سوخۇ تورى خەۋرى:يېقىندا « ئەربابلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا لېۋېرپول كۇلۇبى، بارىسلونا ھۇجۇمچىسى ۋېلانى سېتىۋېلىش ئىشىغا قايتىدىن تۇتۇش قىلىۋېتىپتۇ .ئەسلى بىر يىل ئىلگىرىلا ۋېلا ۋالۇنشىيادىن ئايرىلىدىغان چاغدا لېۋرپول ۋېلانى تالىشىش كۈرىشىگە قاتناشقان بولۇپ لېكىن بارسېلونا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىىنغاندىن كېيىن ،ۋېلاغا ئېرىشىش ئارزۇسىدىن قۇرۇق قالغان ،ئەمدى ھازىرقى شارائىتتا بولسا ئۇنداق ئەمەس ،ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ چاقنىغان يۇلتۇز بارسېلونادا ئۇنچە كام بولسا بولمايدىغان ئەھۋالدە ئەمەس ،چۈنكى ھازىر ۋېلانىڭ ئورنىدا كۈنسىرى ئۆزگىرىش بولماقتا يەنى فابرىگاس ۋە سانچىسلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى بىلەن ۋېلانىڭ غوللۇق ئەزا ئورنىمۇ خىرىسقا ئۇچۇرماقتا ،گۇئاردىئولا ھازىر فابرىگاس بىلەن سانچىسقا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ياراتماقتا ، پېدىرۇ بولسا مېسسى بىلەن خېلىلا ماسلىشىپ قالدى ،ۋېللانىڭ بارسېلونا بىلەن بولغان توختامى 2014 -يىلى توشۇدۇ، لېكىن بارسېلونانىڭ ۋېلا بىلەن تۈزگەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسى 170 مىليۇنغا بارىدۇ ، بۇ بەلكىم باشقا كۇلۇپلارنىڭ تەشەبۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ ۋېلانى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇشى مۈمكىن ،بىراق ھازىرقى شارائىتتا بارسېلونا كۇلۇبى ئۈچۈن 40 مىليۇن تېپىپ بېرىدىغان سودىنى قىلمايدۇ دېيىشكىمۇ بولمايدۇ .
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号