دۇنيادىن ئىزدىگەن سىنىلا پەقەت،
بىراق سەن مىنىڭدىن تولمۇ يىراق.
تەلمۈرۈپ ھەرقانچە كۈتكىنىم بىلەن،
كەلمەسسەن قېشىمغا بىر نۆۋەت بىراق.
سىمايىڭ قەلبىمدە ئەگىيدۇ ھەردەم،
ئەپسۇسكى قەلبىڭگە قونمىدىم بىراق.
چىن يۈرەكتىن سۆيگەن بىر سىېنى،
سەن مىنى سۆيۈشتىن يىراقسەن بىراق.
سۆيەر ئىدىم سىنىلا ئەبەدىل-ئەبەد،
ئۆزگىگە كۆڭلۈڭنى بەرگەنسەن بىراق،
سەن كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن كۈنى،
كېتەرمەن بەلكىم دۇنيادىن ئۇزاق.
ئابدۇقادىر مەخمۇت2012-03-0-11