|
|
تاجاۋۇزچى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن نېمىشقا يوقالمايدۇ |
ئامېرىكا يېقىندا ئافغانىستاندا ئۈچ ھەربىي بازىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش يېڭى پىلانىنى، ھەربىر بازىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا 100 مىليون دوللاردىن كۆپرەك خىراجەت كېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ يېقىندا 2012-يىل ئىيۇلدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ۋەدىسىگە زىت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى، يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىنتايىن تەسلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان كۈچىنى ئاسانلىقچە چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەشبۇرجەك بىنا قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە 2-ھەربىي بازىسىنى قۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، قىرغىزىستان دائىرىلىرى بۇنى رەت قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىدىغان-چېكىنمەيدىغانلىقى جاھان ئەھلى پەرەز قىلىدىغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 100 نەچچە مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۈچ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش يېڭى پىلانىنى ئاشكارىلىدى، دېيىلدى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى «ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ»، دېيىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەربىي بازىلارنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى ئامېرىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇرۇلۇشلار ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى. «سېئاتل ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە: بۇ ھەربىي بازا قۇرۇلۇشلىرى ئوباما يېقىندا ئېلان قىلغان 2012-يىل ئىيۇلدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىدىن ئىلگىرى پۈتمەيدۇ، دەپ تەكىتلەندى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئافغانىستاندا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا 2012-يىللىق مالىيە يىلىدا 1 مىليارد 300 مىليون دوللار ئاجراتقان، بۇ خامچوت ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، يېقىندا كېڭەش پالاتاسى مەبلەغ ئاجرىتىش كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىن پۈتىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تالىبانغا كۈچلۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئافغانىستاندا ھەربىي بازىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بەزى ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار: ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىدا تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇن بار، دەپ قارىدى. «ئامېرىكا ئەنئەنە فوند جەمئىيىتى»نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى كوۋن مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا مۇرەككەپ مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا «ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ». چۈنكى بۇ جاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ جاي تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى، تېررورلۇقنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە ۋە جۇڭگوغا يېقىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى بولۇپ، رۇسىيە بىلەن ئۇزاق تارىخىي ئالاقىسى بار. ئامېرىكا بۇ رايوندىن ۋاز كەچسە، بۇ دۆلەتلەر روسىيە ياكى جۇڭگوغا مايىللىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىيۇندا، ئافغانىستاندا قىممىتى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان قېزىلما بايلىقنى، كېيىن يەنە 1 مىليارد 800 مىليون تۇڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە نېفىتلىكنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا «ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش»ى راستىنلا مۇشۇ بايلىقلار ئۈچۈنمۇ؟ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئىۋان ئاندرېيۋىچ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستانغا «ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش»تا ئاساسلىقى جۇغراپىيەلىك سىياسىينى ئويلاشقان. ئوباما ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە تالاپەتنى ئازايتىشنى كۆزدە تۇتقان. ئامېرىكا ئىنتايىن تەسلىكتە قولغا كەلتۈرگەن ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئۈچ ھەربىي بازىسىنىڭ ھەر بىرىگە 100 نەچچە مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ قۇرماقچى بولغان بازىسى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى شىندەند، خىلماند ئۆلكىسىنىڭ دۋيېر ھەم شىمالدىكى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا يېقىن مازارى شەرىفقە جايلاشقان، مازارى شەرىفتىكى ھەربىي بازا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى قىلىنىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن «5-C» بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى قونالايدۇ ھەم ئۇچالايدۇ، شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا چوڭ تىپتىكى ئىككى سوقۇش ئايروپىلانى ۋە ئالتە تىك ئۇچار ئايروپىلاننى رېمونت قىلىش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ. ئامېرىكا بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: ئامېرىكا 131 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ كېڭەيتىپ قۇرىدىغان شىندەند ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىران چېگراسىغا ئاران 20 مىل كېلىدۇ، دېيىلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ بازا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشكىلا ئىشلىتىلىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، ئىران ئامېرىكا ئىرانغا قىستاپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيە تەھلىلچىسى خاررى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا <ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش>ى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى. ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ئىستراتېگىيەلىك بازىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازارى شەرىفكە جايلاشقان ھەربىي بازىسى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، ئامېرىكا ئافغانىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەت زېمىنى چېگرالىنىدىغان جايدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازا تورىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ». 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا 2000دىن كۆپرەك بازا قۇرغان، چوڭ-كىچىك ھەربىي ئەسلىھەسى 30مىڭدىن ئاشقانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2012-يىللىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازا قۇرۇلمىسى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى 38 دۆلەتتە 716 ھەربىي بازىسى بار ئىكەن. جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي بازىلىرى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا «V» شەكلىدە جايلاشقان، بىر تارمىقى ئالياسكىدىن، يەنە بىر تارمىقى شىمالىي ياۋروپادىن تۆۋەنگە سوزۇلغان بولۇپ، تۆۋەنكى ئۇچى ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان دىگوگارتسىيە بازىسىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەن قىسىمغا جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي بازا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلگەنىدى. ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازىسى يوق ئىدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى 2001-يىلى ئافغانىستاننىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى»غا ياردەم بېرىش نامى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە مۇھىم جايغا ئورۇنلاشقان. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى مېڭ شياڭچىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ھەرگىز قوشۇن چېكىندۈرمەيدۇ. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئىراق، ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزدى ھەم بازا قۇردى. ئامېرىكا يېقىندا ئىراقتىكى جەڭگىۋار قىسىملىرىنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازىلىرى يەنىلا مەۋجۇت. شۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكا ئافغانىستاندىمۇ مۇشۇنداق تاكتىكىنى قوللىنىشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، 2012-يىلىغا بارغاندا، ئوبامانىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىش-قىلىنماسلىقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال بەلگىلەيدۇ، مەسىلەن: يەرلىكنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ھەم ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتنى تېزگىنلەش-تىزگىنلىيەلمەسلىكى، گەپ ئاڭلاش-ئاڭلىماسلىقى قاتارلىقلار. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا 2014-يىلى قوشۇن چېكىندۈرگەن تەقدىردىمۇ، چېكىنىشنىڭ قانچە يىل داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرگەن تەقدىردىمۇ بۇ جايدا يەنىلا مەلۇم خىل شەكىلدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، چوڭ تىپتىكى ھەربىي بازا قۇرۇش بۇنىڭدىكى ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شىمالدا رۇسىيەنى، شەرقتە جۇڭگونى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندا ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-31 0:28:01 كۆرۈلۈشى : 327 قېتىم] |
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى
(2010 - 5 - 17)
, خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn ,
ئالاقە QQ نۇمۇرى :
396896928 ,
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ,
新ICP备10201682号 |
|