ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
 
 
 
خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | لايىق ئىزدەش
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ

 

ئامېرىكا مىژگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بىر ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئەرلەر بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق چىداملىق ئەمەس ئىكەن. ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەلگەن بىسىم تۈپەيلى، ئەرلەرنىڭ ئۆمرى بارغانچە قىسقىراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكى نۆۋەتتە زور خەۋپكە دۇچ كېلىۋىتىپتۇ.
     كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت
     مىژگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆمرىنىڭ قانچىلىك پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن، پەقەت ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت نوپۇس تەشكىلاتىنىڭ كۆپ يىلىق تەكشۈرۈش سىتاتىسكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن بەش ياشتىن 10 ياشقىچە قىسقا بولىدىكەن، ھالبۇكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە بۇ پەرق يىلسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىۋىتىپتۇ.
     مەسىلەن دۆلىتىمىزدە 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن بىر يىل، 80-يىللاردا ئىككى يىل، 90-يىللاردا تۆت يىل قىسقا بوپتۇ، 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بولسا بەش يىل قىسقىراپ كېتىپتۇ. ھالبۇكى ئامېرىكىدا ئادەتتىكى سىتاتىسكىلاردا ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن يەتتە يىل قىسقا بولىدىكەن، روسىيە بولسا 10 يىل قىسقىكەن. 2001-يىلى بىيجىڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 74 ياش بولۇپ، ئەرلەرنىڭ 70 ياش ئىكەن.
     نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلغاندىن بۇيانقى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان تېما ۋە ھەقىقەت بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا تەتقىقاتچىلار ۋي مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ «ئەرلەر ياش تۆكمەيدۇ، ھەممە گەپنى ئىچىگە سالىدۇ، كېسەل بولۇپ قالسا دوختۇرغا بارمايدۇ، ئۆيىگە قايتقۇسى كەلمەيدۇ» دېگەندەك بىر قىسىم خۇلاسىلىرى بار. ئەمما بۇ خۇلاسىلەر يېتەرلىك ئەمەس، چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېلېمېنتلاردىن يەنە ئەرلەرنىڭ بىر قىسىم مىجەز-خاراكتېرى، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ بېسىمى قاتارلىقلارمۇ بار. مەسىلەن، ئەرلەرنىڭ ئاساسىي ماددا ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى بولىدۇ، مەنمەنچى، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار، تەۋەككۈل قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، مىجەزى ئىتتىك، ھاراق ئىچىشكە ئامراق قاتارلىقلار.
     تاماقنى كۆپ يىيىش
     ئىككى جىنس دېمەك فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى پەرق دېمەكتۇر، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى ئاياللارنىڭكىدىن %5-%7 كىچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا خورايدىغان ئىنىرگىيىسىمۇ ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى. ئىنىرگىيىنى قوبۇل قىلىش ۋە خوراشنىڭ ئادەم ئۆمرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەلىمىدە، بۇ ئىككىسى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ دەپ قارايدۇ. تەتقىقاتچىلار ئاق چاشقاننى سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاز ئوزۇقلاندىغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان زىيانلىق ئەركىن رادىكال نىسبەتەن ئاز بولىدىكەن، ئادەمنىڭ  DNAۋە ھۈجەيرىسىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقىمۇ ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قېرىشنى ئاستىلايدىكەن دېگەن قاراش كەلگەن. بۇ بەلكىم تاماقنى كۆپ يەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا قىسقا بولىدىغانلىقىغا بولغان ياخشى چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك.
     تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى
     ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئىلمىي ۋە ساغلام ئەمەس. مەسىلەن، ئەرلەر ھاراق ئىچىشنى، تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھالبۇكى ھاراق ۋە تاماكا ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ قەبىھ قاتىللارنىڭ بىرى، يەنە كىلىپ بۇلارنىڭ ئەرلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئاياللارنىڭ كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەرلەر تاماقنى ئاچكۆزلەرچە يېيشكە ياكى دائىم زىيادە تويۇپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرىچە نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئەرلەر ئادەتتە ياغ ۋە ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياغ ۋە ئاقسىلنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىش ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللار ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا سەل قارايدۇ، تېرە راكىغا تەكشۈرتۈشى ئېلىپ بارمايدۇ.
     بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇرۇش نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى، ئەمما ھازىرقى تىنچلىق دەۋرلىرىدە ئەرلەرنىڭ مەنمەنچىلىكى ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئاياللارنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەر مەنمەنچىلىك قىلىپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەيدۇ، ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
     ئەرلەر ياش تۆكمەيدۇ
     ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللار ئاسان ياش تۆكىدۇ. ئەركىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر ياش تۆكسە ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، ئەرلەر ياش تۆكۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سالامەتلىكى ۋە ئۆمرىگە زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ياش تۆكۈش ئارقىلىق بىسىمنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياش تۆكۈش ئارقىلىق زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ياش تۆكمەسلىكى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
     بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاياللارنىڭ ئالاھىدە بولغان فىزىئولوگىيىسى ئاياللارنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغان. 

         كۆرۈلۈشى:4774     قوشۇلغان ۋاقتى:2012-5-21 19:44:48يوللىغۇچى ئەزا:xirinim
 
 

يېڭى تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
10 مىڭ تىللاغا ساتما..
تېلىفۇن بېرىش ۋە ئاد..
فرانسىيىدىكى گۈزەل ن..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
Intel نىڭ Windows 8 ..
تەۋسىيە تېمىلار

 

توي قىلىش ئەرلەرنىڭ ..
ئەرلەرنىڭ ئۆمرى نېمە..
يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىدىك..
ئەنگىلىيە تەتقىقاتچى..
مۇستەقىل كۆز قارىشى ..
ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈت..

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682