قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2012-يىللىق نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكى قومۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن نىجات ۋەلى ياقۇپ بىلەن مەھلىيا ئىبراھىم تەكلىپ بىلەن بۇ قېتىمقى نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مەيدان سىرتىدىكى مۇخبىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، «نورۇز ئېشى» تەييارلاپ يېيىش نورۇزلۇق پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقىمىزنىڭ يېمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىدە قۇمۇلنىڭ ياپما، پۆرە، كۆچە، نەزىر ئاش، نورۇز ئېشى قاتارلىق تائاملىرىنى ئۆزگىچىلىكى بار خاس يەرلىك تائاملار دېيىشكە بولىدۇ.