تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى: خۇبىڭ،مو شياۋچى،پۇ لۇجى(كورىيە)،ۋاڭ شۇاڭباۋ،لى لىڭيۈ،جاۋ مىڭ قاتارلىق چولپانلار بىللە رول ئالغان، «ۋەھىمىلىك ئويۇن»نىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى ئاخىرلىشىپ،تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى كېيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىگە بېكىتىلىپ،چاغان مەزگىلىگە توغرىلاندى. «ۋەھىمىلىك ئويۇن» دېگەن بۇ كىنودا، بىر توپ شەھەرلىكلەرنىڭ قاقاس ئارالدا ساياھەتتە بولۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار ھېكايە قىلىنغان بولۇپ،فىلىم چىقارغۇچى تاۋزى بۇ ھەقتە توختىلىپ،«كىنودىكى تەپسىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاساددىپي بولغاندەك تۇيۇلسىمۇ،بىراق بىر قانچە ياشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۈزلەنگىنى قانداقتۇر بىرەر تەبىئي بالايى- ئاپەت بولماستىن ،بەلكى قانخور بىر جىنايەتچى بولۇپ چىقىدۇ»دېگەن. ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاتالمىش «ۋەھىمىلىك كىنو»دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن ۋەھىمىدىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان،ھەتتا كومېدىيە تۈسنى ئېلىپ قالغان كىنولاردىن پەرقلەندۈرۈش، شۇنداقلا كەڭ تاماشىبىنلارغا دۆلىتىمىزنىڭمۇ ھەقىقىي ۋەھىمىلىك كىنو ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش يۈزىسىدىن،«ۋەھىمىلىك ئويۇن»سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ناھايىتى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،سىنارىيە مەسلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغان، زادى قانداق ئۇسۇلدا سۈرەتكە ئېلىش ئۇلارنىڭ بېشىنى خېلىلا قاتۇرغان بولسىمۇ،بىراق رەسمىي سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا بۇ مەسلىلەرنىمۇ ھەل قىلىپ كەتكەن.سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى باشلانغاندا فىلىم چىقارغۇچى تەرەپ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنى خەينەنگە ئېلىپ بېرىپ مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئالغاندىن سىرت، يەنە كىنودا كۆپلەپ ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن قورال ئورنىدا پايدىلانغان.مەسلەن:قارماق،بېلىق تورى قاتارلىقلار.فىلىم چىقارغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە،بۇنداق قىلغاندا كىنونىڭ ۋەھىمە تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.كىنونىڭ رېژىسسورى جۇ ياۋۋۇمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ،«ۋەھىمىلىك ئويۇن»دېگەن بۇ كىنو ياۋروپا ۋەھىمىلىك كىنولىرىنىڭ ۋەھىمىلىك تۇيغۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن،يەنى ئاسىيا ۋەھىمىلىك كىنولىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن» دېدى.ئىلگىرى ئاشكارىلانغان بىر بۆلەك كىنو ئارىيەلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى،«ۋەھىمىلىك ئويۇن» دا قاراڭغۇ ۋەھىمىلىك كەيپىياتتىن باشقا يەنى،ياۋروپانىڭ ۋەھىمىلىك كىنولىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قانخورلۇق كەيپىيات ئاۋۇتۇلغان. فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،«ۋەھىمىلىك ئويۇن» ئەسلىدە 2011-يىلى10-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلماقچىكەن.بىراق ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن،كىنونىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ئىزچىل كەينىگە سۆرىلىپ كەلگەنىكەن.بۇ قېتىم فىلىم گۇرۇپپىسى كىنونىڭ قويۇلۇش ۋاقتىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېكىتكەن بولۇپ،2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدىكەن. خۇبىڭ،لى لىڭيۈ،ۋاڭ شۇاڭباۋ،جاۋ مىڭ قاتارلىق چولپانلارنىڭ بۇ تۈردىكى كىنولاردا تۇنجى قېتىم رول ئېلىشى بولۇپ،ئۇلارنىڭ«ۋەھىمىلىك ئويۇن»دىكى ئىپادىسىمۇ كىنونى ئاجايىپ يورۇتۇۋەتكەن.بولۇپمۇ داڭلىق مودېل خۇبىڭ ياپونىيەدە بەش يىل تەربىيىلىنىپ كەلگەندىن كېيىن،تۇنجى قېتىم مەملىكەت ئىچىدىكى سودا خاراكتېرلىك ۋەھىمىلىك كىنودا رول ئېلىشى بولۇپ،ئۇمۇ كىنونىڭ بالدۇرراق قويۇلۇشىغا تەقەززا ئىكەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号