا مەخپىي ھالدا ھاۋاغا قويۇپ بېرىلدى . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېرىيالدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز يېزىلغان :<1947-يىلى 6-ئاي ،نيويوروك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى (ئۇچار جىسىم 4-نومۇر )نى ھاۋاغا تەكشۈرۈشكە قويۇپ بەرگەن. لېكىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن قايتۇرۋالمىغان .>
ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ <لوسۋېر ۋەقەسى>گە نىسبەتەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكۈنى :<بارلىق ئېرىشكەن ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ،لوسۋېر ۋەقەسىدىكى ھەرگىزمۇ ئۇچار جىسىم ئەمەس .ئۇ بەلكى موگىر پىلانىدىكى قويۇپ بېرىلگەن شار بولۇشى مۇمكىن .>بۇ يەكۈننىڭ كىشىنى تېخىمۇ قايىل قالارلىق بولۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەينى ۋاقىتتا بايقالغان <غەيرىي جىسىم>نى نەق مەيداندا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئانچە قىزىققۇدەكمۇ نەرسە ئەمەس ئىدى . بۇ ۋاقىتتا كىشىلەرگە ئاجايىپ سىرلىق تۇيۇلغان بۇ 50 يىللىق لوسۋېر ۋەقەسىنىڭ سىرى ئېچىلغاندەك بولدى .
1947-يىلىدىن باشلاپ 1994-يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ،گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى <لوسۋېر ۋەقەسى>نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى نەچچە قېتىم جاكارلىغان بولسىمۇ لېكىن ، بۇنىڭغا قىزىققۇچىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي بار ئاماللار بىلەن ئىسپات توپلاشقا ئۇرۇنغان .
ئۇچار جىسىمغا قىزىققۇچىلار كىچىككىنە يوچۇقلارنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىغان.ئەمما ئەڭ چوڭ ئىسپات لوسۋېر ۋەقەسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ،ئۆز قولى بىلەن چارۋىچىلىق مەيدانىدىن بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن قالدۇقلىرىنى ئېلىپ، جىش.مابىر مايورغا تاپشۇرغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.
جىش.مابىر ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 509-جۈنىنىڭ توپقا تۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخبارات خادىمى ئىدى . 509-جۈننىڭ توپقا تۇتۇش گۇرۇپپىسىدۇنيادىكى بىردىن -بىر ئاتوم بومبىسى ئېتىش ئەترىتى بولۇپ، مابىر خىزمەت قىلغان مەزگىلدە ئايروپىلان ھادىسىسى قاتارلىق ئىشلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى . شۇڭا 1947-يىلى ،جېش.مابىر ھاياتىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ فۇست چارۋىچىلىق مەيدانىغا بۇ ۋەقەنى تەكشۈرگىلى كەلگەن .
مابىرنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىگە نىسبەتەن كاللىسى ئوچۇق كىشىلەر گۇمانلىق نەزىرىنى ياغدۇردى.ئۇلار ئاينى ۋاقىتلاردا ئاتوم بومبىسىنى ئېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشقان بىردىن -بىر ئاخبارات خادىمى تۇرۇپ شارچە قالدۇقى بىلەن ئۇچار جىسىمنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىدى.
لېكىن ھاۋا ئارمىيىسى بايقالغىنى يەنىلا شۇ شارچە دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇردى .
<موگېر پىلانى>دىكى قويۇپ بېرىلگەن شارچە نېئوپدزىندىن ياسالغان بولۇپ، سىرتىدا قەلەي ياپراقچە بار ،شارچىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا لەگلەككە ئوخشايدىغان رادار نىشان سىستېمىسى بار بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شارنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاشقا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئورنىتىلغان . بۇ جىسىمنى بايقىغان چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى ئەينى ۋاقىتتا قەلەي ياپراقچىغا ئوخشايدىغان نەرسىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ ،بۇ بەلكىم شارچىنىڭ قالدۇقى بولۇشى مۇمكىن ئىدى .
لوسۋېر ۋەقەسى ئۆتۈپ كېتىپ 31يىلدىن كېيىن ،مابىر تۇيۇقسىز ئەمدى سۈكۈتتە تۇرۇشنى خالىمىدى . 1978-يىلى ،ئامېرىكا غەلىتە خەۋەرلەر بىلەن داڭلىق بولغان ژۇرنال <دۇنيا تەكشۈرگۈچىلىرى >ژۇرنىلىدىكى بىر خەۋەردە ،قىسىمدىن چېكىنگەن مابىر مايور ئۆزىنىڭ 1947-يىلى لوسۋېر ئەتراپىدا ھەقىقەتەن ئۇچار جىسىمنى بايقىغانلىقىنى ئاشكارلىغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلغان .
مابىر مايورنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن بەزى كىشىلەر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ <تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ جەسىتىنى > يۆتكەپ ماڭغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان .
