يەرشارى تورىنىڭ 14-فېۋرال خەۋىرى روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا كۆپ قېتىم «تەبىئىي گاز ئۇرۇشى» يۈز بېرىپ، ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنادىن ئۆتكەن روسىيە تەبىئىي گازىنى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىلەر تۇرمۇشى دائىم تەسىرگە ئۇچراپ تۇردى. بۇ ئۇكرائىنا ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى «FEMEN»نىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى ئالدىنقى كۈنى قاتتىق سوغۇققا قارىماي، يالىڭاچ بەدىنىگە«مۇھاسىرىگە ئېلىش» دېگەن خەتنى يېزىپ، روسىيە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ باش شتاب بىناسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈردى.
روسىيە «NEWSRU» خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى «FEMEN» 13-فېۋرال چۈشتىن كېيىن موسكۋادا قارشىلىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىشچىلار نۆلدىن تۆۋەن 25سېسلىيە گرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، يالىڭاچلانغان ھالدا روسىيە تەبىئىي گاز، سانائەت شىركىتىنىڭ باش شتاب بىناسى ئەتراپىدا يىغىلىش قىلىپ، روسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان« تەبىئىي گاز تېرورچىلىقى»نى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
FEMENنىڭ بىر ئاكتىپ ئەزاسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، FEMENئۇكرائىنا زۇڭلىسى لىموشىنكۇ بىلەن روسىيە ئىمزالىغان تەبىئىي گاز كېلىشىمىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى بۇ كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن روسىيىنىڭ ئۇكرائىناغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز باھاسى تالان-تاراج خاراكتېرىدىكى «جانغا زامىن باھا» ئىكەن.