بالام دەپ كىچىگىمدە ئەركىلىتىپ باققان ،
ئەركە ئوغلۇم دەپ كۆپ جاپالار تاتقان ،
مىنى كىچىگىمدە مورىسىدە كۆتىرەتتى دادام .
كۈلسەم ئارقا-ئارقىدىن ئاسمانغا ئاتقان .
دادام مەن ئۈچۈن تىشانتاغ كەبى تۇرغان،
كەلسە كۈلپەتلەر بىشىمغا بولغان قورغان .
قورقىمەن شۇ تاغنىڭ يىمىرلىشىدىنشۇنچە
ھايات يولۇمدا ماڭا شام- چىراق نۇر بولغان .
ئۆتنەي كەتمىگىن دادا سەن مىنى تاشلاپ ،
قالغىم يوق مىنڭ يالغۇز كۆزۇمنى ياشلاپ
سەندىن ئايرىلسام كىچە كۇندۇز ئوخشاش
ياشارمەنمۇ ئۆزۇمگە-ئۆزۇم قارىماي تاشلاپ
يىراقتىمەن ھازىر سەندىن بەكلا يىراتقا ،
ئاڭلىدىم ئەنە بۈگۈن سىنى سەكراتتا دەپ .
دىمەپ سەن تېخى ئەنسىرمىسۇن مىنىڭدىن
بولالمايدۇ خاتىرجەم دەپ غېمىمنىلا يەپ .
چىدالمىدىم جان دادا ئاڭلاپ مەن بۇ خەۋەرنى،
ساقىيىپ كىتىسەن جان دادا غەيرەتلىك بولغىن
ئاكا-ئىنى -سېڭىللىرىمنى تاشلاپ كەتمىگىن ،
ياخشى بوپ قالىسەن ھامان ئاللاھتىن تىلىگىن.
ئابدۇقادىر مەخمۇت 2012-02-