مۇزلىغان دىل - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
مۇزلىغان دىل

شىۋىرغانلىق كەچكۈز ئاخشىمى،

ئويغانماقتا دىلدا بىر ھاياجان.

قىيناپ ئازاپلايدۇ مەۋجۇتلۇقۇمنى،

ئارام بەرمەي بىر شىرىن  ئارمان.

سىڭمەكتى مەن تۈننىڭ قوينىغا،

شۇنچە مۇڭلۇق غەمكىن قەدەمدە.

مەن چىدايمەن ئاخىرقى بىر رەت،

ئۆرتەنسە قەلبىم ئاچچىق ھەسرەتتە

 

ۋازكەچمىدىم ھاياتتىن مەن ئەسلا،

تۆكۈلسىمۇ كۆزيېشىم قانچە تەكرار.

ياشاش ئۈچۈن بەخىت ئىچىدە مەن،

مەن كۆڭلۈمنى قىلالماي ساڭا ئىزھار.

كەچمىشىمنى ئوۋلىغان  ئوۋچى،

ئىزلىرىمنى كۆممەكتە ھەردەم.

چىدايدىكەن ھەممىگە ئاشىغىم،

كۆيدۈرسىمۇ باغرىنى دەرت-ئەلەم.

 

 

 

 

ئابدۇقاردىر مەخمۇت 2012-3-01 

         كۆرۈلۈشى:1142     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-3-1 19:07:58يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

ئۇزاق..
خانىم-قىزلار بايرىمى..
ئاغرىتتىڭ يۈرىكىمنى ..
قاتار چاي..
بولدى قىل..
مۇزلىغان دىل..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682