قاتار چاي - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
قاتار چاي

ئاي كۈنلەرنى بوش قويماي رەتكە تىزار چېيىمىز،

ئەسەبى جاز ۋاڭ-چۇڭدا كۆكنى يارار چېيىمىز،

ماڭسا مۇشۇ سۈرئەتتە نەگە بارار  چېيىمىز ،

چەكتىن ئېشىپ ئاخىرى ئۆينى بۇزار چېيىمىز ،

كەڭ جاھانغا پۇر كەتتى بىزنىڭ قاتار چېيىمىز.

 

ئاشۇ چاينىڭ ۋەجىدىن ئۆيدە تاماق ئەتمەك يوق،

تەرلەپ-تەپچىپ ئولتۇرۇپ سۇيۇق -سەلەڭ ئىچمەك يوق،

چاي قوغلىشىپ پەرزەنىتكە ،ھېچبىر مىھىر -شەپقەت يوق،

بوش كۈن  نەدە  بىزلەردە، زادى ئارام -پۇرسەت يوق،

ئۆگەنمەك يوق مېھنەت يوق،كۈندە قىزار چېيىمىز .

 

ئەرلەر ماڭسا بىر ياققا ،ئايال باشقا بىر چايدا ،

خەقلەر ئەجەپ شان قۇچتى بىز ئاشۇنداق <<ناي-ناي>>دا ،

ئايلاپ ،يىللاپ چاي ئويناپ تاپتۇق قېنى نە پايدا ،

ئىلىم-ئىرپان ئۆگەنمەي قالدۇق شوڭا  ئاھ!داغدا ،

تالايلارنى پۇشايمان دەرىتتە قويار چېيىمىز .

 

ئەجدات جەڭدە ئات چاپسا ،شان ئىزدىدۇق بىز چايدىن،

ئۆينى تاشلاپ جاي تۇتتۇق رېستۇراندىن-پىنھاندىن ،

چايغا باردۇق خوتەنگە ،غۇلجا ،ئاقسۇ ،تۇرپاندىن ،

كۈلدى خەقلەر بىزلەردەك چاي خۇمارى ئىنساندىن،

زېھنىمىزنى ئۇپراتتى بىلسەك تەكرار چېيىمىز .

 

<<ساۋاقداشلار>><<بويتاقلار>><<ياشانغانلار>>چېيى دەپ ،

يۈزلەپ چاينى تۈرلەرگە ئايرىۋەتتۇق بىر -بىرلەپ ،

قاندا ماي،قەنت كۆپەيدى كۈندە ئىچىپ ،كۈندە يەپ،

چەبدەسلىكتىن خوشلىشىپ ،قورساق سالدۇق سېمىزلەپ،

ھۇشىمىزنى تاپمىساق گۆرگە تارتار چېيىمىز .

 

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ،دېھقان يەرگە ئالدىراش،

ئەمما بىزنىڭ ئىشىمىز كۈندە چايغا قاتىراش ،

چايچىلارنى ياساشقا ئاندىن جىددى ساتىراش،

ئەقلىمىزگە كەلمەيدۇ ئۈزىمىزنى ئاسىراش ،

قاچانغىچە توختىماي يەنە قاينار چېيىمىز.

 

مەنبەسى :ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي شىئىرلىرىدىن

         كۆرۈلۈشى:991     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-4 20:11:07يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇزاق..
خانىم-قىزلار بايرىمى..
ئاغرىتتىڭ يۈرىكىمنى ..
قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682