ئىككىنچى كۈنى ئۇ سارفۇ سېستىراغا تېلېفون قىلىپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قىسىمنىڭ كۆڭۈل ئېچىش زالىدا كۆرۈشۈشنى پۈتۈشكەن . كۆرۈشكەندە،سارفۇ ئىنتايىن مىسكىن كۆرۈنگەن بولۇپ، ئاخىرى دەننىسقا ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ مەجبۇرى ھالدا تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ ئىچ-قارنىنى يېرىپ تەجرىبە قىلغانلىقىنى ،تەجرىبىدىن كېيىن جەسەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخايو شتاتىدىكى ۋېيىت ئارىلىغا يۆتكەپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن دەننىس سارفۇ سېسترانى پەقەتلا ئۇچرىتىپ باقمىغان . ئۇ سۈرۈشتۈرۈپ سارفۇ سېسترانىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن باشقا يەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن .
لوسۋېر ۋەقەسى توغرىسىدا ئىسپات ئىزدەۋاتقانلارغا نىسبەتەن دەننىسنىڭ ئىسپاتى ئىنتايىن ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئىسپاتقا ئاساسەن ئۇلار نۇرغۇن يەكۈنلەرنى چىقارغان .لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەتقىقاتچىلار دەنىسنىڭ ئىسپاتىنىڭ نۇرغۇن گۇمانلىق تەرەپلىرىنى بايقىغان .
بىرىنچى گۇمانلىق تەرىپى ،ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ تىزىملىكىدە سافىر ئىسىملىك سېسترانىڭ ئىسمىنى بايقىمىغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 1947-يىلى 7-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى لوسۋېر قىسمىدىن ھېچقانداق بىر سېسترا يۆتكىلىپ كەتمىگەن . ھېچقانداق ئادەم ،ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىمىغان .
1995-يىلى ئەنگلىيە ئۇچار تەخسە تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان لېي.سانتىرا ئىسىملىك ئەنگلىيە سودىگىرى 1947-يىلىدىكى سىنئالغۇنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا لوسۋېردىكى ئۇچار جىسىمنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىك ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ قارنىنى يېرىپ تەجرىبە قىلغانلىق جەريانىنىڭ ھەممىسى سۈرەتكە ئېلىنغان .
1995-يىلى ئەنگلىيە ئۇچار تەخسە تەتقىقات مەركىزى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇچار تەخسە تەتقىقاتچىلىرىغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 8-قېتىملىق خەلقئارالىق UFO چوڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.بۇ تەكلىپنامە دەرھال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ياۋروپا ،شىمالىي ئامېرىكا ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن جەمئىي 600دىن كۆپرەك ۋەكىل كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان .بۇ يىغىنغا لېي .سانتىرا سىنئالغۇ خاتىرىسىنى ئېلىپ كەلگەن.
لېي.سانتارا ئەنگلىيە مورىن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، 1993-يىلى بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز پۇرسەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قىسىمدىن چېكىنگەن فوتوگرافىنىڭ قولىدىن لوسۋېر ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سىن ئالغۇ لېنتىسىنى ئېلىۋالغان . بۇ 80ياشلىق فوتوگراف ئۇنىڭغا 1947-يىلى ئۇ جىددىي بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ ۋاشىنگتوندىن لوسۋېرغا ئۇچۇپ كېلىپ، لوسۋېر ۋەقەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۈرەتكە ئالغان . بۇ لېنتىدىكى سۈرەتنىڭ سىن ئېلىنغا ۋاقتى 91مىنۇت بولۇپ، ئاۋازسىز ئىدى .
بۇ لېنتا ئۇچار تەخسە تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي يەنە پۈتۈن ئىلىم-پەن ساھەسىنى تىترەتكەن . ئەمما بۇ لېنتىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىنى بايقىغان . يەنى ئىنتايىن داڭلىق ھەم چوڭ بولغان لوسۋېر قىسمى نېمىشقا ئالاھىدە ۋاشىنگتوندىن فوتوگراف تەكلىپ قىلىدۇ .ئەينى ۋاقىتتىكى ئاناتومىيە جەريانىنىڭ ھەممىسى رەڭلىك سۈرەتكە ئېلىناتتى ،شۇنداقلا ئاۋازى بار ئىدى .لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى يوق. فوتوگرافنىڭ تېخنىكىسى ئىنتايىن تۆۋەن ئارمىيە فوتوگرافلىرىنىڭ تېخنىكىسىغا يېتەلمىگەن .دېگەندەك بىر قانچە تەرەپتىن گۇمانلانغان .
خەلقئارالىق ئۇچار تەخسە تەتقىقات مەركىزى بۇ سىنئالغۇنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ دېگەن.
لېكىن كىممۇ ئويلىسۇن بۇ يىغىن ئاخىرلىشىپ 11يىلدىن كېيىن بۇ سىر ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان . 2006-يىلى 4-ئايدا ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كىشىنى چۈچۈتىدىغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان . ئەنگلىيە كىنو -فىلىم ئالاھىدە تېخنىك ئۇستىسى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ <تاشقى پلانېتا ئادىمنىنى ئاناتومىيە قىلىش >سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قانچە كەسىپ ئەھلىنىڭ بىرلىشىپ يالغاندىن پەيدا قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ 1947-يىلىدىكى لوسۋېر ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان .
لوسۋېر ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىش ئاخىرى ئاشكارىلاندى .لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي سىرى يەنىلا ئاشكارىلانمىدى .ئەينى ۋاقىتتا بايقالغىنى ھەقىقەتەن ئۇچار جىسىممۇ ياكى ........