سۈننەت تويلارغا ئۆزگىچىلىك قوشۇۋاتقان سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى |

ئون يىل ئىلگىرى ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۆزگىچىرەك قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە خېلى كۆپ باش قاتۇرغانىدىم. چۈنكى ئەينى چاغدا سۈننەت تويلاردا چوڭلار بەكرەك گەۋدىلىنىپ، توينىڭ ئەسلىي ئىگىسى بولغان بالىلار «ئېتىبارسىز قالىدىغان» ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ قالغانىدى. ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلىگەن بولساقمۇ، دېگەندەك قانائەت ھاسىل قىلمىغانىدىم.
يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى دېگەن يېڭى بىر كەسىپنىڭ پەيدا بولۇپ، ئەينى چاغدا مەن ئارزۇ قىلغانغا ئوخشاش بالىلارنى توينىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، تويلارغا ئۆزگىچە مەنە ئاتا قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم.
سۈننەت توينىڭ ئىگىسى بالىلار
− ئىسمىڭ نىمە؟
− مەۋلانجان.
− قانچە ياشقا كىردىڭ؟
− ئالتە ياشقا.
− بۈگۈن كىم ئەڭ ئوماق، كىم ئەڭ ئەقىللىك، كىم ئەڭ باتۇر؟
− مەن.
− مانا سىلەردەك ئەقىللىك، ئوماق بالىلارنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئاناڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ، رەھمەت ئېيتىپ كېلىڭلار. رىياسەتچى مىجىت ئابدۇلېتىپنىڭ گېپى بىلەن تەڭ سۈننەت تويى بولۇۋاتقان بالا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتا - ئانىلىرىنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ، رەھمەت ئېيتىپ كېلىشتى. بۇ مىنۇتلاردىن تەسىرلەنگەن بەزى ئانىلار كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشتى. مانا بۇ سانجى شەھىرىدىكى مەلۇم رېستوراندا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سۈننەت تويدىكى كىچىككىنە بىر كارتىنا ئىدى. ئارقىدىنلا چاشقان بىلەن ئۆردەك (كارتون كىيىملىرىنى كىيىۋالغان رىياسەتچى ياردەمچىلىرى) ئاپتۇۋا - چىلاپچىلارنى كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىشتى، رىياسەتچى بالىلاردىن ئاپتۇۋا - چىلاپچىنىڭ ئىسمىنى، ئۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىدى، ئاخىردا ئۆزى ئۇنى بالىلارغا چۈشەندۈرگەچ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزدىنمۇ نەچچىنى قوشۇپ بالىلارغا سۆزلەپ بەردى. ئۆردەك بىلەن چاشقان ئاپتۇۋا - چىلاپچىدا ھەر بىر بالىنىڭ قولىغا سۇ بەردى. شوخ بالىلار ناخشىسى ياڭراش بىلەن تەڭ بالىلار تويى بولۇۋاتقان بالىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، «قارا - قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئويناشتى. ئارقىدىن رىياسەتچىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن قىزلاردىن ئۈچى بىر گۇرۇپپا، ئوغۇللاردىن ئىككىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، شارغا ناسوستا يەل بېرىپ يېرىۋېتىش ئويۇنىدا مۇسابىقىلەشتى. بالىلارنىڭ بەس - بەستە شارغا يەل بېرىۋاتقان جىددىي ھالىتىگە، قىزىرىپ، ئېسىلىپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ، مېھمانلار توختىماي كۈلۈشەتتى، بۇ پائالىيەتتىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ھەم ئۇلارغا ماسلىشىشى بىلەن بالىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ناخشا ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، يۇمۇر سۆزلەش، تېپىشماق تېپىش، مودېل مېڭىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماھارىتىنى كۆرسەتتى... بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ بالىلار پائالىيىتى تويى بولۇۋاتقان بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە بىر مەيدان ئۇسسۇلغا چۈشۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
رىياسەتچى مىجىت ئابدۇلېتىپ
بىر قانچە قېتىملىق سۈننەت تويدا ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، جۇشقۇنلۇقى، يۇمۇرىستىك سۆزلىرى بىلەن بالىلارنى بىردەمدىلا قىزىقارلىق بالىلار دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، تويلارغا ئۆزگىچە ھۆسن قوشۇۋاتقان سۈننەت توي رىياسەتچىسى، يەنى ئۈرۈمچى «خۇشاللىق» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مىجىت ئابدۇلېتىپنى مەن 11 - ماي زىيارەت قىلدىم.
گۇچۇڭ شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ مېھمانخانا باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مىجىت قانداق بولۇپ سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى كەسپىنى تاللاپ قالدى؟
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۇرۇق - تۇغقان، ئاغىنىلەرنىڭ توي - تۆكۈنلىرىدە ئانچە - مۇنچە خالىس رىياسەتچىلىك قىلىپ قوياتتىم. ھەر قېتىم سۈننەت تويلاردا رىياسەتچىلىك قىلغىنىمدا، توينىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان بالىلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. 2007 - يىلى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە سانجى شەھىرىدىكى بىر سۇ ئۈزۈش زالىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالدىم، شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىۋاتقان كارتون كىيىمى كىيىۋالغان خادىملار ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى، بولۇپمۇ بالىلارنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدىن بىر ئوي كەچتى، مەن توردىن ئاختۇرۇپ مەخسۇس كارتون كىيىملىرىنى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىچكى ئۆلكىدىكى بىر زاۋۇت بىلەن ئالاقىلەشتىم ھەم توشقانچاقنىڭ كىيىمىدىن بىرنى بۇيرۇتتۇم. ئاندىن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدىكى سۈننەت تويلاردا «توشقانچاق» بىلەن بىللە رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ چاغدىكى رىياسەتچىلىكنىڭ مەزمۇنىمۇ بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئاساسەن بالىلارنى يىغىپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش دېگەنلەر بىلەنلا چەكلىنەتتى». مىجىت توي - تۆكۈنلەردە رىياسەتچىلىك قىلىش جەريانىدا سۈننەت توينى بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان ھەقىقىي بالىلار سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ھەقتە خېلى ئەتراپلىق ئىزدەندى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز، ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىز تونۇشتۇرۇلغان كىتاب - ماتېرىياللارنى كۆردى، بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، ئەدەپ - ئەخلاق، ئاتا - ئانىنى ھۆرمەتلەش مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن ئەقلىيە سۆزلەر، ماقال - تەمسىل، ناخشا تېكىستلىرىنى خاتىرىلىدى، يادلىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى ھەمدە توي ئىگىلىرى ۋە مېھمانلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ئۇنى رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سۈننەت توي، گۈل توي رىياسەتچىلىكى، سىنغا ئېلىش، سۈرەت تارتىش، باغاق بېسىش ۋە پارچە - توپ سېتىش، توي مۇلازىمەت بۇيۇملىرىنى توپ - پارچە سېتىش، كارتون كىيىملىرىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن «خۇشاللىق» سودا چەكلىك شىركىتى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ 14 خىزمەتچىسى، سۈننەت تويلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن تۆتى، شىنجاڭدا سېتىش نۇقتىسىدىن 57 سى بار، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شىركەت ئىچكى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر كارتون كىيىملىرى زاۋۇتىنىڭ ھەم پاكىستان «راھەت» باغاقچىلىق شىركىنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىلىكىگە بېكىتىلدى، 2010 - يىلى شىركەت پاكىستاندىكى شىركەت بىلەن 500 مىڭ يۈەنلىك باغاق سېتىش توختامى ئىمزالىدى. شىركەت يەنە 160 خىل «خۇشاللىق» باغاقلىرىنى دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇردى، «خۇشاللىق كارتونلىرى» كۆپىيىپ 17 گە يەتتى.
ئاتا - ئانىلار نېمە دەيدۇ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توي - تۆكۈنلىرىمىزدە نۇرغۇن ئارتۇقچە قائىدە - يوسۇنلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزنى بىزار قىلدى، سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىنىڭ پەيدا بولۇشى بۇ ئىقتىسادىي يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىمۇ قانداق؟ مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى ئاتا - ئانىلارنى زىيارەت قىلدىم.
مىنەۋۋەر ئابدۇرېشىت خانىم مۇنداق دېدى: «ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىغا قوپقاندا، سۈننەت توي رىياسەتچىلىكى ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلاپ، ئارتۇق توي قائىدىسىدىن يەنە بىرسى كۆپەيدىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ، تەكلىپ قىلىش - قىلماسلىق توغرىسىدا دىلىغۇل بولغانىدۇق، كېيىن بۇ شىركەتكە بېرىپ، ئۇلار رىياسەتچىلىك قىلغان بىر قانچە تويلارنىڭ VCD پىلاستىنكىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدۇق. تويغا كەلگەن چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ، جۈملىدىن، بىزمۇ شۇ كۈنكى رىياسەتچىلىكتىن بەك رازى بولدۇق. مېنىڭچە، سۈننەت تويدا ئايال ساھىبخانا نەچچە رەت كىيىم ئالماشتۇرىدىغان، بالىلارغا قوشلاپ سوۋغات تارقىتىدىغان، ئەر مېھمانلارنىڭ ئۈستەللىرىگە تاماكا، چاقماقنى بىللە قويۇپ قويىدىغان قائىدىلەرنى قىسقارتساق، سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ».
جۈرئەت ئابلىمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ رىياسەتچىلىكنىڭ مۇنداق ئۈچ ئارتۇقچىلىقىنى ھىس قىلدىم: بىرىنچىسى، مۇشۇنداق بىر سورۇن ئارقىلىق، بالىلاردا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلالايدىغان جۈرئەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىكەن، ئىككىنچىسى، بالىلارنى توي مەدەنىيىتىمىز، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىمىز ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلالايدىكەنمىز، ئۈچىنچىسى، بەزى ئاتا - ئانىلاردا ساقلىنىۋاتقان خاتا بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە ئارتۇقچە شۆھرەتپەرەسلىكنى قامچىلاپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلالايدىكەنمىز». مىجىت مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئاستا - ئاستا قوبۇل قىلدى، توي كۆپ بولىدىغان پەسىللەردە يېتىشەلمەي قالىمىز، باشقا شەھەر، ناھىيەلەردىنمۇ تەكلىپ قىلىۋاتقانلار بار، بىز يېقىن ئەتراپتىكى قاراماي، مايتاغ قاتارلىق جايلارغىلا بارالىدۇق. ئۆتكەن بىر يىلدىلا 300 نەچچە تويغا رىياسەتچىلىك قىپتىمىز. بۇ جەرياندا كىشىلەر بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىر بەردى، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار».
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-3-7 22:25:20 كۆرۈلۈشى : 1863 قېتىم] |
|